logo

trugen jacn

ئىلى سۇلتانلىقى ۋە تارانچىلار كىملەر؟

 

-روسچىدىن تەرجىمە-

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارانچى مىللىتىنىڭ قانداق ھۇجۇتقا كەلگەنلكى ۋە «ئىلى» دەرياسى بويىدا مۇستەقىل غۇلجا سۇلتانلىقى تەشكىل قىلغانلىقى ھەققىدە بولغان ئۈشبۇ تارىخ، «غۇلجا سۇلتانلىقى» نىڭ بىرىنچى سۇلتانى ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى بولغان مەرھۇم ئابدۇلباست تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ تونۇشلىرىغا سۆزلەپ بېرىلگەن. – ئا.ف.

تارىخچىلار سۆزىگە قارىغاندا: 1758-يىلى، خىتايلار كاشىغەر مەملىكىتىدىكى «ئۈچ تۇرفان» (ئۈچتۇرپان) دىن غۇلجىغا ئالتە مىڭ ئائىلە كاشىغەر سارتىنى سۈرگۈن قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا تەرەپتە تۇرىدىغان ئەسكەرلىرىگە (مانجۇرلىرىغا) يېتەرلىك ئاشلىق ئۆستۈرگۈچىلەرنى يەرلەشتۈرۈش ئىدى. ئۈشبۇ سارتلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانەت ئورنىدا تېرىشقا يەتكۈدەكلا ئاشلىق، يەر ھەيدەشكە ئۆكۈز ۋە ھەر بىر ئائىلىگە ئون «لان» («سەر» مەنىسىدىكى پۇل ۋە ئېغىرلىق بىرلىكى) بەردى.بىر «لان» ئىككى سومدۇر. ئۈشبۇ ۋاقتتا بۇ سارتلارغا رەسمى تۈردە «تارانچى» ئىسمى بېرىلدى: بىۋاستە تەرجىمىسى «ئاشلىق چاچقۇچى (تېرىغۇچى)» دېمەكتۇر. ھەر بىر ئائىلە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سېلىق ئورنىدا يىلىغا 12 خو(48 پۇت) بۇغداي بېرىشكە مەجبۇر قىلىندى. بۇ تارانچىلار غۇلجىدا ۋە «ياماتۇ، ئارستان (ئارائۆستەڭ)، خۇنىخاي، قارغۇس (قورغاس)، چولۇكەي (چولۇقاي)، قاش، سىپتاي (سۇپتاي)، ئۇلانتاي، كەتمەن، ئۇشناخۇ ۋە دابۇن (داۋۇن)» ئاۋۇللىرى (يېزىلىرى) غا يەرلەشتۈرۈلدى. «دابۇن(داۋۇن)» ئاۋۇلى خەلقىگە بۇ تارانچىلارنى غەربتىن، يەنى روس تەرەپتىن كېلىدىغان ھۇجۇمدىن ھىمايە قىلىش ئەمىر قىلىندى.

بۇ تارانچىلارنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تەيىن قىلىنغان بىر «ھاكىم» بەگكە تاپشۇرۇلغان ئىدى. تارانچىلار ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھېسابنى شۇ ئادەم بېرەتتى. ئۆز خىزمىتىگە لايىق ھالدا ھاكىمبەگ خىتاي خەزىنىسىدىن يىلىغا 300 «لان» كۈمۈش مۇكاپات ئالاتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەبىلىسىدىن خالىغانچە سېلىق ئېلىشقا ھەققى بار ئىدى. ھاكىمبەگنىڭ ھوقۇق ۋە قۇۋۋىتى بەك چوڭ بۇلۇپ، ھەر بىر تارانچىنى تۇتۇپ قاماشقا، تەپتىشسىز ۋە ھۆكۈمسىز ھالدا مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا، ھەتتا جاندىن جۇدا قىلىشقا كۈچى يېتەتتى، قولىدىن كېلەتتى. بۇنىڭ ئۈستىدىن بولغان شىكايەتلەرنى خىتايلار ھېچ قۇبۇل قىلمايتتى.

ھاكىمبەگ ئادەتتە ئۆزىگە تونۇش ئۇرۇق ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىر نەچچە كىشىنى ۋەزىپىگە تەينلەيتتى. بۇلارنىڭ بىرسى «ئىشىك ئاغا» دېيىلىپ ئۆزىگە كېڭەشچى، بىسى «شانبېگى» (شاغىبەگ) دېيىلىپ خەزىنىدار، يەنە بىرى بولسا «مىراب» دېيىلىپ، ئىش يۈرۈتكۈچى بولاتتى. بۇ تۆت تۈرلۈك مەمۇرنىڭ ھەربىرى مۇسۇلمانلاردىن بولسىمۇ، خىتايلار كەبى چاچ ئۆستۈرۈپ، تامغا ئۇرۇپ تۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. باشقا تارانچىلار خىتايلار تەرىپىدىن «چان تۇ» (چەنتۇ) دەپ ئاتىلاتتى، ۋە ئىلىم ئېلىشقا ھەقلىرى يوق ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قول ئاستىدىكى ئەھلى ئىسلامنىڭ دىنىنى قىسمىسىمۇ، تارانچىلارغا سەللە كىيىشكە قەتئىي رۇخسەت بەرمەيتتى.

ئەگەر بەزى خىتايلار ۋە «مۆھتىرەم» ھاكىمبەگلەر تەرىپىدىن يىل بويى بىر نەچچە يۈر تارانچىنىڭ بېشى چېپىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھايات تېنچ داۋام قىلاتتى. بۇ ھال خىتاي-فىرانسۇز ئۇرۇشى (2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى)غا قەدەر داۋام قىلدى. مەلۇمدۇركى، ئۈشبۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بەك كۆپ زارار (زىيان) كۆردى، چىقىمى كۆپ بولدى. شۇ سەۋەبتىن خەزىنىسى قىسىلدى. ھۆكۈمەتمۇ ۋاقتىنچە غۇلجىدىكى ئەسكەرلىرىگە مائاش بېرەلمەسلىككە باشلىدى. تارانچىلاردىن يىغىلغان ئائىلە بېشىغا 48 پۇت ئاشلىق غۇلجىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى بېقىشقا يەتمىگەنلىكتىن، بۇنى ئائىلە بېشىغا 32 خو (128 پۇت) غا كۆپەيتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئائىلىدىن يىلىغا بىر قوي سېلىق قىلىپ ئېلىشقا باشلىدى. ئەسكەرلەرنىڭ يېقىشىغا ئوتۇن، يېتىشىغا يوتقان-كۆرپە، ۋە باشقا نەرسىلىرىنىمۇ مەزكۇر تارانچىلار بېرىشكە مەجبۇر قىلىندى. بۇ ۋاقتتا سەككىز مىڭ ئائىلىگە يەتكەن تارانچىلارغا بۇ سېلىقلار بەك ئېغىر بولۇپ تۇيۇلدى. ھاكىمبەگلەر ئۆز دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىنى زورلاپ-تالاپ سېلىقلارنى تۆلىتەتتى. سېلىقلارنى تۆلىيەلمىگەنلەرنى خىتايلارغا ۋە غۇلجا تەرەپتىكى تۇڭگانلارغا خىزمەتچى قىلىپ بېرىشەتتى. نەتىجىدە، شۇ ۋاقتلاردا تارانچىلار ئارىسىدا نارازىلىق ئالامەتلىرى بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇلار بۇ ئەلەملىرىنى يۈرەكلىرىدە ساقلاپ سىرتقا چىقارماي چىداپ تۇرۇۋاتاتتى.

1862-يىللىرى ئىدى. خىتاي ئىچىدىكى مۇسۇلمان تۇڭگانلار ئىسيان قىلىپ، خىتايلارنى يېڭىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن غۇلجىدىكى خىتايلارمۇ «تارجى»(تالچى) قەلئەسىدىكى تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ تۇڭگانلار بۇرۇن بەكلا تېنچ تۇرغان ۋە خىتايلارغا بىر زىينى تەگمىگەن ئىدى. ئۈشبۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان تارانچىلار ئۆز دىن قېرىنداشلىرى بولغان بۇ تۇڭگانلار ئۈچۈن ئېچىندى. بۇ ھۇجۇم خىتايلارنىڭ ئىنتىقامى بولغانلىقتىن، تۇڭگانلارنى يەڭسە، ھەممىسىنى قىرىپ تۈگىتەتتى. تۇڭگانلارنىڭ رەئىسى «ياغۇر» (ياگۇر) ئۆزىنىڭ ئۈچ مىڭ سەبدىشىنى يىغىپ، خىتايلارغا ناھايىتى قاتتىق قارشى تۇردى ۋە قەلئەنى بەرمىدى. خىتايلار دۈشمىنىدە بۇ قەدەر كۈچنى كۆرگەندىن كېيىن تەمتىرەپ قالدى. «ياغۇر» ئۈشبۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، تارانچىلارنىڭ ھاكىمبېگى بولغان مېنىڭ بوۋام ئابدۇرۇسۇلغا (ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بۇ ۋەقەنى ئابدۇلباست ئاكا سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ) مەخسۇس ئەلچىلەر ئەۋەتىپ، خىتايلارغا قارشى ياردەم سورىغان. «ياغۇر»نىڭ پىكرىگە كۆرە: ئەگەر خىتايلار تۇڭگانلارنى قىرىپ تۈگەتسە تارانچىلارنىمۇ ھالاك قىلاتتى.

بۇ ئەلچىلەر بوۋامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ، مەقسەتلىرىنى ئېيتقاندا، بوۋامنىڭ قەسرىدە مېھمان بولۇپ بىر تۈركۈم خىتاي مەمۇرلىرىمۇ تۇرۇۋاتقان ئىكەن. بۇ مەمۇر تۇڭگانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىكەن. بوۋام خىتاينىڭ چىراي ئىپادىسىنى سېزىپ قاپتۇ-دە، ھىيلە ئورنىدا ۋارقىراپ:« مەن ياغۇر بىلەن مەسلەكداش ئەمەس، خىتايلار تارانچىلارغا ھەرگىز زۇلۇم قىلغايدۇ» دېگەن. لېكىن ئۆزى تۇڭگانلارغا بارمىقى بىلەن شەرەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تۇتقان پېتى ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ، چېپىپ تاشلىغان. ئاندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر ئۆيگە كىرىپ، دەم ئېلىپ ياتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان. بوۋام تۇڭگانلارغا بىرەر ھەرىكەت ۋە بىرەر سۆز بىلەن بولسۇن ياردەمدە بولمىغان. چۈنكى شۇ ۋاقتتا غۇلجىدا تۇرغۇچى بارلىق تارانچىلارغا سەللە كىيىشكە ئەمىر قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى.

(ئاخىرى بار )

تارانچى ئىسيانى ئۈشبۇ رەۋشتە باشلاندى. بۇ ۋەقەلار تۆۋەندىكىچە يۈز بەردى. بوۋام بىر قىسىم تارانچىلارنى يىغىپ، «تارجى»(تالچى) دىكى تۇڭگانلارغا ياردەمگە ئەۋەتتى. قالغانلىرىغا بولسا، غۇلجىدىكى خىتاي سودىگەرلىرى مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرىدى. تارانچىلار بۇيرۇقنى ئورۇنداپ، پۈتۈن خىتاي مەھەللىسىدە بىر جان قالدۇرماي ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى. بۇ قوزغىلاڭچىلار ئىككىنچى كۈنى پالتا ۋە سىنەك (نەيزە)، كۆرەك ۋە چوقما (چوماق) لار بىلەن قوراللانغان ھالدا ئۆزلىرىدىن يىراق بولمىغان يەردىكى «چىھپانزە» (چىلپەڭزە) قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ قەلئەدىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ياخشى قوراللانغان بولسىمۇ تېزلا تەسلىم قىلىندى. بۇ ھۇجۇم بوۋامنىڭ تەخت ئىدارىسىدە (رەھبەرلىكىدە) ئىدى. بۇ يەردىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان تارانچىلار، چوڭراق بولغان «بايانداي» قەلئەسىنى قامال قىلدى. بايانداي ئەسكەرلىرىگە ياردەم ئۈچۈن «غۇلجا» قەلئەسىدىن (غۇلجا شەھىرى بىلەن قەلئەسى باشقا باشقا ئىدى) 13 مىڭ خىتاي ئەسكىرى چىقتى. تارانچىلار «بايانداي» نى مۇھاسىرە قىلىۋاتقان جەرياندا بۇ 13 مىڭ ئەسكەر بىلەنمۇ سوقۇشۇپ، ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. بۇ ئەسكەرلەردىن بەك ئاز بىر قىسىمىلا ئامان قېلىپ، قورال ۋە پۈتۈن ئوزۇقلىرىنى، يۈكلىرىنى تاشلاپ غۇلجا قەلئەسىگە كىرىپ مۆكۈنۈۋالدى. تەبىئىيكى، بۇ ئولجىلار تارانچىلارغا قالدى. تارانچىلار ئۇلارنى قامىۋالدى. غۇلجا ئەسكەرلىرى ئۇزاق ساقلىتىپ تۇرغاچقا، ئاچلىقتىن ۋە ياردەم كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنلىكىتىن، تارانچىلارنىڭ مەرھەمىتىگە سېغىنىپ تەسلىم بولۇشتى. تارانچىلار بۇلارغا ئاسىيا مەرھەمىتى كۆرسىتىپ بارچىسىنى قوي ئورنىدا بوغۇزلاپ تاشلىدى. لېكىن بۇخىتايلار بوغۇزلاپ تاشلانغىنىغا ئۆكۈنۈپمۇ كەتمەيتتى: چۈنكى، قەلئەدە بىر يىلغا يېقىن مۆكۈنۈپ تۇرغاچقا ئاچلىقتىن ئات گۆشلىرى ۋە تېرىلىردىن تارتىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغىچىمۇ يېيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئېغىر ئاچلىق  ئازابىنى تارانچى قىلىچلىرى بىر يولى تۈگەتكەن ئىدى. «بايانداي» قەلئەسىنى ئۈچ تۆت ئاي مۇھاسىرە قىلغاندىن كېيىن، «سادىر» ئىسىملىك بىر تارانچى تەرىپىدىن قويۇلغان «مىنا» شەھەر قەلئەسىنىڭ بىر چېتىنى يىمىرىپ تاشلىدى-دە، تارانچىلار شۇ ياقتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، قەلئەگە خوجا بولدى. غۇلجىنى ئالغاچ، ئاۋۋالقى ۋاقتلاردا خىتايغا سېتىلغان چىناۋنىق (ئەمەلدار) سانىلىپ يۈرگەن بوۋام ئابدۇرۇسۇل ئۆزىنى ئىختىلاچى (قوزغىلاڭچى) تارانچىلارنىڭ سۇلتانى ئېلان قىلدى. ئىختىلاچىلار بۇنىڭغا رازى بولدى. بۇ تەرەپتىكى سودىگەر ۋە ئېكىنچى خىتايلار بۇرۇنلا خىتاي ئىچىگە قېچىپ تۈگىگەن، ئەسكەرلىرى بولسا يېڭىلگەن ئىدى. تارانچىلارغا ئۆزئارا بىرلىشىپ، بىر ھۆكۈمەت تۈزۈشكە ھېچ بىر مەنئىي (توسالغۇ) قالمىغان ئىدى.

لېكىن كۆپ ۋاقت ئۆتمىدى. نېمىشقىدۇر، بىر نامەلۇم ئادەم بوۋام ئابدۇرۇسۇلنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا بوۋامدىن بۇرۇن ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان «مەزەمزات» (ئەزىمەت) ئىسىملىك بىرى ئۆز-ئۆزىنى سۇلتان ئېلان قىلدى. خەلق بۇنىڭغا نارازىلىق قىلمىدى. ئۈشبۇ ۋاقتلاردا خەلق ئارىسىدا:« ئابدۇرۇسۇلنى مەزەمزەتنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى پەيغەمبەر نەسلىدىن بىر «سەئىد» دەپ يۈرگەن «ئەمىن خان خوجا» ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىكەن» دېگەن خەۋەر تارالدى. بۇ ئادەمنى تارانچىلار بىر مەزگىل يالغانچى سانىغان ئىدى. مەزەمزات سۇلتان بۇلغاندىن كېيىن ئەمىن خوجىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن مەزەمزاتنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارلىقىنى ۋە ئەمىن خوجىنىڭمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقانلىقىنى ھەركىمگە ئوچۇق ئاڭلاتتى. سۇلتان مەزەمزاتنىڭ بىرىنچى ئىشى – تارانچىلار ئارىسىدا بەكمۇ ئېتىبارلىق ۋە ئالىم سانالغان ھەم ئاخۇن نەسلىدىن بولغان ساراي تېۋىپى موللا ناسىر ئەمىن ئاخۇننى ئۆلتۈرگىنىدۇر. مەزەمزات يېنىدا ئەتىۋارلىنىپ، «سەئىد» لەردىن «قېرى خوجا» (مۇھەممەد پوچى) كېيىن ئۆستۈرۈلۈپ، سۇلتانلىقنىڭ سەر ئەسكەر دەرىجىسىگە قويۇلدى. بۇ ئادەم ياش ۋە ئەجەم مىللىتىدىن بولسىمۇ، خەلق ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتى. قېرى خوجا (مۇھەممەد پوچى)  مەزەمزات ئۈچۈن دائىمىي تارانچى ئەسكەر پىرقىسى (ئەترىتى) تەرتىپ قىلدى. بۇ پىرقە پەقەت 100 كىشىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، ياۋرۇپا ئۇسۇلىدا مۇكەممەل كىيىندۈرۈلەتتى. ئەسكەرنى ھەيۋىلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن ياغاچتىن توپلار ياسالدى. بۇ توپلار پەقەتلا ئېتىلمىسىمۇ، تارانچى «ھۆكۈمىتى» باشلىقلىرى ۋە سىر ئەسكەرلىرى:«تارانچى ھۆكۈمىتى بۇ توپلار سايىسىدە خىتاي ۋە روسىيەنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇمىدىن مەڭگۈ ئەمىن» دەپ ئىشىنىشەتتى. قېرى خوجا(مۇھەممەد پوچى)  تارانچىلار ئارىسىدا تېۋىپ ۋە كورەزە (؟) ھېسابلانغانلىقتىن، تارانچى سۇلتانلىقىدا دەرىجىسى بەك يۇقىرى ئىدى. ئۇ تېۋىپلىقنى قەيەردە ئۆگەنگەن؟ ئىلىم ئۆگەنگەنمۇ، بىلەمدۇ؟ پايدىسى قەيەردە كۆرۈلگەن؟ بۇنى ھېچ كىشى سۈرۈشتۈرمەيتتى. پەقەت «قېرى خوجا» (مۇھەممەد پوچى)  خالىسا «ئىلى» دەرياسىنى يۇقىرىغا قارىتىپ ئاققۇزالىغاچقا، ھەر بىر تارانچى ئاللاغا ئىشەنگەن دەرىجىدە ئېتىقاد قىلغان ئىدى. قېرى (مۇھەممەد پوچى) نىڭ تەبىئىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈشبۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىش كۇپايە بولسا كېرەك:

بىر ۋاقت ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق تەگكەن ۋە ئوق گۆشىگە كىرگەن ئىكەن. قېرى خوجا (مۇھەممەد پوچى) ئىككى ساتراچنى چاقىرىتىپ بۇ ئوقنى چىقىرىشقا بۇيرىغان.

(داۋامى بار)

ساتراچلار قېرى خوجا (مۇھەممەد پوچى) نىڭ پۇتىغا كىرگەن ئوقنى چىقارغان. نېمە ئۈچۈنكى، قېرى خوجا (مۇھەممەد پوچى) ئۆز پۇتىغا ئوق ئۆتكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشقان ۋە…. شۇندىن كېيىن بارلىق ساتراچلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ تاشلىغان ئىكەن. «قېرى خوجا» (مۇھەممەد پوچى) يارىلانغان چاغدا، مەزەمزاتمۇ كىم تەرىپىدىندۇر ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. «قېرى خوجا» (مۇھەممەد پوچى) دەرھال تەييارلىق قىلدى-دە، ئۆزىنى سۇلتان ئېلان قىلدى. خەلق بۇنىڭغا قارشىلىق قىلمىدى. چۈنكى خەلق بۇرۇنقىدەكلا نوپۇزلۇق ئادەملەردىن قورقۇپ، جانسىز ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇزۇنغا بارماي قېرى خوجا (مۇھەممەد پوچى) نى موللا «شەۋكەت» ئىسىملىك بىرى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى سۇلتان ئېلان قىلدى. خەلق بۇنىڭغىمۇ قارشىلىق قىلمىدى. موللا شەۋكەت سىر ئەسكەر بولۇپ، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەيتتى. لېكىن تارانچىلار ئارىسىدا ئاڭلىق ۋە زېھنى ئۆتكۈر سانالغان «ئابدۇللا ئوغلى» ناملىق ئادەمنى تەيىن قىلدى. بۇ ئادەمنىڭ بىر ئەيىبى: ماختىنىش ۋە توختىماستىن ئالدىنىش ئىدى. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇركى، شۇ ۋاقتتا «ئىلى» دەرياسى بويىدىكى «ئارستان» (ئارائۆستەڭ) ئاۋۇلىنىڭ ئاخۇنى ۋە قازى ئەسكىرى بۇ ئابدۇللا ئوغلىغا موللا شەۋكەت بىلەن مېنىڭ بوۋامنى ئۆلتۈرگەن، ئەمىن خان خوجىنى ئۆلتۈرۈرگەنلىكى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن ۋە ئۆزى ياردەملەشكەن. ئابدۇللا ئوغلى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى ناھايىتى تېزلا ئۆلتۈرۈپ، 1867-يىلى ئۆزىنى «ئىبراھىم ئوغلى» ئىسمى بىلەن سۇلتان ئېلان قىلدى.

ئىبراھىم ئوغلى غۇلجا سۇلتانلىقىنى 1870-يىلىغا قەدەر سالامەت ئىدارە قىلدى. ئۈشبۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغانلار كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسەتلىرىگە يېتىشكە بىرسىمۇ مۇۋەپپەق بولالمىدى. چۈنكى، بۇ سۇلتان يېنىدا قۇۋۋەتلىك ساقچىلار تۇراتتى، مۇھاپىزەتچىلار قوغدايتتى. ئىبراھىم ئوغلى ئۆزى شۈبھىلەنگەن ياكى ياقتۇرمىغان ھەر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئالاتتى، زۇلۇمىغا چەك يوق ئىدى.

ئۈشبۇ ۋاقتلاردا قاشغار (قەشقەر) مەملىكىتىدە مەشھۇر ياقۇب خان (ياقۇببەگ) چىقىپ، قاشغار مۇسۇلمانلىرىغا ئىستىقلال ئېلىپ بېرىشكە باشلىغاچقا، ئىبراھىم ئوغلىغىمۇ كىشى ئەۋەتىپ، بىرلىشىپ خىتايلارغا قارشى سوقۇشۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. لېكىن، ئىبراھىم ئوغلى، ئۆزىنىڭ ياغاچ توپلىرى بىلەن ئېسىنى يوقۇتۇپ، بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. چۈنكى تارانچىنىڭ ئۆز ئەسكىرى بىلەن خىتاينى يېڭىپ، قاشغار ھەم تۈركىستاننى سوقۇشۇپ ئېلىش خىيالىدا ئىدى (ھالبۇكى، تارانچىلارنىڭ سانى بەش مىڭدىن ئاشمايتتى). ئىبراھىم ئوغلى يەتتەسۇ، تۈركىستان، بۇخارا ۋە كۆپلىگەن ئاسىيا ۋىلايەت ھەم ھۆكۈمەتلىرىنى سوقۇشۇپ ئېلىش پىكرىگە بەك قاتتىق بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى مەمۇرلىرىنىڭمۇ ھەممىسى ئۈشبۇ پىلاننىڭ ھۇجۇتقا چىقىشىغا ناھايىتى ئىشىنەتتى.

1870-يىلى يېتىپ كەلدى. ئۈشبۇ يىلنىڭ بېشىدا غۇلجىغا روس زۇلۇمىدىن قاچقان «تازابېك» ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. بۇ ئادەم «ئالماتا» دا تۈرمىدىن قاچقان ئىكەن. يەتتەسۇ ۋىلايىتىنىڭ گوبىرناتورى گېنىرال كالپاكوۋىسكىي بۇ ئادەمنى تۇتۇپ بېرىشنى ئىبراھىم ئوغلىدىن تەلەپ قىلدى. كالپاكوۋسكىينىڭ ئىبراھىم ئوغلىغا قورقماي تۇرۇپ قويغان قەتئىي رەۋىشتىكى بۇ تەلىپى ئۇنىڭغا ھار كەلدى. ئاۋۋال ئۇ ئاچچىقلىنىپ :« كالپاكوۋسكىي خانمۇ، سۇلتانمۇ ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە قاراپ ۋاقت ئىسراپ قىلمايمەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئارىدا سوقۇش چىقىدىغانلىقىنى كۈتكەنلىكتىن، ئۆز خەلقىنى سوقۇشقا ھازىرلاشقا باشلاپ ئەرلەرگە: « روسلار ھېچ سوقۇشۇشنى بىلمەيدۇ. ھەرقانچە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغان بولسىمۇ، قۇۋۋەت ياكى ئۇستىلىق بىلەن ئالمىدى. بەلكى مۇسۇلمانلارنى گۇناھلىرىغا لايىق جازا ئورنىدا ئاللا ئۆزى روس قولىغا بەردى. روس ئەسكەرلىرى كۈندۈزلىرىمۇ غۇۋا كۆرىدۇ. ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئاجىز. ئەگەر ئۇلارنى كۆرۈش بىلەنلا سۈرە فاتىھە ئوقۇپ قويساڭلار پۈتۈنلەي كۆرمەي، ئېغىناپ يىغلايدۇ. روس ئەسكىرى ئاتقا مىنسە شۇ زامان يېقىلىپ چۈشىدۇ، ئات چاپتۇرالمايدۇ…» دېگەندەك خەۋەرلەر تارقاتتى. تارانچىلار «روس ئەسكىرى خىتايدىن ناچار، ئوتتۇرىدا سوقۇش باشلانسا تارانچىلار يېڭىپ، روس ئەسكىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ، تۈركىستاننى ئالىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر» دېگەن پىكىرگە كەلدى ۋە خوشاللىق بىلەن سوقۇشنى كۈتۈشكە باشلىدى.

1871-يىلى ياز ئاخىرى: «ئىلى» نىڭ سول ياقىسىدىكى «دابۇن» (داۋۇن) ئاۋۇلىغا روس ئەسكىرى يېقىنلاشتى» دېگەن خەۋەر كەلدى. ئىبراھىم ئوغلى تېزدىن ئەسىكىرىنى ھازىرلاشقا باشلىدى. روس ئەسكىرىگە قارشى «توقۇلاق» (توقىلەك) ئىسىملىك قوماندان باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم تارانچى ئەسكىرى چىقتى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قورالى: چوقمار (چوماق)، كۈرەك ۋە پالتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئارىدا بىرنەچچە مىلتىقمۇ بار ئىدى. سوقۇش باشلاندى. تارانچىلار بىر نەچچە روسنى ئۆلتۈرۈپ، تۆتىنىڭ كاللىسىنى كېسىۋالدى. سوقۇش داۋام قىلدى. تارانچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى تالاپەت تاپتى. قالغانلىرى قاياققا توغرا كەلسە شۇ ياققا قېچىشتى. مەزكۇر تۆت روسنىڭ بېشى ئىبراھىم ئوغلىغا ئەۋەتىلگەندە، ئۇ:« ئەمدى روسلار ئېغىر ھەسرەتتە قالدى! چىدىيالمايدىغان بولدى. بۈتۈن روسىيە بىزگە قارشى قوزغىلىدىغان بولدى» دەپ ئېيتقان ئىكەن.

كېيىن غۇلجىدا روسلار سوقۇشسىز ھالدا قارغۇس (قورغاس)، سۈيدۈن (سۈيدۈڭ)، بايانداي قەلئەلىرىنى ئالدى. مەزكۇر قەلئەلەرنىڭ ئەسكەرلىرى روسلار بىلەن سوقۇشۇشنى بەك ئۈمىد قىلسىمۇ، توپ ئاۋازلىرىغا چىدىيالمىغان ئىدى. «توپ ئاۋازلىدىرىن قورقۇپ تەسلىم بولدى» خەۋىرى كەلدى. «سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى» بولغان ئىبراھىم ئوغلى بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىغان ۋە «يولدا قۇش قونسىمۇ خەۋەر بېرىدۇ بۇلار» دېگەن. كۆپ ئۆتمەي شۇ توپ ئاۋازى غۇلجىدىمۇ ياڭرىدى. سۇلتان تېزدىن ئاتقا مىنىپ، يېنىدىكى ۋەزىر ۋۇزرالىرى بىلەن شەھەرنى قامال قىلغان روس ئەسكىرى ھوزۇرىغا چىقتى ۋە « خۇدانىڭ ھەققىدە ئاتماڭلار! چۈنكى مېنىڭ خوتۇنلىرىم بۇنداق ئاۋازلاردىن بەك قورقىدۇ. قانداق شەرت قويساڭلار شۇنىڭغا رازى بولۇپ تەسلىم بولىمەن. پەقەت شۇ توپ ئاۋازىنى توختىتىڭلار!» دەپ يېلىندى.

يېرىم ئاسىيانى ئېلىشقا ھازىرلانغان (ئون-ئون بەش ئاۋۇلدىن ئىبارەت) «بۈيۈك» غۇلجا سۇلتانلىقى ئۈشبۇ رەۋىشتە مۇنقەرز بولدى. ئۇنىڭ ياغاچ توپلىرى بىرىنچى ئېتىلىشتىلا تۇخۇمدەك پاچاقلىنىپ كەتتى. ئەسكەرلىرى قەلئەدىن سىرتقىمۇ چىقالمىدى. بىچارە تارانچىلار خىتاي ئىدارە قىلغاندىمۇ ھۆرىيەت ۋە سائادەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۆزلىرى مۇستەقىل چاغدىمۇ شۇنداق بولدى… ھازىرمۇ شۇنداق….»

(روسچىدىن) تەرجىمىدە: ئا. ف.

(مەزكۇر ماقالە «شۇرا» مەجمۇئەسىنىڭ 1908-يىللىق 16،17،18-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى ئاپتورىنىڭ ئىسمى ژورنالدا تىلغا ئېلىنماي، پەقەت «روسچىدىن تەرجىمە» دەپلا ئىزاھات بېرىلگەن. روسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىسمىمۇ تولۇق بېرىلمەي، قىسقارتىلمىسى بولغان «ع.ف» بويىچە بېرىلگەن. مەزكۇر ماقالە ئىلى سۇلتانلىقى مۇنقەرز بولۇپ كۆپ ۋاقت ئۆتمەي يېزىلغان، شۇنداقلا مەتبۇئاتلارغا بېسىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تارىخىي ئەسلىمە بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ماقالە ئاپتورى تەپسىلاتلارنى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ نەۋرىسى ئابدۇلباستقا ئائىت دەپ ئىزاھلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلاشقا ئامالسىزمىز. يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ژورنالغا بېسىلغان ئەسلى يېزىلىشى بىلەن تەڭ تىرناق ئىچىدە ھازىرقى ياكى توغرا ئاتىلىشى بېرىلىپ ئىزاھلاندى. شۇندىمۇ ئوقۇش، ئىملا ۋە تاتارچىدىن ئۆزلەشتۈرۈشتە خاتالىقلاردىن خالىي بولۇشىمىز ناتايىن. ئوقۇش جەريانىدا ئاپتورنىڭ كىنايە، مەسخىرە ۋە مۇبالىغىلەردىن ساقلانمىغانلىقىنى سېزىش تەس ئەمەس. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي نۇقتىنەزەردە ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)

روسىيىلىك رەسسام ۋاسىلىي ۋېرىشاگىن سىزغان، ئىلى سۇلتالىقى قوشۇنلىرىنىڭ روس ئەسكەرلىرى قارارگاھىغا قىلغان ھۇجۇمى ئەكس ئەتتۈرۈرلگەن «ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم» ناملىق رەسىم.

ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى ئەلاخان (ئوبۇلئەلا) پالۋان

توقىلەك سەردار

http://www.akademiye.org

Share
2393 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.