logo

trugen jacn

ئىگىلىك تىكلەش ياكى سىياسىي ۋەزىپە بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش «ئىشقا ئورۇنلىشىش » ھېسابلىنامدۇ؟

article-1199396-05B235A1000005DC-986_468x281

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ زورايتتى. خىتاي خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل تارقاتقان ئۇيغۇرچە خەۋىرىدە، 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايون قارمىقىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 60% ئىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقى قەيت قىلىندى. دائىرىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاساسەن ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش ياكى ئىگىلىك تىكلەشكە ئوخشاش شەرتلىك ۋە چەكلىك دائىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، خەلقئارادا ئۆلچەملەشكەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەقىقىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنامدۇ؟ بۇنىڭغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۆزەتكۈچىلەر نېمە دەيدۇ؟

خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ بېشىدا «2016-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، جايلاردىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا دائىرىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىغا تايىنىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايوندا بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %56.9 كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى كۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى مەھەللە كومىتېتلىرى،جايلىرىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ساقچى ئىدارىلىرى، يېزا-كەنتلەرنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىق، ئامانلىق خادىمى، مەھەللە كومىتېتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە جەلپ قىلىنغان. شىنجاڭ گېزىتى 26-ئىيۇل خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزا، ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش يېتەكلەش مېخانىزمى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرمۇ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلاملارغا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەدەت بەرگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

شۇنداقلا ئالىي مەلۇماتلىق ياشلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىملىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىشىغا قارىتا «ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا، زامانىۋى مەدەنىيەت، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى كونا قائىدە-يوسۇن ۋە يامان ئادەتلەرگە بېسىم شەكىللەندۈرۈش، ياشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى تەدرىجىي تونۇتۇپ، دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى ماكان قۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا» دەپ باھا بېرىلگەن.

بۇ ھەقتە يېقىندا رادىيومىزغىمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردىن ئىنكاسلار كەلگەن ئىدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنماي، ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان، ئۆزى خالىمايدىغان، پەقەت ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىتى بويىچىلا ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مائاشلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېسابلانمايدۇ. ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان، ئادالەتسىز رىقابەتكە سېلىنغان بۇ ياشلار ئىنسانىي ۋە قانۇنىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرى خورلانغانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل سىياسىي غەرەزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە مەسىلىنى يۈزەكى ھەل قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان مۇنداق دېگەن: «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ، پارلاق كىشىلىك ھايات يولىغا قەدەم قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»

بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شاۋفېڭ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن : «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدا ئۈچ جەھەتتە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىندى: بىرىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاساسىي ۋاسىتىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككىنچى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى ۋە «چاققان، قۇلاي، تېز» تۈرلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش سىجىل ئاشتى. ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.»

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھېلىھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ۋە قانۇنلۇق ھەق‏-ھوقۇقلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. يەنى ھازىر خىتايدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدا بولسۇن ‹ئەڭ بازارلىق كەسىپ› دەپ قارىلىۋاتقان كەسىپلەردە ئوقۇغان ھەتتا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇنداق ئىش تېپىش ئاسان كەسىپلىرىنى كۈتكۈزگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىش تېپىش جەريانىدا ھەتتا ئىگىلىك تىكلەش يولى ئىزدەشتىمۇ مىللىي كەمسىتىشكە ۋە ياقلاشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىئومىزغا نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئىش ئىزدەش جەريانىدىكى جەبىر ‏-جاپا ۋە خورلۇقلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس» دەپ بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى مۇنداق مۇلاھىزە قىلدى «گەرچە ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىش تېپىشىنىڭ تەس بولۇش مەسىلىسى ھەر قانداق دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتايدىكى مەۋجۇت سىياسەت ۋە سىستېما ئىقتىدارىغا قاراپ ئەمەس، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ئادالەتسىز بىر رىقابەت سىستېمىسى بولغاچقا، ئىشسىزلىق ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە، ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغلىرى بىلەن كارخانا قۇرۇش ياكى ئىگىلىك تىكلەشنى ئىقتىسادى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشتە زۆرۈر بولغان كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەنمەي تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە قىستاش، بۇ ياشلارنى خەتەرگە ئىتتەرگەنلىك.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئىشسىزلارنى يۆتكىشىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ بىر خاتا سىياسەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : «ئەمەلىيەتتە نوپۇسى ئۇنچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر رايونىدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى بولماسلىقى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىشى بىلەن ئۇلار دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ئاساسلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالدۇرۇلغان، بۇ كۆچمەن ياش خىتايلار كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش، مىللىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىدە كاللىسى يۇيۇلغان بىر ئەۋلاد. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلىياتسىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدۇ، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ھەر جەھەتتە مەنپەئەت توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەل شۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمەن دەيدىغان بولسا، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان تىل قىلىپ بېكىتىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ ئىش ئىزدەش تىل بىمەيدىغان خىتايلارنىڭ تاللىشى بولالمايدۇ. بۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى مېنىڭچە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/xizmet-pursiti-07272016141803.html

Share
1097 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.