logo

trugen jacn

سەمەت ئابلا; ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى نۇپۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى نۇپۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىش
(داۋامى)
ئۈچۈنچى باسقۇچ: مىلادى 1500- يىللاردىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى، تەخمىنەن 700 مىڭ.
مەن ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە، مىلادى 1000- يىللىرى مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 500 مىڭغا يەتكەنلىگىنى ئوترىغا قويغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى 500 يىل داۋامىدا نۇپۇسىمىز ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىپ مىلادى 1500-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تەخمىنەن 700 مىڭغا يەتكەنلىگىنى مۆلچەرلەشكە بولۇدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەشتۈرۈلگەن سان ئەمەس، بىر تەخمىن.
شۇنداق بولغاندا 500 يىل ئىچىدە ئاران 200 يۈز مىڭ نۇپۇس كۆپەيگەن بولۇدۇ. بۇ يىلىغا 400 ئادەم كۆپەيگەن بىلەن بىلەن باراۋەر بولۇپ،بۇ ساننى ھازىرقى زاماندىكى نۇپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپىيىش سۈرئىتى ھەددىدىن زىيادە ئاستا، ھاتتا بىز ئىزىدا توختاپ قالغان دىيىشكە بولۇدۇ، ھەم بەزىلەر تەبىئى ھالدا، ”سەن بۇ 200 مىڭ دىگەن ساننى نەدىن تاپتىڭ ۋە نىمىگە ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى نۇپۇسىنى بۇنچىلىك ئاستا كۆپەيدى دەيسەن؟“ دىگەن سۇئال تۇغۇلىشى مۈمكىن. دەرۋەقە، ئۇ دەۋىردىكى نۇپۇسىمىز ھەققىدە بىرەر ئىنىق سان-سىفىر، ھۆججەت قالدۇرۇلمىغان، ياكى قالدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولۇپ، ئېنىق نۇپۇس سىتاستىكىسى قالدۇرۇلمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ھازىرقى زاماندىكى تارىخچىلار ۋە نۇپۇسشۇناسلار ئوترا ئەسىرلەردىكى ئىنسانلارنىڭ نۇپۇس تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەندە باشقىچە ئۇسۇللارنى قوللانغان. بۇنىڭدا ئاساسلىغى، ئەينى دەۋىردە مەيدانغا كەلگەن سىياسى ھاكىميەت،تىچلىق ياكى ئۇرۇش، ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغان ئەسكەرلەرلەرنىڭ سانى،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، پۇقرالارنىڭ باج – سېلىق تۆلەشكە ئائىت ھۆججەت-خاتىرىلەر،شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى،سودا-تىجارەت ئىشلىرى،قەبىلە- مىللەتلەرنىڭ كۆچىشى، ھەتتا، قەبرىستانلىقنىڭ كۆلىمى ۋە بۇ قەبرىلەرگە كۆمۈلگەن كىشلەرنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىدىكى يېشىنى ئېنىقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئالىملار يۇقارقى ئەھۋاللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋىردە، مەلۇم دۆلەت ياكى رايۇندا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ نۇپۇس سانى، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى ياكى كېمىيىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە بىرقەدەر ئەقىلگە ئۇيغۇن تەخمىنلەرنى ئوترىغا قويغان. مەنمۇ ئەينى زاماندىكى نۇپۇسىمىزنى ئېنىقلاش ۋە بىرقەدەر ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا تەخمىن قىلىش ئۈچۈن غەرىپلىك ئالىملار قوللانغان يۇقارقى ئۇسۇللارنى ئۆز ئەھۋالىمىزغا تەدبىق قىلدىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ 1000- يىلدىن 1500- يىللارغىچە بولغان تارىخىغا دائىر خېلە كۆپ ئىشەنچلىك تارىخى ماتېرياللار بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. مەن مۇشۇ ماتېرياللارنى قايتا-قايتا ئوقۇش، ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش،ئۇنىڭدىن شۇ دەۋىرلەردىكى نۇپۇسىمىزغا دائىر يىپ ئۇچلىرىنى ئىزدەشكە تىرىشتىم.
مەن يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ 500 يىلدا،تېخىمۇ توغرىسى، 1130-يىلىرى قارىخانىلار خانلىغى قاراخىتايلارغا قارام بولۇپ قالغاندىن باشلاپ تاكى 1514-يىلى يەركەننى پايتەخت قىلغان سەئىدىيە خانلىغى قۇرۇلغىچە بولغان 400 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە،ئۇيغۇرلار نۇپۇسى ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە كۆپەيگەن، ھەتتا بەزى مەزگىللەردە ئازىيىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن. مەن تۆۋەندە بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئەينى چاغدىكى بەش ئەسىرلىك تارىخىمىزغا يانداشقان ھالدا تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى،ئايىغى ئۈزۈلمەس ئۇرۇش-يېغىلىقلار،قەتلىئاملار
مىلادى 1000- يىللىرى، تارىم ۋادىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتى،يەنى، قاراخانىلار خانلىغى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، بۈيۈك ئالىملىرىمىز مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار دەل مۇشۇ مەزگىلدە ياشاپ ئىجات قىلغان ئىدى. ئەمما، 1042- يىللىرى بىر پۈتۈن قارىخانىلار دۆلىتى شەرقى قارىخانىلار ۋە غەرىبى قارىخانىلاردىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 1000-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە قەشقەرنى پايتەخت قىلغان شەرقى قارىخانىلار كۈندىن كۈگە ئاجىزلاپ كەتتى. مىلادى 1130-يىللىرى شىمالدا باش كۆتەرگەن قارا خىتاي (قىتان)لار دەسلەپ قارىخانىلار خانلىغىغا ۋە كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككىلىسىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىل، قۇدرەتلىك ۋە گۈللەنگەن دەۋرى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ ئورنىغا بۆلۈنۈش، ياتلارنىڭ توختاۋسىز تاجاۋۇزچىلىغى ۋە تالان-تاراجلىرى ئالماشتى. مىلادى 1209-يىلى قارا خىتاي خانلىغىنىڭ ھوقۇقىنى ئىگەللىۋالغان نايمان كۈچلۈك ،1212- يىلى قارىخانىلار خانلىغىنىڭ پايتەختى قەشقەر، ۋە تارىم ۋادىسىدىكى باشقا شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن سەلتەنەتلىك قاراخانىلار دۆلىتى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچتى. كۈچلۈك قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە،مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ بۇتقا چوقۇنۇشقا زورلىدى ۋە قارشىلق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق باستۇردى.
1218- يىلى چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تارىم ۋادىسىغا باستۇرۇپ كەلدى ۋە كۈچلۈكنى ئۆلتۈرۈپ، قارا خىتاي خانلىغىنى يوقاتتى. كۇچانىڭ جەنۇبىدىن تاكى خوتەنگىچە بولغان پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىگە مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىۋەتتى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى چىڭگىزخاننىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى ۋە بېقىندى ھاكىميەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ نىسپى مۇستەقىللىغىنى ساقلاپ قالدى. چىگىزخان ئۆلىشتىن بۇرۇن، بېسىۋالغان پايانسىز زىمىنلارنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەردى. تارىم ۋادىسىدىكى نايمان قەبىلىسى ئىگىدارچىلىغىدى ئۇيغۇر يۇرتلىرى، ئىلى ۋادىسىدىكى ئامالىقنى پايتەخت قىلغان چاغاتاي ئۇلۇسىغا مەنسۇپ بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1514-يىلى يەركەننى پايتەخت قىلغان زالىم ئابەكرى ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغىچە بولغان ئارلىقتا 300 يىلچە ۋاقىت ئۆتتى. بۇ ئۇزۇن تارىختا ئۇيغۇرلار پۇقرا مىللەتكە ئايلىنىپ،مۇڭغۇللار ۋە كېيىنچە ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇل ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكىمىرانلىغى ئاستىدا ياشىدى. بۇ جەرياندا،بەزى ۋاقىتلاردا قىسقا ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن تىنچ مەزگىللەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپ ۋاقىتلار چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا تەخىت تالىشىش كۈرەشلىرى ئىچىدە ئۆتتى. قاراخانىلار خانلىغى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن گۈللىنىشتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئۇيغۇرلار ئىجتىمائى،ئىختىسادى، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق ساھەلەردە ئومۇمىيۈزلۈك ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى ياكى بىر ئىزىدا توختاپ قالدى.
توختاۋسىز يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلار نۇپۇسىغا قانچىلىك ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىگىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشۈنۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسالغا نەزەر ئاغدۇرايلى.
مىلادى 1209-يىلى قارا خىتاي خانلىغىنىڭ ھوقۇقىنى ئىگەللىۋالغان نايمان كۈچلۈكخان، 1210-يىلى قاراخانىلار خانلىغىنىڭ كونا پايتەختى غۇزئوردا(بالاساغۇن) دا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنى باستۇردى ۋە 47 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئۇ يەنە، 1212- يىلى قارىخانىلار خانلىغىنىڭ پايتەختى قەشقەر، ۋە تارىم ۋادىسىدىكى باشقا شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، بىر خوتەن شەھرىدىلا، ئىمام ئالائىدىن باشچىلىغىدىكى 3000 دىنى ئۆلىما، ئىلىم ئەھىللىرىىنى تۈرلۈك ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈردى.
مىلادى 1273-يىلى،چاغاتاي ئەۋلادى داۋا بىلەن ئوكۇتاي ئەۋلادى قايدۇ بىرلىشىپ ئىنتايىن زور قوشۇن بىلەن تۇرپان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىغا ھۇجۇم قىلىپ، پايتەخت قاراغۇجا شەھرىنى ئالتە ئاي قورشىۋالدى، تۇرپان خەلقى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى ئەمما ئاخىردا شەھەردە ئۇزۇق-تۈلۈك قالماي نۇرغۇن ئادەم ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتتى، ئاخىر سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
1309-يىلى چاغاتاي خانلىغىنىڭ تەختىگە ئولتاغان ئېسەن بۇقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنىسى كېپەكخان بىلەن بىرلشىپ ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىن باش تارتىپ، يېڭىلا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى، ئۇ قەشقەردىن يولغا چىقىپ تۇرپانغا كەلگۈچە بولغان سەپىرىدە،يول بويى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، شەھەر-يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.
1375-يىلى ئەتىيازدا، ماۋائۇننەھىردە (ھازىرقى ئۆزبىكىستاننى مەركەز قىلغان ئوترا ئاسىيا،ياكى غەرىبى تۈركىستان رايۇنى) باش كۆتۈرگەن ئەمىر تۆمۈر(ئاقساق تۈمۈر)، ئۇغلى جاھانگىر مىرزىنى زور قوشۇن بىلەن قەشقەرگە ئېۋەتتى. ئۇلار قەشقەردە ۋەھشى قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى ۋە پۈتۈن شەھەرنى خارەبىگە ئايلاندۇرىۋەتتى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر شەھرى ھازىرقى ئورنىغا يۆتكەلگەن.
1467-يىلدىن 1514-يىلغىچە،قەشقەر، يەركەن، خوتەنگە، ئۇيغۇرلاشقان دوغلات مۇنڭغۇللىرىنىڭ ئەۋلادى ئابابەكرى مىرزا ھۆكۈمىران بولدى، ئاقسۇدىن تارتىپ كۇچا، كورلا، قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى تۇرپاننى مەركەز قىلغان شەرقى مۇغۇلۇستان خانى ئەخمەتخان ئىگەللىدى. بۇ ئىككى خانلىقنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان ئاقسۇ رايۇنى ئىككى ھۆكىمىران ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئۇرۇش تۈپەيلى خارابىلىككە ئايلاندى، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، قالغىنى يۇرتنى تاشلاپ ھەرتەرەپكە سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتتى.
بۇ ۋەقەلەر، 400 يىللىق قاراخىتاي ۋە مۇڭغۇل ئىستالاسى داۋامىدا ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ پەقەت تارىخ كىتاپلىرىدا خاتىرلىنىپ ساقلىنىپ قالغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى، بەلكىم مىڭدىن بىرى بولۇشى مۈمكىن.
ئىككىنچى،بۇ مەزگىلدە تارىم ۋادىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئىگلىك ئىشلىرىنىڭ خاراپلىشىشى ۋە ئۇنىڭ نۇپۇسقا كۆرسەتكەن تەسىرى
تارىم ۋادىسى دۇنيادىكى،سۈنئى سۇغۇرۇلىدىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان ۋە تەرەققى قىلغان جايلاردىن بىرى ئىدى. 1200-يىللاردىن باشلاپ بۇ زىمىنگە بېسىپ كىرگەن مۇڭغۇللار، جۈملىدىن دوغلات قەبىلىسى بولسا كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، جەمىيەت تەرەققىياتى،مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلاردىن زور دەرىجىدە تۆۋەن تۇراتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، مۇڭغۇللار دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قىزىىقمايتتى، ھەتتا ئۆچلۈك قىلاتتى. ئۇلار ھۆكۈمىران تەبىقە بولۇش سۈپىتىدە،بۇ زىمىننى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار پۇقرالاردىن باج-سېلىق يىغىپ راھەت ياشاشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيتتى. ئەمما، تارىم ۋادىسىنىڭ سۈنئى سۇغۇرۇرىلىدىغان دېھقانچىلىغىنىڭ جان تۇمۇرى بولغان دەريا،ئېرىق-ئۆستەڭلەر ۋە تۇرپاننىڭ كارىزلىرى دۆلەت ھاكىميىتىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، رىمۇنت قىلىش، يېڭىلاش، كېڭەيتىشكە مۇھتاج ئىدى. ئەپسۇسكى، مۇڭغۇللارنىڭ تارىم ۋادىسىدا يۈرگۈزگەن 300 يىللىق ھۆكىمىرانلىغىغا ئائىت يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىشقا ئۇيۇشتۇرغان، يېڭى يۇرتلارنى بەرپا قىلغانلىغىغا ئائىت مەلۇماتلار ئاساسەن كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئاساسلىق ئىگلىگى دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت بولغان بىر ئوترا ئەسىر دۆلىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، مەزۆور دۆلەت ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا ئېغىر ئاقىبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ نۇپۇسقا كۆرسىتىدىغا تەسىرىنى دىسەك، پوقرالار نامراتلىشىدۇ، ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشىدۇ، كېسەللىك كۆپىيىدۇ، كىشلەرنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
ئۈچۈنچى، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خاراپلىشىشى ۋە ئۇنىڭ نۇپۇس تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مەيلى قەدىمقى دەۋىرلەردە بولسۇن ياكى ھازىرقى كۈندە بولسۇن، شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇنىڭ گۈللىنىش ياكى خاراپلىشىشى،شۇ دۆلەت ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىشى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇدۇ. ئاددى تىل بىلەن ئېيتساق، دۆلەت تەرەققى قىلسا، گۈللەنسە، شۇنىڭغا مۇناسىپ شەھەرلەر ۋە شەھەر نۇپۇسى كۆپىيىدۇ،شەھەرلەرلەردە تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى جانلىنىدۇ. ئەكسچە بولغاندا شەھەرلەر خاراپلىشىدۇ. بىز بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە،تارىختىن بېرى تارىم ۋادىسىدىكى مەركىزى شەھەر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىگى،بۈيۈك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان تەۋەرۈك شەھەر قەشقەرنىڭ مۇڭغۇللار زامانىدا كەچۈرگەن قىسمەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
مىلادى 1273-يىلى ئىتالىيلىك ماركوپولو ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قوبلەي خاننىڭ ئوردىسى خانبالىققا بېرىش سەپىرىدە قەشقەردىن ئۆتىدۇ. ئۇ تارىختا قەشقەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن تۇنجى ياۋروپالىق ئىدى. ئۇ قەشقەر ھەققىدە خېلە ئىجابى سۆزلەرنى قىلىپ كېلىپ ئاخىردا،“ ئەمما بۇ ئەلنىڭ خەلقى پاكىزلىققا بەكمۇ رىئايە قىلمايدىغان بولغاچقا، پاسكىنىچىلىقتا بەكمۇ بىچارە ئىكەن. ئۇزۇقلۇقى بەكمۇ يېرىك، ئىچىملىكلىرى بەكمۇ سۈپەتسىز ناچار ئىكەن. ..“ دەپ يازىدۇ. بۇ گەپلەر تەبىئىكى بىزنى راھەتسىز قىلىدۇ ۋە ئويغا سالىدۇ. مەن ماركو پولۇنىڭ بۇ بايانلىرىىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭدىن 200 يۈز يىل بۇرۇنقى ، يەنى دەل بىزنىڭ ئىككى ئالىمىمىز – مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ياشىغان ۋاقىتنى ئويلۇدۇم. ئۇ چاغدا قەشقەر قاراخانىلارنىڭ پايتەختى ئىدى،گۈللەنگەن، مەدەنىيەتلىك شەھەر ئىدى. ”تۈركى تىللار دىۋانى“ ۋە ”قۇتادغۇ بىلىگ“ دە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، تازلىغى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. ئۇلاردىن ئەينى زاماندىكى تازلىق، يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىر ۋە باشقا ساھەلەردىكى يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ كارتىنىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلەيمىز. دىمەك، 200 يىل ئۆتۈپ،قەشقەردە نۇرغۇن چېكىنىش بولغان.
ماركو پولونىڭ قەشقەر سەپىرىدىن كېىين تەخمىنەن 250 يىل ئۆتكەندە، يەركەن سەئىدىيە خانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىرگە 1514-يىلى قەشقەرگە كەلگەن مەشھۇر تارىخچى مىرزا ھەيدەر گوراكان، ئۆزىنىڭ ”تارىخى رەشىدى“ دىگەن كىتاۋىدا قەشقەر ھەققىدە،“ كاشىگەر بۇرۇنقى زامانلاردا كاتتا شەھەر بولغانكەن، ھازىر بۇرۇنقى سەلتىنىتىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ. ..قەشقەرنى شەھەرلىكلەر كۆرسە سەھرا دەيدۇ، سەھرالىقلار كۆرسە شەھەر دەيدۇ…“ دەپ يازىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، مىرزا ھەيدەرنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى بۇ تەسۋىرى، ئەمىليەتتە يالغۇز قەشقەرنىڭلا ئەمەس، بەلكىم پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى بولۇپ، 100 يىللىق قاراخىتاي ئىستالاسى ۋە 300 يىللىق مۇڭغۇللار ھۆكۈمىرانلىغى ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەر جەھەتتىن ئېغىر ھالسىرىغان ئىدى.
بۇ دەۋىردە نۇپۇسنىڭ ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە يۇقارقى سەۋەپلەردىن باشقا يەنە،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە باشىا تۈردىكى تەبئى ئاپاتلەرمۇ سەۋەپ بولغان بولۇشى ئىنىق. ئەمما،بۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدە مەن تېخى بىرەر مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە،يەنى مىلادى 1346 – يىللىرى ياۋروپادا ۋابا تارقىلىپ،بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ كەتكەن، يۇقۇم مىسىر، سۈرىيە ھەتتا ئىرانغىچە تارقىلىپ ئۇ جايلاردىمۇ ئاھالىنىڭ 3|1 ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مەن يۇقاردا، 12-16-ئەسىرلەر ئارلىغىدا ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم. ئەمدى تۆۋەندە،ئەينى دەۋىردە نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشقان بەزى مۇھىم ئامىللار ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، مىلادى 1218-يىلى چىڭگىزخخان ئارمىيىسى تارىم ۋادىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن مۇڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسى يۇرتىمىزغا ھۆكىمىران بولۇپ يەرلەشتى. ئەمما كېيىنى 300 يىلداۋامىدا ئۇلار دىن، تىل،تۇرمۇش ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى. شۇ زاماندا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ زادى قانچىلىك مۇڭغۇل ئاھالىسىنىڭ تارىم ۋادىسىغا يەرلەشكەنلىگى ھەققىدە ئېنىق بىر سان يوق. تارىخ كىىتاپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، مىلادى 1353-يىلى مۇغۇلۇستان خانلىغىنىڭ ھۆكۈمدارى تۇغلۇق تۈمۈرخان خانلىق پايتەختى ئالمالىق شەھرىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە خانلىق تەۋەسىدىكى باشقا مۇڭغۇللارنىمۇ مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان، نەتىجىدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگەىل ئىچىدە 160 مىڭ ئۆيلۈك مۇڭغۇل مۇسۇلمان بولغان. مۇسۇلمان بۇلغان بۇ مۇڭغۇللار كېيىنچە ئىلى ۋادىسى ۋە يەتتە سۇ تەۋەسىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار،ئۇترا ئاسىيادىكى ئۆزبەك ۋە تۈركمەنلەر ھەمدە، تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋىگە سىڭىپ كەتكەن. يەنە، مىرزا ھەيدەر گوراگاننىڭ ”تارىخى رەشىدى“ دىگەن كىتاۋىدا، كىتاپ يېزىلغان 1540 -يىللاردا ئۇترا ئاسىيادا جايلاردا ھېلىمھەم 30 مىڭچە مۇغۇلنىڭ بارلىغىنى يازغان. ئەمما، بۇنىڭدا بىرئاز مۈجىمەللىك بولۇپ، بۇ 30 مۇغۇل يېلغىچە ئۇيغۇرلار ياكى باشقا تۈركى خەلىقلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولماي قېپ قالغان مۇڭغۇلمۇ، ياكى ئاسمىلاتسىيە بولۇپ بولغان موغۇلمۇ ئېنىق ئەمەس، چۈنكى ۇ زاماندا مۇسۇلمان بولغان ۋە يەرلىك تۈركى خەلىقلەرگە ئاسمىلاتسىيە بوللغان مۇڭغۇللارنى مۇڭغۇل“ دىمەي ”مۇغۇل“ دەپ ئاتايتى.
قانداقلا بولمىسۇن، 300 يىل داۋامىدا كەمىدە 50 مىڭ مۇڭغۇل ئۇيغۇرلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، مۇڭغۇللار ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرى ھۆكىمىرانلىغى جەريانىدا يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغان يەنە بىر ئىش، بۇ دەۋىردە تۇرپان ۋە قۇمۇلدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن بارچە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقات جەھەتتە بىرلىككە كەلگەنلىگى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تولۇق بىرلىك ھاسىل قىلىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتى ئاساسى گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئىبارەت.
(داۋامى بار)
2021-يىل،يانۋار، نورۋېگىيە
Share
2299 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.