logo

trugen jacn

ياپونىيە گېزىتى: خىتاي كۆچمەنلىرى خوتەنگە كۆپلەپ ماكانلاشماقتا

image

قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئىنگلىز تىلىدىكى گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 12-مايدىكى سانىدا ياپونىيە جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوتەندىن بەرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا، بولۇپمۇ خوتەنگە كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مەزكۇر خەۋىرىدە: «خىتاينىڭ غەربىدىكى يەر بايلىقى مول بولغان بۇ زېمىن 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ يۇرتى بولۇپ،ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە باغلىنىدۇ. خىتاي مىللىتىدىن پەرقلىنىدۇ. يېقىندىن بۇيان چېگرا رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىسلامى، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئەيىبلەۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈش دولقۇنى ئارقىسىدا 1949-يىلى 6% نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتايلار 2011-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسنىڭ 38% نى ئىگىلىگەن» دەيدۇ.

مۇخبىر خوتەندىن بەرگەن خەۋىرىدە، ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدە ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، مۇخبىر ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ قوبۇل قىلىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان فاڭ لىخۇانىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن خوتەنگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى شۇنداقلا قەدىمكى پايتەخت شىئەندىن 20 ياشلىق فاڭ فامىلىلىك بۇ قىزنىڭ ئۈچ كۈن پويىز بىلەن يول يۈرۈپ خوتەنگە كەلگەنلىكىنى، قاش تېشى ۋە مېۋىلەر ماكانى بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بۇ بوستانلىق شەھەردە ياشاۋاتقان بۇ قىزىنىڭ خوتەنگە ناھايىتى ئۆچ ئىكەنلىكىنى، «بۇ يەردىكى ھەممىسى چەتئەللىك، بۇ يەردە ھايات كەچۈرۈش، مېنىڭچە ماڭا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.

جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوتەنگە يېڭى كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس، سۇغۇرتا ئىشلىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز سەۋىيەلىرىگە لايىق مۇۋاپىق ياخشى خىزمەتلەرنى تېپىشىدەك بارلىق پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەنگە ئوخشاش جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەردىن بىر يەرگە كۆچۈپ نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشى، خىزمەت تېپىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتاي كۆچمەنلىرى بەھرى ئېلىۋاتقان سىياسەتلەردىن پايدىلىنىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇخبىر خوتەندىن بەرگەن خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەنت، يېزا-قىشلاقلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېيىش،نەپكە ئېرىشىش، ئەركىن تىجارەت قىلىش مەركەزلىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇخبىر خوتەن ھەققىدىكى خەۋىرىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار پەرقلىق سىياسەت ۋە مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش ۋەقەلەردە جەمئىي ئىككى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس سىياسىتىدە ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، مۇتەخەسسىس جامېسنى زىيارەت قىلغاندا جامېس: «خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت» دېگەن.

مۇتەخەسسىس جامېس سۆزىدە يەنە:«خىتاينىڭ بۇ ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈرۈش ئارزۇسى بار شۇنداقلا بۇ، نامرات خىتاي كۆچمەنلىرىگە باي بولۇشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىش سىياسىتى» دېگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى يۈكى خانىم خىتاينىڭ ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە يولغا قويۇۋاتقان ئەركىن نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تىزلىتىش ۋە شۇنداقلا بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇس سانىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى بىر قانچىلىغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان. خىتايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى خىتاي تارىخىدىن قالغان ئەنئەنە.

جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەۋىرىدە: «خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا خوتەندە بېيىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككىدىن ئوشۇق پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى بولسا ھۆكۈمەتكە ئۈچ مىڭ سوم پۇل تۆلىسە ئۈچىنچى پەرزەنتىنى ئېلىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ، پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەن سىياسەت» دېيىلگەن.

ياپونىيە جىجى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خوتەندىكى سىچۈەنلىك قۇرۇلۇش ئىشچىسى دۇن يۈننى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇخبىرغا:«بىزنىڭ سىچۈەندە خوتەندىكىدەك بوران-چاپقۇن يوق. ھاۋا ياخشى. بىراق خوتەندە جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەمىناتى ياخشى» دېگەن.

مۇخبىر خوتەن ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «ئۇيغۇر ئېلى ئىلگىرىدىن تارتىپ ئۆز ئالدىغا ئايرىم دۆلەت بولغان، رۇسلار زامانىسىدا مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1800 يىللىرىدىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىدى» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە مۇخبىر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېۋىزىيەسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان، ھەممىدە يەرلىكلەردىن پەرقلىق ھالدا مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بارىدىغان، ھەتتا ئۆز ئالدىغا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بولغان ئايرىم بىر ھۆكۈمەت» دەپ بايان قىلغان.

مۇخبىر خوتەن ھەققىدىكى خەۋىرىدە: «خوتەندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئايرىم-ئايرىم رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، خىتاي رايونلىرى ئاساسەن قوراللىق قوغدىلىنىدۇ. خوتەن شەھىرىدە ئۈچ يۈز مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ياشايدۇ. ئەمما كېچىدە خوتەن شەھىرى جىن-ئەرۋاھ شەھىرىگە ئايلىنىدۇ» دەيدۇ.

مۇخبىر خەۋىرىدە 2011-يىلى خوتەندە ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەقەلەردە 18 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، تيەنئەنمېنگە قىلىنغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە، خوتەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاخشاملىرى سىرتقا چىقىشتىن قورقىدىغانلىقىنى، ئۇلار قوراللىق ساقچىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئارقىسىدا بەزىدە ئاخشاملىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئاساسلىق مەيدانلاردا تانسا ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جىجى ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خوتەندە كېچىدە كوچا-كويلاردا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلىدۇ. ئەگەر كىمكى بۇنى رەت قىلسا شۇ زامان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار ئۇ كىشىنى ئېتىۋەتسە بولىدۇ. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنكەن» دېيىلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-kochmen-05142015164318.html

Share
1294 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.