logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: ھەممىدىن ۋاز كېچەلىسەممۇ، ئۇيغۇرلۇقۇمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن

 

ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ

2010-10-05

u1005-pmxﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى تۈنۈگۈن ئۇيغۇر بىز تور بېتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇرۇنقىدەك، ئۇنتۇلۇپ قېلىنىش ۋە تاشلىۋېتىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ”5 ‏- ئىيۇل“دىن كېيىن، دۇنيا جامائىتى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. يەنى دۇنيا مەتبۇئاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆز خەلقلىرىگە مەلۇماتلار بېرىشكە باشلىغان. مەتبۇئاتنىڭ تۈرتكىسىدە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا كىرىشكەن. ئەمما ئۇلار، ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغان، پىكىر بايان قىلىدىغان كىشىلەرنى تېپىشتا قىينالغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى، دەل مانا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقتا.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئاخباراتنىڭ يېتەكلەش رولىغا سەل قارىماسلىقنى تەكىتلىگەن. يەنە خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى 2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن 7 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىگە قەدەر، 2 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن، ئاۋسترالىيە رادىئوسىغا قەدەر 60 نەچچە ئاخبارات ئورنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

بۇ جەرياندا مۇخبىرلار، خىتايدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا سۆزلەشنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەۋپ خەتىرىنى ئەسلىتىپ، ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئوچۇق تەھدىتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ”ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىم، ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيىتىم“ دەپ جاۋاب بەرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى ئۈچۈن، ”5 ‏- ئىيۇل“دىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىش، ئۆزى خالىمىغان ساياھەتلەرگە ئېلىپ كېتىلىش، ھەتتا ئۇشتۇمتۇت تۇتۇپ كېتىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەنسىزچىلىك ۋە تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن، ئايالى ۋە بالىسى بېيجىڭدىن كېتىپ تۇرۇشقا ۋە يۇرتىدا ئائىلىسىدە تۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ ھەقتە ئىلھام توختى مۇنداق دېگەن: ”ئۇلار يەنى ئايالىم ۋە بالام مېنىڭ بىلەن بىللە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق، مەن ئۇلارغا بۇ ئىمكاننى يارىتىپ بېرەلمىدىم ….“ ئىلھام توختى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: “ ياق. توغرىسى مەن يارىتىپ بېرەلمىدىم ئەمەس، مۇھىت بۇنىڭغا يول قويمىدى….“ ئىلھام توختى شەخسىي ھاياتى ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىنى خۇلاسىلەپ، ھاياتىدا ھەممىدىن ۋاز كېچەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلۇقىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە ئىلھام توختىنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان ئەلچىخانىلار، ئامېرىكا، فرانسىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيە ئەلچىخانىلىرى، شۇنداقلا يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدۇر.

ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ بۇ سۆھبەتلەر جەريانىدىكى تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ”مەن دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم. ئۇلار(دۇنيا جامائىتى)نىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئەمما، 10 مىليون ئۇيغۇر خەلقى گەرچە، جۇڭگو پۇقراسى بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتى ۋە بۇ دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق مىللەتتىن، بۇ دەرىجىدە ھۆرمەت ۋە قىزىقىشنى ھېس قىلىپ باقمىدى. شۇڭا مەن، ئاڭلاشقا قىزىققۇچىلار بولسا، مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىشىشكە تەييارمەن.“

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ”5 ‏- ئىيۇل“دىن كېيىنكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىدە بىر مۇنچە سوئاللار پەيدا بولغان. ئۇ بۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”مەن داۋاملىق تۈردە ئويلىنىۋاتىمەن، مىللىي تەقدىرىمىزنى، كېلەچىكىمىزنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىۋاتىمەن. كاللامدىكى بىر مۇنچە سوئاللارغا تېخى جاۋاب تاپالمىدىم؛ ئەمما ئېنىق جاۋاب تاپالىغان نۇقتام شۇكى، ئۇيغۇرلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك، (دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن) ئۇنتۇلۇپ قېلىش، تاشلىۋېتىلىش ۋەزىيىتىگە قايتا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-toxti-we-uyghurlar-10052010192547.html

Share
1627 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.