logo

trugen jacn

ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟

image

 قۇتلان

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي تىلى قىلغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كەلگەن.

خىتايدا سەھىيە سىستېمىسى بويىچە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ بىردەك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر تېبابىتى قويۇق مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك بولغاچقا، ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي تىلى سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن. ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە ئېلىنىدىغان ھەرقانداق كەسپىي ۋە نەزەرىيىۋى ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىپ كېلىنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسپىي قورغىنى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابىتى خىتاي تىلىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان. ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىن ئېلىنىدىغان كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ 30 پىرسەنتلىك نەزەرىيە قىسمىنى خىتاي تىلىدا بېرىش تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن سىستېمىلىق مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئاتا-بوۋىلىرىدىن قول ئالغان ۋە ئۇزۇن يىللىق كېسەل كۆرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى خىتاي تىلىدا بېرەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالالمىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن شىپاخانا ۋە دوختۇرخانىلىرىنى داۋاملىق ئېچىشىغا يول قويۇلمىغان.

رادىئومىز ئۆتكەندە خوتەندىكى بىرقانچە ئاتا مىراس تېۋىپلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلارغا خەۋەر بەرگەن. بۈگۈن بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەزكۇر نازارەتتىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىم بىلەن سۆزلەشتۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«شۇنداق، بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز بار. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللىي تېبابەتلەر بويىچە ئېلىنىدىغان كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ 30 پىرسەنتلىك نەزەرىيە قىسمى خەنزۇ تىلىدا ئېلىنىدىغان بولدى. بۇ جۇڭگودىكى مىللىي تېبابىتى بار ھەرقايسى مىللەتلەر ئۈچۈن ئوخشاش، مەسىلەن جۇڭگو تېبابىتى، موڭغۇل تېبابىتى، تىبەت تېبابىتى، قازاق تېبابىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئوخشاشلا 30 پىرسەنتلىك نەزەرىيە ئىمتىھانىنى خەنزۇ تىلىدا بېرىدۇ.»

«ئىمتىھان سوئاللىرى ئىچىدىكى نەزەرىيە قىسمى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلىدۇ. يەنى سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ چىقىرىدۇ. ئۇنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆز تىلىدا ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ دېگەن ھۆججەت يوق. شۇڭا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىنمۇ بۇ ئىمتىھاننى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىدا بېرىش تەلەپ قىلىندى. مەركەزدىن بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججەت چۈشمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا بۇ ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ھوقۇقىمىز يوق. بۇ دېگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، بۇ يەردە ياشىغان ھەممە ئادەم، خۇسۇسەن ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت نېمىنى تەلەپ قىلغان بولسا شۇ تىلدا بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق.»

ئۇ بىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سورىغان سوئاللىرىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«خەنزۇچە ئىمتىھاننى بېرەلمىگەن تېۋىپلار پەقەتلا خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئون-يىگىرمە ئادەم، خالاس. خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئىمتىھاننى خەنزۇ تىلىدا بېرىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. گەپ تېۋىپلارنىڭ ئۆزىدە، ئۇلار ئۆزلىرى تىرىشمايدۇ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ. ئۆتكەندە خوتەندىن بۇ توغرىلىق ئەرز قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگىمۇ مەن ئوچۇق گەپنى قىلدىم. ئۇلاردىن، سىلەر قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتىسىلەر دەپ سورىسام، ئۇلار جۇڭگودا دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەنە ئۇلاردىن، ئەمىسە نېمىشقا خەنزۇچە ئۆگەنمەيسىلەر دەپ سوئال قويسام، ئۇلار جىم تۇرىدۇ. خەنزۇ تىلى دېگەن دۆلەت تىلى، ئۇنى بىلمەي تۇرۇپ جۇڭگودا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدۇ. مەن ئۇلارغا خەنزۇچە بىلمىسەڭلار مەيلى، لېكىن ئىمتىھان سوئالىدىكى ئا ب س دېگەن جاۋابلاردىن بىرىگە بەلگە قويساڭلارمۇ، ئازراق نومۇر ئالاتتىڭلار ئەمەسمۇ، دەپ كۆرسەتمە بەردىم. بۇ يىللىق ئىمتىھانغا يەنە بىر ھەپتە قالدى. ئەگەر ئۇلار يەنە، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرەلمىسە، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئەلۋەتتە ئالالمايدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق!»

ئۇ بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى مەركەزگە ياكى سەھىيە مىنىستىرلىقىغا يوللاپ ئىلتىماس قىلىپ كۆردۈڭلارمۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، يوللاپ كۆردۇق، سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئادەم كەلگەندىمۇ بۇ ئەھۋالنى دېدۇق. بىزنىڭمۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىن خەۋىرىمىز بار، لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەل بولمىقى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بەلكىم، تىبەت ياكى موڭغۇللارمۇ بۇ ئەھۋالنى مەركەزگە دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئېمتىھانىدا 60-70 پىرسەنت كەسپىي ئىمتىھاننى ئۇيغۇرچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ گەپ. مەركەزدىن، بولۇپمۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن بۇ ھەقتە بىزگە ھۆججەت چۈشمەي، تۇرۇپ ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش چىقىرىلىدىغان ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ.»

ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ساقلاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى كەسپىي قورغان بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە خىتاي تىلىنىڭ جىددىي بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghur-tewip-07012014143818.html

Share
1563 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.