logo

trugen jacn

جەيمىس لېيبوندنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى

e0367b5c-b63a-4d6d-a1b8-6356b4f855b9

ئىرادە

2014-u1202-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاۋسترالىيىدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ۋە سىياسەت لېكتورى جەيمىس لېيبوند ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاكادېمىكلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 1 – دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا «سوئال ۋە جاۋابلار : جەيمىس لېيبوند خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە توختالدى» ماۋزۇسىدا بىر مەخسۇس خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكادېمىك جەيمىس لېيبوند زىيارەت قىلىنغان. زىيارەتنىڭ كىرىش قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، جەيمىس لېيبوند ھازىر بېيجىڭدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ بۇ مىللەتلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇ ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىگە قاراتقان چەكلىمە سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جەيمىس لېيبوندتىن ئالدى بىلەن خىتايدا پۇقرالارنىڭ قاچاندىن ئىتىبارەن مىللىتىگە قاراپ سىنىپلاندۇرۇلۇشقا باشلانغانلىقىنى سورىغان. جەيمىس لېيبوند خىتايدا پادىشاھلىق مەزگىلىدىلا كىشىلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قاراپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغانلىقىنى، كېيىنكى مەزگىللەردە جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدا تەتقىق ئېلىپ بارغان بىر قىسىم چەتئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ۋە تەبىئەتشۇناسلارنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر تەتقىقاتىنى ئاكادېمىك بىر سەۋىيىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :

– خىتايدا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سېستىما مەنچىڭ خاندانلىقىدا ئىشلىتىلگەن «مىللەتلەرنى باشقۇرۇش» سېستىمىسىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. يەنى «بىز سېنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ قوبۇل قىلىمىز. سەن ئويۇننى بىزنىڭ قائىدىلىرىمىز بويىچە ئوينىساڭ، بىز سېنى مۇكاپاتلايمىز، ئۇنداق بولمايدىكەن جازالايمىز» دېگەننى ئاساس قىلغان. مەنچىڭ خاندانلىقى بۇنى ئېن ۋې «شەپقەت ۋە قۇدرەت» دەپ ئاتىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ دېگەنلىك «بىر قولىدا شېكەر، بىر قولىدا تاياق» دېگەنلىك… مەن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «ھىجاپلىنىشقا قارشى تۇرۇش» سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن، ھۆكۈمەت ياغلىق چېگىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە ئاپىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇكاپاتلىسا، بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنى قولغا ئېلىپ جازالاۋاتىدۇ. مانا بۇ «شەپقەت ۋە قۇدرەت» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. سىياسەت يەنىلا شۇ خىتاي مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان مەركەزنىڭ ئەتراپتىكى ئاز سانلىقلارنى باشقۇرۇشىدىن ئىبارەت.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى يۇقىرىدىكى بۇ ئۇسلۇبنىڭ ھازىرقى سىياسەتلەردىكى ئەكسىنى سورىغان. جەيمىس لېيبوند خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا يولغا قويغان كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بۇنىڭ ئەكسى ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ 3 يىل ئىچىدە جەمئىي 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيىنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقى بولۇشى ۋە ئاساسىي قاتلاملاردا سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ مۇخبىرنىڭ بۇ سىىياسەتلەرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن :

– كومپارتىيە داۋاملىق مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ تۇرىدۇ ۋە ھەريەردە «قاتتىق زەربە بېرىش» دېگەن ھەيۋەتلىك لوزۇنكىلار بار. ئەمما بىز داۋاملىق كادىرلارنىڭ ئامال بار ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ۋە ياكى بىرلىرىگە پۇل بېرىپ، بالدۇرراق ئۈرۈمچىگە قايتىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتلەر ھەقىقەتەن كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىۋاتامدۇ دېگەندە مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مەنچىڭ خاندانلىقى ۋە مىڭگو دەۋرىگە قارىغاندا تەسىرى يەنىلا كۈچلۈك.

مۇخبىر جەيمىس لېيبوندتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىقىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار – يوقلۇقىنى سورىغان. ئۇ بۇنىڭغا «بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسىتىپ «سەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىساڭ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. كۆزىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنى بۇلۇڭغا قىستىساڭ، ئەلۋەتتە قارشىلىق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەن.

بىراق ئۇ سۆزى داۋامىدا، ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن :

– شى جىنپىڭ تېخى سىنتەبىردە ئېچىلغان مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا خىتاينىڭ ھازىرقى مىللىي سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن توغرىلىقىنى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەرقانداق بىر باياناتتا ئوخشاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى. بىراق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مىللىي زىددىيەت مەۋجۇت ۋە ئالدى بىلەن سەن بۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭ كېرەك. ئۇنى ئالدى بىلەن ئېتىراپ قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسگىە قارىغىلى بولىدۇ. لېكىن خىتايدا مىللىي زىددىيەتنىڭ بارلىقىنىمۇ تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇ توغرىلىق گەپ قىلمايدۇ. كومپارتىيە خەقنىڭ ئاغزىنى يۇمغۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكى ئېنىق.

مۇخبىر جەيمىس لېيبوندتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، دەپ سورىغان. جەيمىس لەيبوند بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئېھتىمال بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنداق دېيىشىگە تۆۋەندىكى ئىككى خىل سەۋەبنى كۆرسەتكەن :

– ئالدى بىلەن رەقەم بەك ئاز ۋە مەسىلە بەك ئۇزاقتا. فالۇنگۇڭ ۋە ياكى يەر ئاستى چېركاۋلىرى مەسىلىسىنىڭ سالمىقى ئېغىرراق. چۈنكى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى بار. بىز بۇ يەردە كۆپ سانلىقتىن سۆز ئېچىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كومپارتىيىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رىزالىقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل چىقارماقتا. ئەھۋال بۇ ئىكەن، كىم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئاتسۇن؟ بەلكىم قىلسا رادىكاللىشىپ كەتكەنلىرى ۋە ياكى قاتتىق چەتكە قېقىلغانلىرى قىلىشى مۇمكىن. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر ھاياتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. بەلكىم ئۇلار نارازى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدەك بىر پاكىتقا تەن بېرىپ ياشاشنى داۋام قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر نارازى بولسىمۇ، ھېچكىم ئاغزىنى ئېچىپ بىر نەرسە دېمەيدۇ. خىتايدا مىللىي مەسىلىلەر ئىنتايىن سەزگۈر تېمىلارغا كىرىدۇ. كىشىلەرنى ئېغىز ئاچقۇزۇش بەك تەس.

مۇخبىر، جەيمىس لېيبوندنىڭ بۇ جاۋابىدىن كېيىن «بۇ سىزنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتىڭىزدىن كېيىن ھېس قىلغانلىرىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ بۇنىڭغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ باشقا جايلارغا قارىغاندا خوتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە ئۆتكۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خوتەندە ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ «خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەيداندا 100 ئەتراپىدا خىتايلار گىمناستىكا ئويناۋاتقاندا، ئۇلارنى تولۇق قوراللانغان، ئاپشاركىلىق ھەربىيلەر قوغداپ تۇرىدىكەن. ئۇ مەيدانغا كىرىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك. بۇ تولىمۇ بىر غەلىتە مەنزىرە. 90 پىرسەنتى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ شەھەردە، خىتايلار خىتاي ھەربىيلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىكەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، جەيمىس لېيبوند ئەتراپنى بىر قانچە پارچە رەسىمگە تارتىشىغا ھەربىيلەر ئۇنى دەرھال ئورىۋالغان ۋە كېيىن ئۇ ساقچىخانىغا ئاپىرىلغان. دەسلەپتە ساقچىلار بۇ كىشىنى مۇخبىر دەپ ئويلاپ، بۇ يەر بەك خەتەرلىك، دەپ بۇ يەردە تۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. جەيمىس لېيبوند ئۆزىنىڭ مۇخبىر ئەمەسلىكىنى، پەقەت بىر ساياھەتچىلىكىنى ئېيتقىنىدا بولسا «ھە، ئەلۋەتتە بىز ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالىمىز، بۇ دېگەن بىر ئوچۇق شەھەر، قارشى ئالىمىز» دېگەن. بىراق ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ رەسىم تارتىشىنى خالىمىغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى «ئۇلار ئەنسىرەۋاتامدۇ» دەپ سورىغان. لېيبوند جاۋاب بېرىپ «شۇنداق. لېكىن ئۇلارنىڭ سىياسىتى بىر – بىرىگە زىت. بېيجىڭ ۋە كۈنمىڭلەردە ناھايىتى زور ۋەقەلەر چىقتى. ئۇلار خىتاينى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى چىقىش قىلغان بىر سىياسىتى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا بىر چارىسى يوق. ھەم ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى يېشىش ئۈچۈن قۇدۇقتىن چىقىپ، باشقىچە بىر يول تۇتۇش خىيالىمۇ يوق. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلانغانسېرى، ئۇ ماڭا شۇنچە ئايىقى چىقمايدىغاندەك بىلىنىدۇ. مەن ئۈمىدسىز گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايتتىم. بىراق ھازىرقى رېجىمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېشىلىشىدىن ئۈمىد يوقتەك كۆرىنىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/james-uyghur-12022014231136.html

Share
1863 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.