logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى-5

d77f832f-1a85-473e-a321-9a600b5a755b

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2009 – يىلى 8 – سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، 2 – ، 3 – ، 7 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ئادەم ئۇرۇش، يارىلاندۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلىگەندىن باشقا، ئۇيغۇر خەلقى ۋە خىتاي خەلقىگىمۇ خىتاب قىلىپ: «ئۇيغۇرلىرىمىز بولسۇن، ياكى قايسى مىللەتتە بولسۇن، مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك بىر مىللەتكە قارىتىلماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق ئىشتا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىلھام ئەپەندى بۇ خىل ئۆچمەنلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مىللىي ئۆچمەنلىك كۈچىيىپ كەتسە، خىتاي خەلقىگىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ، دۆلەتكىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» نى شۇڭا ئۈرۈمچىدە بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ قاراشلىرىنى «ھەر خىل ۋاسىتىلىك يوللار ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى» نى ئىپادىلىگەن ئىدى.

8 – سېنتەبىر ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزدە ئىلھام ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت قايتا قولغا ئېلىنىش خەۋپىدە تۇرۇپمۇ ھۆكۈمەتكە يۇقىرىقى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت، ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي مۇناسىۋەتنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم خەلق ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن» دېگەن ئىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە: «مېنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە يامان نىيىتىم يوق، بۇ دۆلەتكە يامان نىيىتىم يوق. مەن پەقەت بەزى توغرا ئەمەس مەسىلىلەرنى دەۋاتىمەن. مەن ئۆزۈم تەۋە بولغان ئۇيغۇر خەلقى تېخىمۇ ياخشى، توغرا مۇئامىلىگە ئېرىشسە، خەلق ياخشى ياشىسا دەۋاتىمەن. ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرىمەن. مەن ھەرقانداق تېررورغا قارشى تۇرىمەن. بۇ تېررور ھۆكۈمەتتىن كېلەمدۇ؟ بۇ تېررور قايسى مىللەتتىن كېلىدۇ؟ ئۇيغۇردىنمۇ، خەنزۇدىنمۇ؟ مەن ھەممىسىگە قارشى تۇرىمەن. زوراۋانلىققا قارشى تۇرىمەن. مەن ھەرقانداق ئىشتا چوقۇم قانۇن بويىچە خەلقنىڭ مەن بايقىغان ئاۋازىنى يەتكۈزسەم دەيمەن. بۇ دۆلەت تېخىمۇ ياخشى بولسا، خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئىتتىپاق بولسا دەپ ئويلايمەن. مەن مۇشۇنى توغرا دەپ قارىغانلىقىمدىن، مېنىڭ قەلبىمدە قورقۇنچ يوق. شۇڭا مەن بۈگۈن 3 – سېنتەبىر ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمنى سىزگە دېدىم. مېنىڭ قاراشلىرىمغا بۇ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ» دېگەن جۈملىلەر بىلەن شۇ كۈنكى سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11062015214518.html

Share
1281 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.