logo

trugen jacn

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى

osmanlı

1 – دۇنيا ئۇرۇشى بولغانلىقىنىڭ 100 – يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىلەرنىڭ بىرسى «ئوسمانلى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتى؟» دېگەن تېما بولدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئوسمانلى دۆلىتى رەھبەرلىرى ئەينى چاغدا بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ھەمدە ئۇرۇشنىڭ غالىپى بولىدىغانلىقىغىمۇ ئانچە ئىشنىپ كەتمەيتتى. بىراق، ھەم 100 يىل ئىلگىرى، ھەم ھازىرمۇ ئىنتايىن رەشەن كۆرۈۋالغىلى بولغىنىغا ئوخشاش، ئوسمانلى، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە – ھۇنگىرىيە قاتارلىق ئەينى چاغدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ كۈچ – قۇدرىتى، رەقىبى بولغان ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كۈچ – قۇدرىتىدىن ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمانلى، ئاۋستىرىيە – ھۇنگىرىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار شۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتە ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە 300 يىلدىن بۇيان ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچلىرى؛ رۇسىيە بولسا،200 يىلدىن بۇيان ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە 200 ئىلگىرى سانائەت ئىنقىلابىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان، بىراق گېرمانىيە ئاران 45 يىل ئىلگىرى (1871 – يىلى) بىرلىككە كېلەلىگەن ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى بولسا، سانائەت ئىنقىلابىنى تېخى ئىشقا ئاشۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن «ياۋروپانىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتالماقتا ئىدى. ئوسمانلىلار 19 – ئەسىردە، بولۇپمۇ 1877 – ۋە 1878 – يىللىرى رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، شۇنداقلا 1912 – ۋە 1913 – يىللىرىدىكى بالقان ئۇرۇشلىرىدا نۇرغۇنلىغان زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئەجىبا بۇ بارلىق ئوڭايسىزلىقلارغا قارىماستىن ئوسمانلىنىڭ 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتىشىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** *** *** ***** *** **** ********** *****
ئوسمانلىنىڭ 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتىشىشىنى قارار قىلغانلار ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىدى. بۇ پارتىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبىرى بولسا، ئەينى چاغدا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئەربابى ۋە ھەربىي نازىرى ئەنۋەر پاشا ئىدى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە – ھۇنگىرىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەينى چاغدىكى شەر – شارائىتلارغا نەزەر سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇجەھەتتە نەزەردە تۇتۇشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئەھۋال، ئەينى چاغدا ئوسمانلىنىڭ 1877 – ۋە 1878 – يىللىرى رۇسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغان ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن تەرەققىي تاپقان گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرىدا سىقىشىپ قالغانلىقى ئىدى. 2 – ئابدۇلھەمىت ئۇرۇشتىن كېيىن چاقىرىلغان 1878 – يىلدىكى بېرلىن كونفېرانسى يىغىنىدا، گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولدى. ئوسمانلى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق، بولۇپمۇ ھەربىي ساھەلەردە ئىنتايىن كۈچلەندى. گېرمانىيە ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىرى ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئوسمانلى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى سودا، ئىقتىساد، قاتناش ۋە باشقا ساھەلەرگىچە كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرگەن رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە قاتتىق ئەنشىرەشكە چۈشتى. ئىنگلىزلار بېرلىن بىلەن باغداد ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىدىن ئەنسىرەيتتى. يەنە بىر تەرەپتە، رۇسىيە گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋستېرىيەنىڭ بالقانلارغا، بولۇپمۇ سارايېۋوغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت گېرمانىيە بىلەن ئوسمانلىنى ئۆزلىرىگە قارشى تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. ھەر ئىككى دۆلەت ئاخىرى 1878 – يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلالىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاپ، گېرمانىيەنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى پىلانلاشتى. تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تاشتا ئىككى پاختەك سوقۇش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەل ئەنە شۇنداق پۇرسەتنى ياراتتى.
بۇ ۋەزىيەتتە ئوسمانلىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقى يۈزىسىدىن، ئەگەر خالىغان تەقدىردىمۇ ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گەرچە ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجىلىك بولمىدى. ھەتتا ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۈچەيتىش ئۈچۈن 2 ئۇرۇش پاراخوتى زاكاس قىلغان ھەمدە پۇلىنىمۇ ئەنگلىيەگە نەخ تاپشۇرغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۈتكىنىدەك يىقىنلاشستۇرالمىدى. چۈنكى بۇ چاغدا ئەنگلىيە ئوسمانلىنى ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان ۋە مۇداپىئە قىلالمايدىغان ھالدىكى بىر دۆلەت دەپ قارايتتى.
ئوسمانلى دۆلىتى شۇنداقتىمۇ رۇسيە بىلەن ئاۋستىرىيە ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا نەزەرىيە جەھەتتىن بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە قىستىيالايتتى. بىراق، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە تەرەپتە ئورۇن ئالدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەت قارىشىغا باغلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسى رەھبەرلىرى گېرمانىيەنىڭ سېپىدە ئورۇن ئېلىپ، ئۇرۇشقا كىرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 2 – نىشاننى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.
1 – ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، كونا شانۇ- شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛
2 – رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىش پىلانى ئىدى. «تۇرانچىلىق» دەپمۇ ئاتالغان بۇ لايىھە ئارقىلىق ئوسمانلى خەلىپىلىكىنى چوڭ بىر تۈركىي دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش پىلان قىلىنغان ئىدى.
نەتىجىدە ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسى گېرمانىيەنىڭ ئوسمانلى بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. ئوسمانلى ئارمىيەسى سېپىدە گېرمانىيەلىك مىڭلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى. ئوسمانلى ئەسكەرلىرى گېرمانىيەنىڭ قوراللىرى ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتەتتى. بۇنىڭغا قوشۇمچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان بېرلىن – باغداد -ھىجاز تۆمۈر يولى لايىھەسىمۇ خېلى بىر يەرگە كېلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بۇ لايىھە ئىشقا ئاشقان تەقدىردە ئىستانبۇل ھەم مۇقەددەس ھەرەمگە تۇتىشاتتى، ھەم بالقانلار بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرەتتى. بۇنداق چۇڭقۇرلاشقان ئىتتىپاقداشلىقنى تاشلاش ئاسانمۇ ئەمەس ۋە مۇمكىنمۇ ئەمەس ئىدى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئوسمانلىنىڭ 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغاا قاتناشقانلىقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شۇنداقلا ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي پارتىيەسىنىڭ ئورتاق مەھسۇلى ئىدى.
ئوسمانلى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق بۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇرەككەپ بىر ئەھۋالغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىدى. خۇددىي چاناققەلئە ئۇرۇشىدا كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش ئالدىنقى سەپ ئۇتۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئىدى. لېكىن، بۇ ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى كۈچ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئەمەس، بەلكى 1917 – يىلىدا يۈز بەرگەن ئىككى مۇھىم ۋەقە بولدى.
بىرىنچىسى؛ بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشى؛
ئىككىنچىسى؛ رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئىنتايىن چوڭ ھەربىي كۈچ ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تولدۇرۇپ، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بولدى.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.trt.net.tr/uyghur/%EF%AD%98%EF%AF%A9%EF%BA%AE%EF%BB%AD%EF%AE%94%EF%BA%AE%EF%BA%8D%EF%BB%A3%EF%BB%A4%EF%AF%A9%EF%BB%BC%EF%BA%AD/2015/03/31/%D8%A6%D9%88%D8%B3%D9%85%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89-%D8%A6%D9%89%D9%85%D9%BE%DB%90%D8%B1%D9%89%D9%8A%DB%95%D8%B3%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-1-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7-%D8%A6%DB%87%D8%B1%DB%87%D8%B4%D9%89%D8%BA%D8%A7-%D9%82%D8%A7%D8%AA%D9%86%D9%89%D8%B4%D9%89%D8%B4%D9%89-196743

Share
1718 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.