logo

trugen jacn

ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ قوش تىل تەييارلىق سىنىپىدىكى يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ سانى 550 مىڭغا يېتىپ بارىدۇ

 

ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ قول تىل تەييارلىق سىنىپىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ سانى ئاز كەم 550 مىڭغا يېتىپ بارىدىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل رايوندىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ 2 يىللىق قوش تىل تەييارلىق مائارىپىغا 949 مىليون سوم پۇل ئاجراتقان.

خەۋەردە، بۇ يىل 549 مىڭ 600 يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرىنىڭ بالىلار باغچىلىرىنىڭ قول تىللىق تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردا ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش خىراجىتى ۋە تاماق پۇلىنى بىكار قىلىشى دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەسلىلەردە ئانا تىلى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارغا قوش تىل مائارىپىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشى ئەندىشە قوزغىغان.

بۇ، مائارىپچىلار، پسىخولوگلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بۇ پروگراممىغا، بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ قارشى چىققان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا باغچە مائارىپ يېشىدىكى يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 662 مىڭ بولۇپ، 520 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر قوش تىل مائارىپ تەربىيەسى ئالغان. بۇ، باغچە مائارىپى يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 67.78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qosh-til-yesli-06102016160748.html

Share
1362 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.