logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى يىغىش باشلانغان

 

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھەربىر كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن تىۋىتتېر تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بىر جەدۋەلنىڭ رەسىمى تارقالغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر جەدۋەل «ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇچۇرى جەدۋىلى» بولۇپ، جەدۋەلدە ھەر بىر كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سانى، جەدۋەلنى تولدۇرغۇچى بىلەن قانداق تۇغقاندارچىلىقى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولد ئەپەندى تىۋىتتېر تورىدا بۇ جەدۋەل ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» بىلەن قىياسلىغان.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ياكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ۋە ئىش ئورگانلىرىنى يېزىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يۇقىرىدىكى جەدۋەل بولسا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-07272017144417.html

Share
1287 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.