logo

trugen jacn

ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسىلى بىلەن قۇتراپ تۇرغان كىم جۇڭ ئۇن ۋە چىنچوۋەنگو

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسىلى بىلەن قۇتراپ تۇرغان كىم جۇڭ ئۇن ۋە چىنچوۋەنگو

 

دۇنيادا ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسەلنىڭ ئىككى تەجرىبە ئېتىزى بار؛ بىرى شىمالى كورىيە، يەنە بىرسى شەرقى تۈركىستان 
ئۆتكەن ھەپتە شىمالى كورىيەدە 3 مىليون 500 مىڭ كىشى ”ئامېرىكا جاھانگىرلىگىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش“ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى. بۇ دۆلەتتە 1 مىليون 200 مىڭ مۇنتىزىم ئەسكەر بار. نوپۇسىنىڭ 40% ھەربىي ئارقا سەپنى مەركەز قىلغان ساھەلەردە ئىشلەيدۇ. بۇگۈنكى كۈندە ئاسىيادا ئادەملەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلىنگەن يىگانە دۆلەت شىمالى كورىيە 3.5 مىليون پۇخرا ھەقىقەتەن ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۆلمەك ئىستەمدۇ؟ ياكى سەپەرۋەر قىلىنغان ”تىزىملىتىش پائالىيىتى“گە قاتناشمىسا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ تىزىملاتقانلارمۇ؟ كىم جوڭ ئۇن ئىسىملىك خام سېمىز بالا پادىشا ئەسەبىيلىكى تۇتقان ھامانلا قۇراللىق ئارمىيىسىنى پاراتتىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئارمىيىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا پىڭراڭ مەيدانىغا يۈز مىڭلىغان پۇخرانى توپلاپ ”ياشىسۇن!“ دەپ ۋارقىراپ شوئار توۋلىتىپ ئىدىلوگىيەلىك ئەسەبىيلىگىنىڭ پەيزىنى سۈرۈدۈ. ئوخشاش مەنزىرىنى شەرقى تۈركىستاندا كۆرۈش مۇمكىن. ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەلۋە چىنچوۋەنگو ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا…كوچىلىرىدا خىتاي ئارمىيىسىنى دەبدەبىلىك پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەھىمە سالغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرلەردە مەيدانلارغا توپلىغان 100 مىڭلىغان ئۇيغۇر پۇخراغا “ دىنىي ئەسەبىيلىككە، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرايلى“ دەپ سائەتلەرچە شوئار توۋلاتقۇزىدۇ. دىر، دىر تىترىگەن بىچارە ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزوردا ئۇزاقتىن تاماشا قىلغان ئىدىلىلوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان فاشىست چىن چوۋەنگو قۇترىغان تەلۋىلىگىنىڭ پەيزىنى سۈرۈدۈ

پۈتۈن دۇنيا ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتنى ئىشلەپچىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، ئون مىڭلاپ، يۈز مىڭلاپ ئىنساننى مەيدانلارغا توپلاپ ئەمگەك كۈچىنى ئىسراپ قىلىدىغان يالغۇزلا شىمالى كورىيە مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بىلەن شەرقى تۇركىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلا قالدى.
شىمالى كورىيەدىمۇ، شەرقى تۈركىستاندىمۇ ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر، خەلقلەر يوقسۇل. قەستەن يوقسۇل ۋە مۇھتاج قالدۇرۇلغان خەلققە قورساق تويغىچىلىك دۆلەت سەدىقىسى بېرىپ، خەلقنى ”كوممونىستىك پارتىيىگە رەخمەت“ دىگۈزىۋاتقان يەر يۈزىدە شىمالى كورىيە بىلەن شەرقى تۈركىستاندىن باشقا يەر يوق

كىم ئېرسىن ھەيكىلى ئالدىدا پارتىيىگە رەخمەت دەپ تازىم قىلىۋاتقان شىمالى كورىيەلىكلەر

شىمالى كورىيەنىڭ رەسمى دۆلەت ئىسمى ”كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى“ دۇر. بۇ دۆلەتنىڭ ”دېموكراتىيە“ سۆزىنى دۆلەت ئىسمىنىڭ سۈپىتى قىلىپ قويۇشى دېموكراتىيىگە قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك ھاقارەتتۇر. بۇ دۆلەتتە ”خەلق“ سۆزىنىڭ مەناسى نۆلگە باراۋەردۇر. خىتاي كومىنىستىك پارتىيسىمۇ ”خەلق“ سۆزىنى بەك كۆپ سۇئىستىمال قىلىدۇ. ”خەلق ھۆكۈمىتى“ دەيدۇ، دەرۋازىسىغا خەلق يېقىنلىشالمايدۇ. ”خەلق قۇرۇلتىيى“ دەيدۇ. بۇ ئورگانغا خەلقنىڭ ئاسىيلىرى، خەلق دۈشمەنلىرىنى تاللاپ ئەزا قىلىنىدۇ. ”خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ دەيدۇ. بۇ ئارمىيە خەلقنى قىرغىن قىلىدۇ. بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى، يەكەن ئىلىشقۇ… قىرغىنچىلىقلىرىدا قىرىپ تاشلانغان خەلقنى قىرغۇچى ”جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ ئىدى. بۈگۈن مۇشۇ سائەتتە، مەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ ”جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ ئۇيغۇر خەلقىنى قېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ

كورىيە يېرىم ئارىلىدا نېفىت، تەبىئي گاز بايلىقى يوق. خىتاي رەسمى ئىستستىكىلىرى،شەرقى تۈركىستاندىن قېزىلغان نېفىت ۋە تەبىئي گاز خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 40% نى تەمىن ئەتمەكتە ئىكەنلىكىنى يازماقتا. جەنۇبى كورىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 30 مىڭ دولار. بىراق شىمالى كورىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى كىرىمى 1800 دوللار. خىتانىڭ شېنجېن، شەڭخەيلەردە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللى كىرىم 20 مىڭ دوللار. قەشقەر، خوتەندە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق مىللى كىرىم 1000 دوللار. ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئاز

جەنۇبى كورىيەدە يىلدا 1 مىليونغا يېقىن خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى ئاكادېمىك تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئاكادېمىك تىزىملىكتە 12. قاتاردا ئورۇن ئالماقتا. شىمالى كورىيە بولسا بۇ تىزىملىكتە يوق. خىتايدا چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا. خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلىم يولىدا بۈيۈك سەپەرۋەرلىك ئىچىدە. ئوقۇتقۇچىلار ئىلمى ماقالە يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يېڭى كەشپىياتلار ئۈچۈن تەجرىبىخانىلاردا ھەممە ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەنمەكتە. شەرقى تۇرىستاندىكى ئۇنىۋىرسىتىتلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىلمى ماقالە ئەمەس، ”ئىككى يۈزلىمىچىلىك“ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش، تۆۋەنامە يېزىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي جاسۇسلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن كىرالىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، بىر قىسمى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتمەكتە. بىر قىسمى پۇتۇن زىھنىنى ختاينىڭ زىيانكەشلىگىدىن ئۇزىنى قانداق قوغداشقا سەرپ قىلغانلىقتىن دەرس ئۇگىنىش ئۇچۇن پىكىرىنى توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ”پارتىيىگە سادىق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش“ پرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىلىم بىلەن قوراللانغان ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىلھاملاندۇرغۇچى سۆز يوق

شىمالى كورىيەدە ”داھى“غا سادىق بولمىغان بىلىم ئىگىسى سىنىپىي دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستاندا خىتايغا سادىق بولمىغان بىلىم ئىگىسى ”بۆلگۈنچى“ ھېسابلىنىدۇ. شىمالى كورىيە ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدە ”ئىنقىلابى كىتاپ“لاردىن باشقا كىتاپ ئوقۇش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى مەنئى قىلىنماقتا. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۇرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەر ھەر قانداق كىتابنى ئوقۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە. شىمالى كورىيە ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇنىۋئېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چەتئەل تۇرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەرچىلىك ئوقۇش ئەركىنلىكى يوقتۇر

شىمالى كورىيەدە دۆلەت تىلىۋىزورىدىن باشقا ھەر قانداق چەتئەل تىلىۋىزورىنى كۆرۈش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندىمۇ سىياسەت ئوخشاش. شىمالى كورىيەدە چەتئەل تور بەتلىرىگە كىرىش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا چەتئەل تورلىرىغا كىرىشنىڭ جازاسى ئەڭ ئاز 5 يىللىق تۇرما جازاسىدىن باشلىنىدۇ

شىمالى كورىيەدە دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن چاچ قويۇش مودېلدىن باشقا خىل مودېل چاچ قويۇش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا ساقال، بۇرۇت قويۇش مەنئى قىلىنغان. شىمالى كورىيەدە چەتئەل تاماكىسىنى سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستان يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دۇكاندارلار تاماكا، ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلىنىدۇ.ساتمىسا ”دىنىي سەسبىي“ ھېسابلىنىدۇ. شىمالى كورىيەدە ئەمگەكچى (كوممۇنىست) پاتىيسى ئەزاسى ۋە ئەمەلدارى بولغانلار ئارىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغانلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شەرقى تۇركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشى مەنئى قىلىنماقتا. بۇرۇن چىققانلار سوراققا تارتىلماقتا. شىمالى كورىيەدە بارلىق دىنلار مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا ئىسلام دىنى مەنئى قىلىنغان

شىمالى كورىيەدە رۇخسەت قىلىنغان چاچ مودەللىرى

 

دۇنيادا شىمالى كورىيە ”ئۈستى ئۇچۇق تۇرمە“ دەپ قارىلىدۇ. شەرقى تۈركىستانمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ”ئۈستى ئۇچۇق تۇرمە“ دەپ قارىلىدۇ. قاتتىق سىياسى تۈزۈم ئاستىدىكى ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلى شىمالى كورىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە پۈتۈن دۆلەتتە ئۆز خەلقىگە زىيان سالغان بولسا، خىتايدا قاتتىق سىياسى تۈزۈم ئاستىدىكى ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلى يالغۇزلا شەرقى تۈركىستاندا قۇتىرىماقتا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە زىيان سالماقتا. شەرقى تۈركىستاندا دىنىي ئەسەبىيلىك يوق. ئىدىلوگىيەلىك ئەسەبىيلىك بار. ئەسەبىيلىك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئۇيغۇر خەلقى ئەمەس. بەلكى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ۋە ئىدىلوگىيە ئەسەبىيلىك تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قاتىل چىن چوۋەنگو

قىسقىسى شىمالى كورىيە ۋە شەرقى تۈركىستان قانۇن بىلەن ئەمەس بىر شەخىسنىڭ ئىرادىسى بىلەن قۇراللىق كۈچكە تايىنىپ زوراۋانلىق بىلەن ئىدارە قىلىنماقتا
ئىدىلوگىيە تەلۋىلىكى كېسىلىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىلا يەردە قۇتراپ ئەۋجىگە چىققانلىقى، بۇ تۈزۈملەرنىڭ يوق بولىشىنىڭ سىگىنالىدۇر. تارىختا پۈتۈن زالىملار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم سىرتمىغىدا بوغۇلغان. بۇ زالىملارمۇ ياراتقان زۇلۇم سىرتمىغىدا بۇغۇلۇشقا مەھكۇم بولغۇسى

Share
2619 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.