ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە 1791 كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 2217 دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە بۇلتۇر جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ «ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ساياھەت قىلىش، سوغات قوبۇل قىلىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك قىلىشتەك ‹تۆتكە خىلاپلىق قىلىش› قىلمىشى سەۋەبلىك جازالانغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما خەۋەردە بۇ كادىرلار ئىچىدە سىياسىي سەۋەبتىن جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇلتۇرقى خەۋەرلىرىدە، ھەرقايسى جايلاردا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم ناھىيە دەرىجىلىك ۋە يېزا كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، بەزىلىرىنىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ھەتتتا بىر قىسىم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاتالمىش«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان»، «چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قانۇن ئورۇنلىرىدا سوتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kadir-jaza-04072015162754.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.