logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ب د ت نىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىدا

 

3defdb1b-3ba2-4515-8377-2e14f6f88504

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا 21-نويابىر كۈنى باشلانغان تۇنجى نۆۋەتلىك «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

«كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى 21-نويابىر باشلانغان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇنداق بىر مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قارارى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن 2015-يىلى 3-ئايدا ئېلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈن ئالاھىدە دەبدەبە بىلەن باشلانغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.

ب د ت نىڭ 2814-نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا بىنائەن بۈگۈن باشلانغان مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بۇ خۇسۇستا ب د ت باش شتابىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىنغا ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، قانۇنشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ يۈزلەرچە كىشى قاتناشقان.

تۇنجى نۆۋەتلىك «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىزگە، ئالدى بىلەن ب د ت نىڭ بۇ مۇنبەرنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

مەزكۇر يىغىننىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى 1-باسقۇچى ياشلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1-باسقۇچلۇق يىغىن خاتىمىسىدە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ب د ت باش ئەلچىسى ئاھمەد ئالھەنداۋى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى، خانىم-قىزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى 22-نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا سۆز قىلىش ھەققىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان پائالىيەتلىرى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپ تەرەپلىمىلىك دوكلاتلار تەقدىم قىلىشقا ھازىرلانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kishilik-hoquq-yighin-11212016144649.html

Share
1089 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.