logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دېھقاننى ئۇرۇپ مېيىپ قىلغان خىتاي سېكرېتار لۈ رۇڭنىڭ مەنسىپى يەنە ئۆستى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز ئۆتكەن يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار يېزىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي سېكرېتار لۈ رۇڭنىڭ ئۇيغۇر دېھقان مەمتىمىن مەتتوختىنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆستۈرۈلۈپ كېرىيە ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە قايتا تېلېفون قىلىپ سېكرېتار لۈ رۇڭ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. شاھىتلار لۈ رۇڭنىڭ بۇ يىل يەنە ئۆستۈرۈلۈپ، خوتەن ۋىلايەتلىك بىرلىك سەپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى، 2 يىل قاماقتا يېتىپ چىققان مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ بولسا پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان پەرزەنتى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇيغۇر دېھقاننى ئۇرۇپ مېيىپ قىلغاندىن كېيىن شەنبەبازار يېزىلىق پارتكومدىن يۆتكىۋېتىلگەن ۋە ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن سابىق سېكرېتار لۈ رۇڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ ئائىلىدىكىلەر لۈ رۇڭنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈلۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىز بۇ ئىشنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق ۋە بۇ ئىدارىدە لۈ رۇڭ ئىسىملىك بىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى يەنە بىر خادىمدىن مەلۇمات سورىدۇق، ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خادىم، مەمتىمىن مەتتوختى ئائىلىسى توختاۋسىز ئەرز قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن لۈ رۇڭنى شەنبەبازار يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كېرىيە ناھىيىسىگە يۆتكىۋەتكەنلىكىنى، ئەمما لۈ رۇڭنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ئىدارىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ، لۈ رۇڭنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن ۋىلايەتكە ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا زوراۋانلىق قىلغان ۋە ئۇلارنى بوزەك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆستۈرۈلۈشى ئەمەس، شۇڭا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش مۇقىملىقتىن باشقا غايىسى يوقلۇقىنى، زوراۋانلىق تەبىئىتى ۋە تەجرىبىسى بولغان خىتاي، ۋەزىپىدارلارنى ھېچقاچان جازالىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-meyip-09022015143935.html

Share
797 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.