logo

trugen jacn

مېنڭ كۈرەشلىرىم – ئادولوف گېتلىر

adolf_hitler

 تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ

تەبىئەت بۇ تۇپراقنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگەللىنىش ھوقۇقىنى ھېچقانداق مىللەت ياكى ئىرققا ساقلاپ بەرمەيدۇ ، ئەكسىچە ، بۇ تۇپراق ئۆزىنى ئىگىلىۋېلىشقا قۇدرىتى يەتكەن خەلق ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

 

ھىتلىرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابىدىن

بىرىنچى باب – تۇغۇلغان يۇرتۇم

تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش

كەسىپ تاللاش مەسىلەم كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كەتتى:
دادامدىن ئايرىلغان كۈنلىرىمدە ئەندىلا ئون ئۈچ ياشقا قەدەم باسقان ئىدىم. دادام، ساپساغلام يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ بىزنى چوڭقۇر مۇسىبەت ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ بۇ ئالەمدىن جىممىتىلا ئايرىلدى. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىدىن بىرسى، مېنى جەمىيەتكە چىققىنىدا دۈچ كېلىش ئېھتىمالى بولىدىغان جاپالاردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كەسىپ ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى. دادام، بۇ ئارزۇسىغا يىتەلمەي ئاخىرى ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، بىلىپ-بىلمەستىن بولسىمۇ ماڭا ئىستىقبال توغرىسىدا بىر غايىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا دادم بىلەن ئىككىمىزنىڭلا ئىشەنچىمىز كامىل ئىدى.
دەسلەپكى كۈنلەردە، مۇنداق قارىغاندا ئىشلىرىمدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلاتتى. ئاناممۇ مېنى تەربىيەلەشتە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە يول تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبورىيىتى دەپ ھىساپلايتتى. يەنى ئاناممۇ مېنىڭ مەمورىي كادىر بولۇش ئۈچۈن تەربىيىلىنىشىمنى تىلەيتتى. مەن بولسام، ھەرگىزمۇ كادىر بولماسلىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرماقتا ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس سېتكىلىرى غايەمگە ماس كەلمىگەنسىرى، مەنمۇ ئۇ دەرسلەرگە شۇنچە قىزىقمايدىغان بولىۋالغان ئىدىم. تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلغان بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولدۇم. بۇ كېسەللىك، ئائىلەم بىلەن بولغان بارلىق زىدىيەتلىرىمنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى. ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدىم. دوختۇر ئانامغا، كەلگۈسىدە نېمە بولسا بولسۇن، مېنى ھەرگىزمۇ بىر ئىشخانىغا ئۇزۇنغىچە قاماپ قويىدىغان بىرەر ئىشقا قويماسلىقنى ئالاھىدە جىكىلەش بىلەن بىرگە، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئەڭ بولمىغاندا بىرەر يىل بولسىمۇ توختۇتۇپ تۇرۇشۇم ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن ئارزۇلىرىمغا، قەتئى ۋاز كېچىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەيدىغان غايىلىرىم ئۈچۈن كۈرىشىش ئىمكانىغا تۇيۇقسىزلا ئېرىشكەن ئىدىم.
كېسەللىكىم سەۋەپلىك، ئانام ماڭا كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ بىرەر تېخنىكومغا كىرىپ ئوقۇشۇمغا ماقۇل بولدى.
بۇ كۈنلەردە مەن بۇ بولىۋاتقان ئىشلار ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ دەپ ئاڭقىرالماي، خوشاللىغىمدىن خۇدۇمنى بىلەلمەي يۈردۈم. ئەسلىدە، ئۇ كۈنلىرىم راستىنلا بىر چۈش ئىكەندۇق. ئىككى يىلدىن كېيىن ئانامنىڭ ۋاپاتى مېنىڭ ئۇ تاتلىق چۈشلىرىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى.
ئانام، ئۇزۇن داۋام قىلغان ئازاپلىق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ئانام كېسەل بولغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا بۇ كېسەلدىن ساقىيىش ئۈمىدىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. بۇ زەربە ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. مەن، دادامنى ھۆرمەت قىلاتتىم؛ ئەمما ئانامنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم.
بۇ ئاچچىق ئەمەلىيەت، مېنى دەرھال بىر قارار ئېلىشىم ئۈچۈن قىستىماقتا ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار بولغان ئىختىسادىي ئەھۋالى ئانام ئېغىر كېسەللىك تارتقان كۈنلەردە ئاساسەن پاك-پاكىزە قۇرۇغدىنىپ كەتكەن ئىدى. يېتىملار يۇرتىنىڭ ماڭا بېرىدىغان ياردەم پۇلى تۇرمۇشۇمنى قامداشقا زادىلا يەتمەيتتى. شۇڭا، نىمىلا بولمىسۇن بىرەر ئىش تېپىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا مەجبور ئىدىم.
بىر چامدانغا كېيىم-كېچەكلىرىمنى سېلىپ ۋىېناغا قاراپ سەپەر قىلدىم. بۇ سەپەردىن ئۆزەمگە تولۇق ئىشەنچ قىلاتتىم. بۇندىن ئەللىك يىل ئاۋال دادام ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئاتلانغان ۋىېنا سەپىرىدىن ئۇتۇق قازىنىپ يانغان ئىكەندۇق. مەنمۇ ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىن مېڭىپ، تىلغا ئالغىدەك بىر “ئادەم” بولۇپ قايتىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا ھەرگىز كادىر بولمايمەن دەيدىغان ئىرادەمدىن يانمىغان ئىدىم.
ئىككىنچى بابۋىېنادىكى جاپالىق ئوقۇش يىللىرىمئانام ۋاپات بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىم ئۈچۈن كاللامدا بەزى پىلانلارنى تۈزۈپ قويغان ئىدىم. ئەسلىدە ئانامنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچلارغا كىرىپ قالغان كۈنلەردە، ۋىېناغا بېرىپ گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئىمتىغانىغا قاتنىشىپ قويغان ئىدىم. سىزغان رەسىملىرىمدىن بىر بولاقنى قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ ۋىېنا سەپىرىگە ئاتلانغان ۋاقتىمدا، بۇ ئېنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنەتتىم. چۇنكى، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىرە رەسسامى ئىدىم. بۇ جەرياندا رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم ئالاھىدە مۇكەممەللەشكەن ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۆزەمگە ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، رەسسام پاكۇلتىتىغا چوقۇم قوبۇل قىلىنىمەن دەپ قەتئىي  ئىشىنەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەيدىغان تەرەپلىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى: رەسىم سىزىش جەھەتتە مەنزىرە-نەقىش رەسىملىرىنى سىزىشقا، بولۇپمۇ بىنا مەنزىرىلىرىنى سىزىشقا تېخىمۇ ئىقتىدارلىقتەك كۆرۈنەتتىم. بىناكارلىق سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم، بۇ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن زوۋقۇم تەبىئى ھالدا بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئەندىلا ئون ئالتى ياشقا كىرگەن بولۇشۇمغا قارىماي، ئون بەش كۈن ئەتىراپىدا تۇرۇپ قالغان ۋىېنادا مېنىڭدىكى بۇ ھەۋەس تېخىمۇ كۈچلەنگەن ئىدى. خوفمۇزېئۇم رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا رەسىملەرگە دىققەت قىلىش ئورنىغا بىنانىڭ گۈزەللىكلىرىنىلا كۆزۈتۈپ يۈرگەن ئىدىم. ھەر كۈنىسى ئەتىگەندىن تا كۈن پاتقىچە كۆرۈشكە تېگىشلىك چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى يەنىلا بىنالار ئىدى. ئوپىرا بىناسى بىلەن پارلامېنت بىنالىرىنى تاماشا قىلىشتىن زادىلا زېرىكمىگەن ئىدىم. پۈتۈن رىنگستراس كوچىسى ماڭا گويا مىڭ بىر كىچە چۈچەكلىرىدىن ئېلىنغان بىر مۇزىيخانىدەكلا كۆرۈنەتتى.
مانا بۇگۈن، بۇ شەھەرگە ئىككىنچى قېتىم كىرىپ كەلمەكتە ئىدىم. ئىنىستىتۇتقا كىرىش ئىمتىھانىدىن مۇتلەق تۈردە ئۆتەلەيمەن دەيدىغان ئىشىنچ بىلەن مەغرۇر ھالدا نەتىجەمنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى، … ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىگىمدىن خەۋەر تاپقىنىمدا گويا بېشىمغا چاقماق چۈشكەندەك ھۇجۇقۇپ كەتكەن ئىدىم! ئەمما ئۆتەلمىگەنلىكىم راس ئىدى. كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بولۈمىگە قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمنىڭ سەۋىبىنى سورىغىنىمدا، رېكتور − ئىنىستىتۇت مۇدىرى مېنىڭ تاپشۇرغان رەسىملىرىمدىن رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىغى توغرىسىدا رەت قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىشىمنى تىلغا ئېلىشقىمۇ بولمايدىغانلىغى، ئەمما بىناكارلىق بۆلۈمىگە كىرىش ئېھتىمالىمنىڭ يوق ئەمەسلىگىنى ئەسكەرتىپ قويدى. بۇنىڭمۇ بىر قىيىن تەرىپى بار ئىدى: بىناكارلىق كەسىپىگە تەييارلىق قىلغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشۇم شەرت ئىدى. مەن بولسام، يا بۇنداق بىرەر مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن ياكى بۇنداق بىرەر مەكتەپنى سىرتتىن بولسىمۇ ئوقۇمىغان بىرسى ئىدىم.
شىللېر مەيدانىدىكى ھانسېن سارىيىدىن ئايرىلغىنىمدا پۈتۈنلەي ۋەيرانە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. تۇنجى قېتىم ئۆزەمدىن گۇمانلانماقتا ئىدىم. چۇنكى ئىستىبداتىم توغرىسىدا ئاڭلىغان سۆزلەر ماڭا ئەجەللىك زەربە بولۇپ تەككەن ئىدى. بۇ ۋەقە، ئۇزۇندىن بويان دىققەت قىلماي كەلگەن بىر ياتلىشىش خاراكتېرىمنىمۇ بىراقلا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۇشۇمنى يىغىۋېلىپ ئۆزەمنى كەلگۈسى بىناكار قىلىپ پەرەز قىلىشقا مەجبور بولغان ئىدىم.
دېگەندەك ئۆمۈر يولى مۇشەققەتلىك ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان ئىدى. رېئالشكۇل − كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە بۈگۈنگىچە سەل قاراپ كەلگەن، ئەھمىيەت بەرمىگەن دەرسلىرىم، مانا بۈگۈن مېنىڭدىن ئېغىر ئاغرىتىپ ئىنتىقامىنى ئالماقتا ئىدى. ئىنىستىتۇتنىڭ بىناكارلىق بولۈمى دەرسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئالغان بولىشىم لازىم ئىدى. بۇ خىل دەرسلەر ئۈچۈن يەنە نورىمال ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئورۇندىمىغان ئىدىم. بىر قارىماققا غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرەر ئىمكانىيىتى قالمىغاندەك كۆرۈنەتتى.
ئانام ۋاپات بولۇپ ۋىېناغا ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئۆزەمنى تۇتىۋالغان، ئىرادەم ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ۋىېنادا خېلى يىللار تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم. غورۇرۇم قايتا تىكلەنگەن، مەقسىدىمگە يېتىش يولىدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق مۈشكىلاتلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان غەيرەتكە كەلگەن ئىدىم. مەن ئەندى بىناكار بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن، بۇ يولدا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار مېنى بويۇن ئەگدۈرەلەيدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ئەمەس دەپ ئويلىماقتا ئىدىم. چۇنكى ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا چوقۇم تاقابىل تۇرالايمەن دەپ ئۆزەمگە ئىشەنچ قىلاتتىم. مەن ئالدىمدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنى چوقۇم يېڭىمەن دەپ ئۆزەمگە قەسەم قىلدىم. يېزىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل بىر موزدوزى تۇرۇغلۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كادىر بولالىغان دادامنى ئۆزەمگە سېلىشتۇراتتىم. دادامغا قارىغاندا مەن تېخىمۇ پايدىلىق بىر نوقتىدا ئىشقا كىرىشمەكتە ئىدىم. شۇڭا، مېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم دادامنىڭكىدەك ئۇنچىلىك قىيىنغا توختاپ كەتمەيتتى. ئۆز ۋاقتىدا تەغدىرنىڭ ماڭا قاتتىققول بولۇپ كۆرسەتكەن ئىشلارنى، مانا بۈگۈن تەڭرىنىڭ مەن ئۈچۈن تەييارلىغان بىر چېنىقىش يولى ئىكەن دەپ قارىماقتىمەن. يوقسۇللۇق تەڭرىسى مېنى ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، نۇرغۇن قېتىم سېنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىپ باققان ئىدى. ھەر بىر توسالغۇ ئىرادەمنىڭ تېخىمۇ چىڭىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، ئاخىرى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كىتەلىدىم.
بۈگۈن، مېنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن شۇ يىللارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. بۇ جەرياندا كۈچلۈك ئىرادىلىق بولۇپ يېتىشىپ چىققىنىم ئۈچۈن مەمنۇنمەن. ئۇ يىللار مېنى راھەت ئىچىدە ياشاشقا بولىدىغان تۇرمۇش ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئىسسىق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان نازۇك-مىشچان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، غەم-ئەندىشىلىك كۈنلەر ئىچىگە تاشلىغانىكەن. ئۇ دەۋىر مېنى خارلىق ۋە يوقسۇللۇق دۇنياسىغا تاشلاپ، كەلگۈسىدە غايەم ئۈچۈن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر كۆرسەتكەن ئىكەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ جاپالىق يىللارغا رەخمەت ئېيتىشنى مەجبورىيىتىم دەپ قارايمەن.
ماركىسىزمئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ كۆزۈم ئېچىلىشقا باشلاپ، ئۇ كۈنلەرگە كەلگىچە ئىسمىنىلا ئاڭلاپ يۈرگەن، ئەمما نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن مۇنداق ئىككى خەۋپنى تونىغان ئىدىم: ماركىسىزىم ۋە يەھۇدىيلىق.
ۋىېنا  نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، سەبىلەر ئۈچۈن بولسا بايرام ئوينايدىغان بىر شەھەر ھېساپلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ئۈچۈن ئالغاندا، ۋىېنا دېمەك ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق يىللىرىمنىڭ جانلىق بىر خاتىرىسىدىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۈگۈنمۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى مەندە نامىراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بەش يىللىق ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمدىن باشقا بىرەر تەسىراتنى ئەسلىتەلمەيدۇ. بۇ بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مەدىكار بولۇپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. شۇنچىلىك ئاز ئىش ھەققى ئالاتتىمكى، تاپقان پۇلۇم قۇرسىغىمنى تويغۇزۇشقىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ كۈنلەردە ئاچلىق مەندىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر ھەمرايىم ۋە تاپقان بىر تىيىنىمنىمۇ تەڭ تالىشىپ يەيمەن دەپلا تۇرىۋالىدىغان ئايرىلماس بىر دوستۇم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئاچلىق دەردىمگە يەنە سېتىۋالغان ھەر بىر كىتاۋىمنىڭمۇ ھەسسىسى قوشۇلۇپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق ئوپىرا كۆرۈشكە بېرىشىم ئەتىسى بىر كۈن ئاچ قېلىشىمغا سەۋەپ بولاتتى. ئۇ كۈنلىرىمنى، ئاچلىق دىگەن بۇ ئىنساپسىز دوستۇم بىلەن تىنىمسىز جىدەللىشىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەر دىيىشىم مۇمكىن. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا ھەرقانداق بىر ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ كۆپىرەك بىر نەرسىلەرنى ئۆگەنمەكتە ئىدىم. بىناكارلىق ئۆگۈنۈشىم، كامدىن-كام بولۇپ قالىدىغان ئوپىراغا كىرىشىمدىن باشقا، ئاچ قېلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ تىجىگەن پولۇمغا سېتىۋالغان ئاچ قالغان كۈنلىرىمنىڭ يالدامىسى بولغان كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان كىتاپلىرىمدىن باشقا كۆڭلۈمنى ئۆستەرگىدەك بىرەر مەلىكەممۇ يوق ئىدى. بەكلا كۆپ ئوقۇيتتىم، ئىشتىن بۇشىغان ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىنى كىتاپ ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلاتتىم. ئەنە شۇ شەكىلدە بىرقانچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرىم بۈگۈنكى كۈندىمۇ ماڭا ئەسقىتىپ كەلمەكتە.
شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىم كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندىكى نەزەرىيىلەر بىلەن كۆزقاراش ئاساسلىرىمنى ئەنە شۇ كۈنلەردىكى بىلىملىرىم ئاساسىدا شەكىللەندۈردىم دېيىشىم مۇمكىن. شۇندىن بۇيان، شۇ چاغدا ھۇلىنى سېلىپ بولغان  كۆزقاراش ۋە نەزەرىيىلىرىمنى ئاساسەن يېڭىلىماي دېگىدەك ئۆز پىتىچە ساقلاپ كەلمەكتىمەن. يەنى ئۇ كۈنلەردە تىكلىۋالغان قاراشلىرىمنىڭ ئاساسىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن، ئۇلارغا ساداقەتلىك بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتىمەن.
بۈگۈن مۇنداق بىر نەرسىگە قەتئى ئىشىنىمەن: ئىنساندا ئىجادىيەت پىكىرلىرىنىڭ ئاساسى ئادەتتە ياشلىق دەۋىرلىرىدە سېلىنىدىكەن. ئۇزۇن يىللىق جەمىيەت تەجرىبىسى ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان بىر بوۋاينىڭ بىلىم غەزىنىسىنى تىنماي يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرىدىغان، بۇ كۆزقاراشلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇلارنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ياشنىڭ زىھنى كۈچ-قۇدرىتىگە قەتئىي تەڭ قىلمايمەن. ياشلىق دەۋىر، قۇرامىغا يەتكىنىدە پايدىلىنىدىغان بىلىم بىلەن پىلانلارنى تەييارلاپ بېرىدىغان دەۋردۇر. قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئەگەر بۇلارنى ئۆتكەن يىللىرىدا ئۆزلەشتۈرىۋالغان تەمكىنلىك دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەر بىلەن بوغۇپ تاشلىمىغانلا بولىدىكەن، بۇ بىلىم جوغلانمىلىرىدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ.
مېنىڭ ئۇ كۈنلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشۇم ئۆز ۋاقتىدا بىرگە تۇرغان ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىن كۆپ پەرق قىلىپ كەتمەيتتى: ئەتە قانداق قىلارمەن دەپ بەك غەم قىلىپ كەتمەيتتىم، ئىجتىمائىي جەھەتتە بىرەر چاتىغىممۇ يوق ئىدى.
مېنىڭ بالىلىق مۇھىتىم ئۇششاق بۇرجۇئا مۇھىتى ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن. يەنى جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىلەن ئانچە مۇناسىۋەت قىلىشمايدىغان تار بىر دۇنيا ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن. بىر قارىماققا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىقتىسادىي شارائىتى ئۇنچىۋالا ياخشى ھىساپلانمايدىغان ئۇششاق بۇرجۇئازىيە سىنىپى بىلەن مەدىكارلار سىنىپى ئوتتۇرسىدا پەرەز قىلغانلىرىمىزدىنمۇ چوڭقۇر بىر ھاڭ بار ئىدى. بۇ ئىككى سىنىپ بىر-بىرسىگە خۇددى دۈشمەندەك قارىشاتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: ئەسلىدە تېخى يېقىنقىلا بىر ۋاقىتتا ئىشچى سىنىپىنىڭ سەۋىيىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر، ئاز-تۇلا يىرگىنىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇ سنىپقا مەنسۈپ كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقى سەۋەپ بولماقتا دېيىش مۇمكىن. بۇنداق يىرگىنىشىگە يەنە پەس كۆرگەن بۇرۇنقى سىنىپىدىكىلەرنىڭ قوپال، كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك مۇئامىلىلىرىدىن قالغان ئەسلىمىلىرى بىلەن مەدەنىيەتسىزلىگىمۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي سەۋىيىدىن قۇتۇلۇپ مويسىپەت بولىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مىنوتلىقىغا بولسىمۇ كەينىدە قالغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش قورقۇنچىسى ھەقىقەتەنمۇ سۈكۈت قىلغىلى، چىدىغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس.
شۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئۇچۇرىتىشقا بولىدۇكى، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى يوقۇرى بولغان كىشىلەر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ تۈۋەن سەۋىيىلىك پۇخرالىرىنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىرىدا، يوقۇرى سەۋىيىگە كېيىن چىقىپ قالغان “يېڭىدىن پۇل كۆرگەن كىشىلەر” گە قارىغاندا تۈۋەن تەبىقىگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىر تۇيغۇ بىلەن كىرىپ كېلىشىدۇ. بۇ يەردە “يېڭىدىن پۇل كۆرگەن كىشىلەر” دېگىنىمدە، بۇرۇنقى نامراتلىق ھالىتىدىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەرتىۋىسىنى بۇرۇنقى سەۋىيىدىن يوقۇرى كۆتۈرىۋالغان كىشىلەرنى كۆزدە تۇتماقتىمەن. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى خارلانغان كۈنلىرىدىكى تارتقان جاپالىق ئەسلىمىلىرى ئۇلاردىكى باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار كەينىدە قالغان بۇرۇنقى سەبداشلىرىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ.
بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، تەغدىر ماڭا مەرھەمەتلىك قولىنى ئۇزاتقان ئىكەن. دادامنىڭ كادىر بولۇشتىن بۇرۇن ماددىي جەھەتتە قىلچە كاپالىتى بولمىغان نامراتلىق كۈنلەرنى ياشىغان كۈنلىرىگە ئوخشاش مەنمۇ يېڭىدىن شۇنداق كۈنلەرنى ياشاشقا مەجبور بولىشىم، ئۇششاق بۇرجۇئازىيىچە مىشچان دەپ سۈپەتلەنگىنىدەك بەكلا نازۇك چوڭ بولۇپ، پەقەت پۇتۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان مېنىڭدەك بىرسىگە ئۇ سىنىپنىڭ دۇنيا قاراش كۆزئەينىگىنى مەجبورى چۆرۈپ تاشلاتقۇزدى. شۇندىن ئېتىۋارەن كىشىلەرنى كۈزەتكىنىمدە ئىچى كاۋاك كىشىلەرنى قوپال كۆرۈنۈشلۈك كىشىلەرىدىن ئايرىش، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تونۇش يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالدىم.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋىېنا شەھىرى، ئىجتىمائىي ناھەقچىلىقلار قاپلاپ كەتكەن بىر شەھەر ئىدى. بۇ شەھەردە باياشاتلىق بىلەن گادايلىق بىر-بىرسىگە خوشنا بولۇپ ياشايتتى. شەھەر مەركىزى بىلەن ئارقا كوچىلاردا ھەرخىل ئىرقلاردىكى ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن يىغىلىپ ھەرقايسى ئۆزىنىڭ خامخىيال قىلغان ئۈمىدلىرىنىڭ كەينىدە يۈرگەن كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئەللىك ئىككى مىليون نوپوسلۇق بۈيۈك بىر ئىمپىرىيىنىڭ قەلبىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىشقا بولاتتى. بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك خان ئوردىسى دۆلەتنىڭ بارلىق بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن بايلىقنىڭ پېيىغا چۈشۈشنى ياكى ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغانلارنى گويا ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. خابسبوۋرگ مۇنارخىيىسىنىڭ سىستېمىلىق شەكىلدە ھەممىنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىمۇ يوقۇرقىدەك كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا يىتەرلىك سەۋەپ بولۇپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ خىل مەرگەزلەشتۈرۈش، بىر-بىرسىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان قەۋىملەرنى ئوڭۇشلۇق شەكىلدە بىر يەردە تۇتۇپ بىر-بىرسىدىن ئايرىلالماس ھالغا كەلتۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان مەركەزلەشتۈرۈش ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە يوقۇرى تەبىقىلىك ياكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك ئاقسۈڭەكلەر پەۋقۇلئاددە بىر يەرگە يىغىلىپ قالىدىغان، تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىدىكىلەر بولسا ئىمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختىدە ۋە ئۇنىڭ خان ئوردىسى ئىچىگە چىۋىندەك ئولىشىۋالىدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈگەن ئىدى.
ۋىېنا، كونا دوناي مونارخىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، ئىمپىرىيىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى. دۆلەت كادىرلىرى، سەنئەتكارلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ھەتتا ئارمىيىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىمۇ نامرات ئىشچىلار بىلەن بىرگە بۇ پايتەخت شەھىرىدە ياشايتتى. ئاقسۈڭەكلەر بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ھەشەمەتلىك باياشاتچىلىقى ئەتىراپىدا نامىراتلىقنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك قىياپەتلىرىمۇ بۇ شەھەردە بىرگە مەۋجۇت ئىدى. رىنستراسر ئوردىسىنىڭ ئەتىراپىدا مىڭلىغان ئىشسىز ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇ كونا ۋىياتۇمپالىس يولىدىكى يۇندا قاناللىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە، سېسىق قاراپانچۇق يۇندا دەرياسى ئىچىدە ئۆي-ماكانسىز نامراتلار خار-زارلىق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرمەكتە ئىدى.
ھەرقانداق بىر نېمىس شەھىرىدە ئىـتىمائىي مەسىلىلەرنى ۋىېنادىكىدەك بۇنداق ھەرتەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى بۇ يەردىكىدەك بۇنداق تولۇق كۈزىتىش شارائىتىنى تاپقىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ يەردە بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئويلايدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچۇراتقىلى بولمايتتى. بۇ مەسىلىلەرنى يوقۇرىدىن كېلىپ ئات ئۈستىدە يۈرۈپ كۈزىتىپ ھەل قىلىمەن دېيىش پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يوقۇرى ئورگانلارنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيتتى. بۇنداق بىر نامىراتلىق مۇھىت ئىچىدە بىۋاستە ياشاپ باقمىغان بىرسى بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيدۇ ياكى كۆرسىمۇ ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. نامىرات تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن بۇ مەسىلە پەقەتلا كۆرۈنۈشتىكى ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ ياكى سۇنئىي ھېسىداشلىق قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزىۋېتىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن تونۇپ يىتەلمەيدىغان بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا زىيانلىق ئىدى. مۇتلەق كۆپ سادىكى بايىۋەتچىلەر بىلەن، كېيىن بېيىپ قالغانلار بۇ خىل ئىجتىمائىي نامىراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا ھەرگىزمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولالمايدۇ ياكى پەقەتلا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش ئۈچۈنلا نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كۆپ ھاللاردا مەقسەتسىز، ھەل قىلىشقا كۆزى يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنۈشتە نامىراتلىق ئۈستىدە گەپ يورغۇلۇتىدىغان، ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلىش قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغان بەزى مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ تىنىم تاپماي “ئامما ئارىسىغا چۈشۈش” نى تىلغا ئالغىنىدەك قۇرۇق سۆز قىلىشىدىن باشقا گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ كىشىلەر چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، قەلبى بىلەن مەسىلىنى تاشقى كۆرۈنىشى بويىچە بىلىشكە تىرىشقانلىقلىرى ئۈچۈن، چىقارغان خۇلاسىلىرى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقاتتى. بۇ تۇردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىغى ياكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇخىل ساختا كۆيۈنۈشلىرىگە قارىتا يىرگىنىش، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ سۇنئىي رەھىمدىللىك قىلىشلىرىغا رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چۈچۈپ ھەيران بولغان ھالدا ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىشىدۇ. ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشەنمەي بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى خەلقنىڭ ئىنساپسىزلىغىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ داۋراڭ قىلىشقا تىرىشىدۇ.
بۇنداق قاراشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن خەلقنى بىرەر ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە جەلىپ قىلىشتا بۇ تۈردىكى سۇنئىي مىھرىبان ھادسىلەر قىلچە رول ئوينىمايدىغانلىقىنى، بىر ئاممىۋى ھەرىكەت ھەرگىزمۇ مىھرىبانلىقىغا بېرىلىدىغان مىننەتدارلىق ھەققىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر سەدىقە تارقىتىش مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ھەققىنى بېرىش، ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بۇخىل ئەقىلسىزلار ئۇنچە ئاسان بىلەلەيدىغان ئىش ئەمەس.
مەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بۇ تۈردىكى كىشىلەردەك چۈشىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. يوقسۇللۇق مېنىمۇ ئۇ لەنەتكە يولۇققانلار قوشۇنىغا قوشىۋەتكەن، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىندىن تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلىشقان، مېنىمۇ شۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئەگەر بۇنداق ئىجتىمائىي تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدىغان بىرسى ئوپىراتسىيە سۇپىسىدىن تەجرىبە قىلىنىشقا نارازىلىق كۆرسىتىپ قوپۇپ كەتكەن بولسا، بۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىۋاتقان ئادەمدە نېمە گۇنا بار؟!
بۈگۈن مەن، ئۇ يىللاردا كۆرگەنلىرىمنى قايتا ئەسلەشكە شۇنچە تىرىشىپ باققان بولساممۇ يەنىلا تولۇق ئېسىمگە ئالالماي كەلمەكتىمەن. ئېسىمدە قالغان ۋەقىلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك مەنمۇ شۇ قاتاردا بولغانلىغىم ئۈچۈنلا ئېسىمدە چىڭ ساقلىنىپ قالغان ھادىسىلەردۇر. بۇ كىتاۋىمدا، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ماڭا ئىبرەت بولۇپ تۇيۇلغان ئەنە شۇ بىۋاستە ئۇچۇراتقان ئىشلار بايان قىلىندى.
مەن ئۇ يىللىرى ئىش ئىزدەۋاتقان ئۇستا ئىشچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى قۇرسىغىنى تويغازغىدەك ئىش ھەققى بەرسىلا رازى بولىدىغان بىر مەدىكار ياكى بىر شاگىرت سۈپىتىدە ئىش ئىزدەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ئىش تېپىش مېنىڭدەك بىرسىگە ئۇنچە بەك تەسكە چۈشمىگەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇچىسىدىكى ياۋرۇپا ئېتىزلىرىنىڭ چاڭ-توزاڭلىرىنى قېقىپ- سىلكىپ، يېڭى بىر دۇنيادا، ۋاز كېچەلمىگەن غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يېپ-يېڭى بىر ھايات يولىغا قەدەم قويغان، شۇ ئارقىلىق يېڭى بىرەر ئورۇنغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا شەھەرگە كىرىپ كەلگەن بىر كىشىدىن قىلچە پەرقىم يوق بىرسى ئىدىم.
بۇنداق بىرسى ئابروي ياكى تەرتىپ دىگەندەك ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئادەتلەر بىلەن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى ئۆرپە ئادەت دىگەندەك ئەنئەنىلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ كەلگەن بىرسى بولغاچقا، بېرىلىدىغان ھەرقانداق مائاشقا ماقۇل دەپ، ئىشلەش نومۇس ئەمەس دېگەن خەلق سۆزىگە ئىشىنىپ، تاپالىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى تاللاپ ئولتۇرماي قىلىۋىرەتتى. مەنمۇ خۇددى شۇنداق ئۆزەمگە يېڭى بىر يول تاپىمەن دىگەن ئۈمىد بىلەن بۇ يېڭى دۇنياغا ئاياق باسقان بىرسى ئىدىم.
مەن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە، بىرەر ئىشتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ قالىمەن دېيىش ئۇنداق بىر ئىشنى تېپىشتىنمۇ بەك تەسكە توختايدىغانلىقىنى پەرق قىلماي كەلگەن ئىكەنمەن. كۈندىلىك نېنىمنى قانداق قىلسام تېپىپ يەرمەن دىگەن غەمگە پېتىپ قېلىش، مېنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى مۇھىتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.
ئۇستا ئىشچىلارنى ئادەتتىكى بىر ئىشچىغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك ئۇنداق پات-پاتلا ئىشتىن ھەيدەپ ئولتۇرمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىمۇ ئۇنچىلىك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىشسىز قېلىپ ئاچ قېلىش خەۋىپىگە نىسبەتەن ئاز دۈچ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلارمۇ ئىش توختىتىلىش ياكى ئىش تاشلاش قاتارىدىكى ۋەقەلەردىن بەكلا ئەنسىرىشەتتى.
ئىش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىغى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىپلىرىدىن بىرى ھىساپلىناتتى.
ياش بىر دېھقان، شەھەرلەردە ئاسان ئىشلار بەكلا كۆپ دەيدىغان گەپلەرگە ئىشىنىپ ئۆزىنى شەھەرگە ئېتىپ تۇرىدۇ. راس دېگەندەك، شەھەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ يېزىدىكى ئىشلاردىن ئاسان، ئىش ۋاقتىمۇ قىسقا. ئەمما شەھەرگە يېڭى كىرگەن بۇ دېھقاننى چوڭ شەھەرلەردىكى كۆز قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ ھەشەمىتى ئۆزىگە تارتىپ كېتىدۇ. ئادەتتە يېزىسىدا ئاز بولسىمۇ بىخەتەر بىر كىرىمگە كۆنۈپ قالغاچقا، يېڭىسىنى تاپماي تۇرۇپ كونا ئىشىنى ئاسانلىقچە تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ. يېزىلاردا يېزائىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ سانى شۇنچىلىك ئاز ئىدىكى، ئەمگەكچان بىرسىنىڭ ئۆز يېزىسىدا ئۇزۇنغىچە ئىشسىز قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يېزىسىدىن چىقىپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كەلگەن ياش بىر دېھقاننى، يېزىسىدا ئىش قىلالمىغىدەك دەرىجىدە ئاجىز بىرسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئەڭ كۆپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر تېنى ساغلام ۋە بەستلىك كىشىلەردۇر. بۇ يەردە كۆچمەن دېگىنىمدە، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنلەرنىلا كۆزدە تۇتمايمەن. تۇغۇلغان يېزىسىدىن ئايرىلىپ مەلۇم چوڭ شەھەرگە كېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىرسىمۇ كۆچمەن ھىساپلىنىدۇ. ئۇمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر كىلەچەكتە تەلىيىنى سىناپ بېقىشقا تەييار بىرسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداقلار ئادەتتە شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ پۇل يىغىپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ. ئىشى ئوڭدىن كەلمەي، يېڭى كەلگەن كۈنلىرى دەرھال قىلىشقا ئىش تاپالماي قالغىدەك بولسىمۇ ئۇنچە بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما تاپقان ئىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلىپ قالغىدەك بولسا ئۇنى غەم بېسىشقا باشلايدۇ. يېڭىدىن بىر ئىش تېپىش، بولۇپمۇ قىش مەۋسۈملىرىدە بەكلا تەس، ھەتتا زادىلا ئىش تاپقىلى بولمايمۇ قالىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بۇ يېڭى مەدىكار دەسلەپكى ھەپتىلەردە بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن. تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا تايىنىپ بىرقانچە ھەپتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋالالايدۇ. ئىشسىزلىق كۈنلىرى ئۇزۇن داۋام قىلغىدەك بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشسىز كىشى يانچۇغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىيىنلىرىنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىپ ئېغىر نامراتلىق كۈنلەر ئىچىگە پېتىشقا باشلايدۇ. ئەندى بۇ بىچارە ئاچقۇرساق كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبور بولىدۇ. يېنىدا نېمىسى بولسا شۇنى سېتىپ خەجلەشكە ياكى رەنىگە قويۇشقا كىرىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ كىشى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا كۆپۈنچە قىش كۈنلىرى دۈچ كېلىدىغان بولغاچقا، ياتقىدەك يەرمۇ تاپالماي ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئىشمۇ تېپىۋالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمايلا يەنە باشقىدىن يوقۇرقىدەك قىيىنچىلىقلار قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىشسىز قالغىنىدا يەنە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن، ئۈچىنچى قېتىمقىسىدا تېخىمۇ بەتەر ھاللارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاخىرىدا دائىملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بۇنداق يوقسۇزلۇق ھاياتقا بەرداشلىق بېرىشنى، ھۇلۇقۇپ كەتمەسلىكنى ئۆگىنىشكە، بۇنداق جاپالارغا كۆنۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق يوقسۇزلۇق ئەھۋاللارنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ تۇرىشى بىلەن، ئۇ كىشى بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا كۆنۈپمۇ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇرۇنقى ئىشچان بىر ئادەم، بوشۇشۇپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان، پاسكىنا يوللار بىلەن ھارام پۇل تېپىشنىڭ پېيىدا يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئاددى بىر ئويۇنچۇق ھالىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىشسىزلىقنىڭ سەۋىبىنى شۇ ئىشسىزنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويىدىغان ناھەقچىلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بىر جەمىيەت بولغاچقا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېقتىسادىي ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىپ دۆلەت، جەمىيەت ۋە مەدەنىي مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكىچىلا ئىشلار بولۇپ بىلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، ئىش تاشلاشلارغا قىلچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال قاتنىشىۋېرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ.
بۇ  تۈردىكى ھادىسىلەرگە مىڭلارچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. بۇنداق مىساللارغا  دۈچ كەلگەنسىرى نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەرلەرگە چىش-تىرنىقىمدىن  ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم. بۇنداق شەھەرلەر كىشىلەرنى گويا شىرنىدەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى چايناپ-ئېزىپ يۇتۇپ تاشلايتتى. كىشىلەر شەھەرگە يېڭى كەلگەنلىرىدە ئۇلارنى يەنىلا ئۆز مىللىتىگە مەنسۈپ كىشىلەر دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما ئۇلار شەھەردە قانچىكى ئۇزۇن قالسا، مىللىتىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتەتتى.
چوڭ شەھەرلەرنىڭ قاراڭغۇ ئارقا كوچىلىرىدا مەنمۇ يوقسۇزلۇق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرۈپ باققان ئىدىم. ئۇ يەرلەردە تەغدىرنىڭ پۈتىۋەتكەن بارلىق ئازاپلىرىنى تېتىپ كۆردۈم ۋە بۇ ئازاپنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. يەنە مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال بار ئىدى: ئىشلەش بىلەن ئىشسىزلىق بىر-بىرسىنى سوڭدىشىپ كېلىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئادەمنىڭ نورىمال پۇل خەجلەش تۇرمۇش رېتىمىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىكەن؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىشچىلاردا تىجەشلىك بىلەن پۇل خەجلەش، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىش دەيدىغان ئۇقۇملىرىمۇ يوقاپ كېتىدىكەن؛ ئۇلارنىڭ بەدىنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ قولىغا پۇل كىرگەن كۈنلىرىدىكى بۇزۇپ چېچىشقا، پۇلى تۈگىگەن كۈنلىرىدىكى ئاچلىققا كۆنۈپ كېتىدىكەن. ئاچلىق دېگەن بۇ مەخلۇق، پۇل تېپىش ئاسان بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ بىخەتەر تۇرمۇش كۆچۈرۈش  ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارلىق پىلانلىرىنى مېڭىلىرىدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىدىكەن. چولدە قېلىپ سۇسىزلىقتا جان تالىشىۋاتقان بىرسىگە ھەردائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەيتانغا ئوخشاش ئاسان ۋە راھەت تۇرمۇش تەسۋىرى ھەردائىم كۆزىگە كۆرۈنىۋېلىپ، پۇرسەت كەلگەن ھامان ھەرقانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئى نەزەر بىر قېتىملىق قانغىچە تويىۋېلىش خۇمارى ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئىشچى، ئىش تاپار-تاپمايلا ئېغىر كۈنلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ ئىشچى ئەقلىنى يوقىتىپ، ئۇ كۈنى يانچۇقىغا قانچىلىك پۇل كىرگەن بولسا ئۇنى شۇ كۈنىسىلا خەجلەپ تۈگىتىۋىتىپ پىلانسىز بىر تۇرمۇش ياشاشقا باشلايدۇ. دەسلىۋىدە بىر ھەپتىلىك تاپقان پۇلى بىلەن بەش كۈننى ئۆتكەزگەن بولسا، كېيىن بۇ كىرىم ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنگە يېتىدىغان، كىيىن يەنە ئاران بىر كۈنگە … ئاخىرى بېرىپ بىر قېتىملىق بايرام قىلىۋېلىشقىلا يېتىدىغان بولىدۇ.
ئەگەر بۇ ئىشچى توي قىلغان بىرسى بولغىنىدا، ئۇنىڭ بىر ئائىلىسى، بالا-چاقىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئەر كىشى ساپ نىيەتلىك مىھرىبان ئادەم بولغىنىدا، يەنى ئەر بولغۇچى بالا-چاقىسىنى ئۆزىگە يارىشا سۆيگىنىدە، بۇنداق پىلانسىز بىر تۇرمۇشقا بۇ ئائىلىنىڭ ھەممە ئەزالىرى كۆنۈپ كېتىدۇ. بىر ھەپتىلىك مائاشىنى ئۆيىدە يەپ-ئىچىپ سورۇپ توزىتىۋېتىشىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بۇنداق بەتخەجلىك كۈنلىرىمۇ ئارانلا ئۈچ كۈن داۋام قىلالىشى مۇمكىن. پۇلى تۈگىگىچە خالىغىنىچە يەپ-ئىچىشىدۇ- دە، ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەممىسى بىرلىكتە ئاچلىقنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ئۆيدىكى ئانا بولغۇچى ئايال تىتىرەپ تۇرۇپ باققالدىن قەرز ھېساۋىدا بولسىمۇ يىمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىپ ھەپتىنىڭ قالغان قاراڭغۇ كۈنلىرىنى ئۆتكىزىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى غورۈگۈللىشىپ كەتكەن دەستىخاننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىدۇ. يوقنىڭ ھېساۋىدا بولسىمۇ يىگىدەك بىرنېمىلىرى بولغاچقا، ھېچبىرسىدىن نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەپتىلىك مائاش چىقىدىغان كۈننى تاما قىلىپ بېلىنى چىڭ باغلاپ ئاچ ئولتۇرىشىدۇ. ھەممە بىرلىكتە كېلەر ھەپتىلىك مائاشنى ئالغاندىن كېيىن قانداق خەجلەش ھەققىدە مۇڭدىشىپ كېتىدۇ، ئېچىرقاپ كەتكەن قۇرساقلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچە پىلانلارنى تۈزۈشىدۇ، كېلىدىغان بۇ بەختلىك كۈنلىرى ھەققىدە شالۋاقلىرىنى ئاقۇزۇپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ.
ئائىلىنىڭ نارسىدە بالىلىرىمۇ بۇنداق نامىرات تۇرمۇشنىڭ بەتخەشلىك-ئاچلىق ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئائىلىگە ئاتا بولغۇچى كىشى ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئۆز بېشىغا بۇزۇپ-چېچىپ پۇل خەجلەيدىغان بىرسى بولغىنىدا ئەھۋال تېخىمۇ پاجىئەلىك تۈسكە كىرىدۇ. ئايالى بالىلىرىم دەپ ئېرى بىلەن جىدەللىشىقا كىرىشىدۇ، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئۇرۇش-جىدەل بېسىقمايدۇ. نەتىجىدە ئەر بولغۇچى كىشى ئايالىدىن زېرىكىپ قاچقانسىرى ھاراققا شۇنچە بېرىلىشكە باشلايدۇ. ھەر شەنبە كۈنىسى غەرق مەس بولۇپ كېچىسى ئارانلا ئۆيىگە كىرىۋالىدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بالىلىرىنى بېقىش غېمىدىكى ئايال كىشى نۇرغۇن قېتىم زاۋۇت بىلەن قاۋاقخانا ئوتتۇرسىدىكى يولدا ئېرىنى توسىۋېلىپ ئازىراق بولسىمۇ پۇل ئۈندىرىۋېلىشى مۇمكىن. ئەر بولغۇچى كىشى يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كېچىلىرى ئۆيىگە غىق مەس ھالدا ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ يانچۇقلىرىنى قۇرۇغداپ بولۇپ ئارانلا يېتىپ كىرگىنىدە، ئېچىنىشلىق تراگىدىيە كەينى-كەينىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇ يىللىرى، بۇنداق ۋەقەلەرگە يۈزلەرچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. دەسلىۋىدە بۇنداق ئىشلارغا قارشى چىقىپ باققان بولساممۇ، ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى سېزىپ قالدىم. كېيىنچە بۇنداق ھادىسىلارنىڭ پاجىئەلىك تەرەپلىرىنى، بۇنى پەيدا قىلغان تۈپكى سەۋەپلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىمدىن كېيىن، ناچار بىر مۇھىتنىڭ بۇ بىچارە قۇربانلىرىغا ئىچىم ئاغرىشقا باشلىدى.
ئۆي دەردى تېخىمۇ ئېغىر دەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ۋىېنادىكى مەدىكار ئائىلىلىكلەر قوراسىدىكى يوقسۇزلۇقنىڭ پاجىئەلىرىنى تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايتتى. ئۇ نامىرات ئۇۋىلارنى، ئۇ جان سانى كۆپ، قىستاقچىلىق، رەتسىز ۋە پاسكىنىچىلىق ئىچىدىكى ئۇ ئائىلىلىك بىنالىرىنى ئويلىسام، بۈگۈنمۇ چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كېتىدۇ.
مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن بۇنداق بىر يوقسۇللۇق دوزىخىدىن قۇللۇق زىنجىرلىرىنى ئۈزۈپ بوشاپ كېتىدىغان بۇ كىشىلەر توپىنى پەرەز قىلىپ باقايلى: ئەگەر كۆرۈلىشى مۇقەررەر بولىدىغان قالايماقانلىقتىن قىلچىمۇ غەم يىمەيدىغان بۇ ئىنسانلار ھاللىقلار سېپىگە ئاڭسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغىدەك بولسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقارىدى؟
مېنى ئەنە شۇنداق بىر مەكتەپتە چېنىقتۇرۇپ چىققانلىغى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن: شۇندىن باشلاپ قايىل بولمىغان ئىشلارنى كۆرگىنىمدە، چاتىغىم بولماي بىر تەرەپتە قاراپ تۇرماي بۇنداق ھادىسىلەرنى تىنىم تاپماي كۈزىتىشكە، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم.
ئۇ كۈنلەردە ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنى رەنجىتىپ ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ نامراتلار تەبىقىسىنىڭ مۇئامىلىسىگە بەك ئېتىۋار قىلماي، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ھەقتىكى كۈزىتىشلىرىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ تۈردىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويمىغان ھالدا بەرداشلىق بېرىشكە غەيرەت قىلدىم. ماڭا نىسبەتەن بۇخىل نامىراتلىقلار، ئۈمىدسىزلىكلەر، چېچىلاڭغۇلۇقلار، ئەدەپسىزلىكلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن سەۋەپلەر ئادەم بولماستىن بەلكى بۇنداق خاتىرجەمسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىشقا سەۋەپچى بولغان ئىجتىمائىي قانۇنلار ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدىم.  شۇنىڭدەك يەنە، مەنمۇ ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا تۇرمۇشۇمنى بەكلا تەس قامداپ كېتىۋاتقانلىغىم ئۈچۈن، بۇنداق بىر جاپا ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشىمنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان غەزەپلىنىش، ھىسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ياق، بۇ مەسىلىنى بۇنداق ھىسىياتقا بېرىلىپ چۈشىنىۋالماسلىقىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا يول بار ئىدى:
ئا. يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئولىيەت روھىغا ئىگە بولغاندىلا، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ؛ ب. ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى قالمىغان خائىشلارنى قەتئى ئىككىلەنمەستىن رەھىمسىزلەرچە چەكلىشىمىز شەرت.
تەڭرى، كونا نەرسىلەرگە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي، يېڭى ھاياتلىقنى پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرەلەيدىغان ئېرقلارنىڭ داۋام قىلىشىغا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان كونا شەيئىلەرگە چىڭ ئېسىلىۋالماي، دەرھال قول سېلىپ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرىشىمىز لازىم.
مەن ۋىېنادىكى كۈرەش يىللىرىم جەريانىدا ئەستايىدىل كۈزىتىش ئارقىلىق مۇنداق تۇنۇشقا كەلگەن ئىدىم:
ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ھەرگىزمۇ جەمىيەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتمايدىكەن. ھەتتا پاراۋانلىق ئىشلىرىغىلا يېپىشىۋېلىش كىشىلەرنى تاماخور، ھۇرۇنلۇققا باشلاپ كېتىدىغان ئىنتايىن كۈلكىلىك ۋە قىلچە پايدىسى يوق ھەرىكەت ھېساپلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا چاپلىشىپ قالىدىغان بۇنداق خاتالقلاردىن قەتئى ساقلىنىشىمىز شەرت ئىكەن. 
دۆلەتكە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان بۇلغانغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىت، ھەرقانداق بەدەل تۆلىنىشىگە قارىماي، ھەتتا ئەڭ قاتتىق چارىلارغا مۇراجەت قىلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ قەتئىي ئۆزگەرتىلىشى شەرت ئىكەن. بۇ جەرياندا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە ھەرگىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇنداق قىيىنچىلىقلار بىلەن توسالغۇلار ئالدىدا قانچىكى ئىككىلىنىپ ئولتۇرساق، ناچار ئىللەتلەرمۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
ناچار ئىللەتلەرگە قارشى تەدبىر ئالماي ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلار پۈتۈن بىر سىنىپ خەلقنىڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ۋەيران بولىشى ۋە ئەخلاقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولىشىنىڭ مەسئولىيىتىنى شۇ سىنىپ كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ ھېساپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىسى ھەرقانداق بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىش قىزغىنلىقىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەر ئالدىدا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي پالەچلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئىللەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن رەھىمدىل، سىلىق يوللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ئەخلاقى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خام خىيال قىلىشتىن نېرىغا بارالمايدۇ. ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى تازىلايملاق پىرىنسىپلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر تەدبىرنى قىلچە ئىككىلەنمەي يولغا قويۇشقا تەييار تۇرىشى شەرت.
زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنى ئىككىلەنمەي يۇلۇپ تاشلاشتىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدىغان، بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ئىچكى ئامانلىق ئۈچۈن دەپ قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، پەقەت ئەنە شۇنداق روھقا ئىگە دەۋرلا مەسئولىيەت ۋىجدانى ئاستىدا ئىزىلىپ كەتمەيدىغان بىر دەۋىردۇر. ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ياكى جەمىيەت قانۇنلىرىغا سەل قاراپ كەلگەچكە، ئۇنداق ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى باشلىغىدەك جاسارىتىمۇ يوق ئىدى.

 

مەن ئىككى نېمىس دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان براۋناۋ دېگەن ئىنتايىن چىرايلىق كىچىك بىر شەھەردە بەخىتلىك ھالدا دۇنياغا كەلدىم. بۇنداق مەنىلىك بىر يەردە تۇغۇلغانلىقىمنى، كۈرەش قىلىشىم ئۈچۈن تەغدىرنىڭ ماڭا بەرگەن بىر لۇتۇپى دەپ قارايمەن. 
بۇ كىچىك شەھەر، بۇ ئىككى نېمىس دۆلىتىنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن مەنانىمۇ ئىپادىلەپ تۇراتتى. 
نېمىس يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان ئاۋۇسترىيە، ئاللىبۇرۇن گېرمانىيە دېگەن بۇ ئۇلۇغ نېمىس ۋەتىنىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى كىرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئەمەس بەلكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ئىدى. شۇنداق! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنى تەقەززار قىلىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت بولماي پەقەتلا قانداشلىق ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلچە پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولغان تەغدىردىمۇ مۇتلەق تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى شەرت بولغان بىرلىشىش ئىدى. چۇنكى، بۇ ئىككى ئەل خەلقى بىر قانغا مەنسۈپ ۋە بىرلا ئىمپىرىيىگە تەۋە خەلقلەردۇر. ئەگەر، بۇ ئىككىگە پارچىلانغان نېمىس خەلقى بالدۇرىراق بىرلا دۆلەت بولۇپ بىرلىشىۋالمايدىكەن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمۇ بۆلۈنۈشتىن كېلىپ چىققان بۇ باش ئاغرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغانلىقى شۆبھىسىز. نېمىس دۆلىتى گېرمانلار ياشايدىغان بارلىق تۇپراقلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرگەن كۈنلىرىدە، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە نېمىسلارنىڭ نوپۇسى ئارتىپ بۇ تۇپراقلار نېمىس خەلقىنى بېقىشقا ئازلىق قىلغىدەك قىلسا، بۇ مىللەت ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن ياتلارنىڭ قولىدىكى تۇپراقلارنى تارتىپ ئېلىشقىمۇ كۈچى يېتىدىغان بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، قوش-ساپانلار ئورنىنى قېلىچقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇرۇش يېغىلىغىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلگۈسى دۇنيامىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 
مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ بىر غايىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەككى، مېنىڭ بۇ يۇرتۇمنىڭ ئۆزگىچىلىگى ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ بۇ پارچىسى، بىر ئەسىردىن بېرى نېمىس مىللىتىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان مۇنداق بىر تراگىدىيىگە سەھنە بولغانىكەن: ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنىپ ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىتىلغان ئۇ يىللاردا، جوھاننېس پالم ئىسىملىك نۇرېمبېرگلىك بىر كىتاپپۇرش، پۈتۈن قەلبى بىلەن سۆيگەن نېمىس مىللىتى ئۈچۈن بۇ شەھەردە قىلچە ئىككىلەنمەي جېنىنى پىدا قىلغان ئىكەن. پالم، فرانسۇز تاجاۋۇزچىلىرىغا ئىنتايىن ئۆچ تىپىك نېمىس مىللەتچىسى ئىكەندۇق. ئۇ، دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان دوستلىرى بىلەن پارتىزان يىتەكچىلىرىنى تاجاۋۇزچىلارغا پاش قىلماي چىڭ تۇرۇپ خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ بەرگىنى ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. لېو شلاگېتېر دەيدىغان يەنە بىر ئەزىمەتمۇ پالمغا ئوخشاش ئوت يۈرەكلەردىن بىرى ئىكەندۇق. ئۇمۇ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بۇ ۋىژدانسىزلىقنى ئاۋگسبۇرگلۇق بىر قورچاق ساقچى باشلىغى قىلغان ئىكەن. بۇ ساقچى ئەمەلدارىنى ئەسلىدە قاتتىق جازالاشقا تىگىشلىك بولغان بۇ خائىنلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قورچاق سەۋەرىڭ دۆلىتىنىڭ يېڭى نېمىس دائىرىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا غالچىلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردىڭ دەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ مۇكاپاتلاشقان ئىكەن. 
مېنىڭ ئائىلەم، 1890-يىللار ئەتىراپىدا بۇ ئىككى نېمىس قەھرىمانىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن تونۇلغان ئەنە شۇ ئىنن دېگەن كىچىك شەھەردە تۇراتتىكەن. مېنىڭ بۇ يۇرتۇم، قانداشلىق جەھەتتىن باۋارىيەگە مەنسۈپ بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي تەۋەلىك جەھەتتىن ئالغاندا ئاۋۇسترىيىگە قارايتتى. دادام ئۆز كەسىپىنى سۆيىدىغان ۋەزىپىسىگە سادىق بىر دۆلەت تاموژنا كادىرى ئىدى. ئاپام بولسا بالىلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئىدى. 
مەن، بالىلىق ۋاقىتلىرىم بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇم ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە ئەسلىيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا دادام يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئىنن دەرياسىنىڭ تېخىمۇ تۈۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان پاسساۋ دىگەن يەرگە، يەنى ئەسلىدە گېرمانىيىگە تەۋە بىر يەرگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ يىللىرى ئاۋۇستىريىلىك بىر تاموژنا كادىرى تىنماي ئورن يۆتكەپ تۇرۇشقا مەجبور دەۋىرلەر ئىكەندۇق. شۇنداق بولغاچقا، دادام كېيىنچە يەنە ئۇ يەردىنمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ لېنزگە ئىۋەرتىلىدىكەن. دادام ئاخىرى شۇ يەردە پىنسىيىگە چىقىدۇ. ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم، پىنسىيىگە چىققان بولىشىغا قارىماي كۈنلىرىنى ئارام ئېلىپ بىكارچىلىقتا ئۆتكىزىشنى ھەرگىز خالىمايدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ، بىر يېزائىگىلىك ئىشچىسىنىڭ پەرزەنتى بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىستەپ ئۆسمۈر ۋاقىتىدىلا ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، چامىدانىنى كۆتۈرۈپ، تۇغۇلغان ئورمانلىق يېزىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ياشانغان مەھەلىداشلىرى ئۇنى ھەرقانچە سۇۋۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگە پەرۋا قىلماي بىرەر ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ھۆرمەتكە لايىق بىر ئادەم بولۇپ كېلىش خىيالىدا ۋىېناغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇ دېگەنلىرىم، 1850-يىللىرى بولغان ئىشلار ئىدى. يېنىدا ئارانلا ئۈچ ‘ئېكۇس’ پۇلى تۇرۇغلۇق كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بىر سەپەرگە ئاتلىنىش، دادام ئۈچۈن بەكلا زۆرۈر ۋە كۆڭۈلسىز بىر قارار بولسا كېرەك. دادام، ئىشلەپ يۈرۈپ تۆت يىلدىن كېيىن ‘كومپاينان’ لىق دەرىجىسىدىكى ئۇستا ئىشچى بولالىغان بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئىشچىلار دەرىجىسىدىكى بۇ ھالىدىن پەقەتلا رازى بولمىغان ئىكەن. ئۇ يىللاردىكى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن نامىراتلىق، دادامنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىگە ئىگە بىرەر ئادەم بولۇش خىيالىغا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. 
دادام، بالىلىق ۋاقىتلىرىدا مەھەلىسىدىكى پوپنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ھەۋەسلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە دەپ تونىغان بولسا، چوڭ شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىدىكى خىزمەتلەرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، مەمورى كادىر بولۇشنى ھەممىدىن ئېسىل ئىش دەپ تاللىۋالغان ئىكەن. كەمبەغەلچىلىكتە تارتقان جاپالىرى دادامنى بالدۇرلا قۇرامىغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلىغان بۇ ئون يەتتى ياشلىق بالا، ئاخىرى غايىسىگە ئېرىشىپ، رەسمى بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. دادام بۇ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان كۈنلىرىدە يېشىمۇ 23 كە كىرىپ قالغان ئىكەن. پەرىزىمچە كۆزگە چېلىققان بىر ئادەم بولماي تۇرۇپ ئۇ سۆيۈملۈك يېزىسىغا قايتماسلىق ھەققىدە ۋەدە قىلغان بولىشى مۇمكىن. 
ئۇ ئەندى مەخسىدىگە يەتكەن بىرسى ئىدى. ئەمما دادام يېزىسىغا قايتىپ بارغىنىدا، مەھەلىسىدە ئۇنى تونۇيدىغان بىرەرمۇ كىشى تېپىلماپتۇ. مەھەلىسىدىكىلەر ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ دادام ئۆز يېزىسىدىن ياتسىراشقا باشلاپتۇ. … 
ئاخىرى دادام ئەللىك ئالتى يېشىغىچە مەمورى كادىرلىق بىلەن شوغۇللىنىپ پىنسىيىگە چىقىپ ئاددى ئائىلە قوينىغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇ، بىردەممۇ جىم تۇرالمايدىغان بىرسى ئىدى. يۇقۇرقى ئاۋۇسترىيىنىڭ لامباچ دەيدىغان كىچىك بىر شەھەر ئەتىراپىدىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ شۇ يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق تىنىم تاپماي يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ئىشلەشتىن كېيىن قايتىدىن ئاتا كەسىپىنى تېپىۋالغان ئىدى. 
مېنىڭ دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. تىنىم تاپماي شوخلۇق قىلىشلار، تالاش-تارتىشلار، مەكتەپتىن قېچىشلار، ئۆزەمدىن چوڭ بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش، … دېگەندەك شوخ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىم باشلانغان ئىدى. بۇ قىلىقلىرىمغا قاراپ ئانام مەندىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. ئەمما مەنمۇ مۆڭدەك ئۆيدىن تالاغا چىقماي جىم ئولتۇرۇشقا چىدىيالايدىغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. بەزىدە قايسى خىل ئىشلارغا قابىلىيىتىم باردۇ دەپ ئۆزەمدىن سوراپمۇ قوياتتىم. ھەر نېمە دېگەن بىلەن مېنىڭ قىزىقىشلىرىم، مېنى دادام ياشىغاندەك بىر تۇرمۇشقا يېتەكلىمىگەن ئىدى، ئەلىۋەتتە. ئۇ ياشلىرىمدىلا دوستلىرىم ئارىسىدا سۆزلەپ قويىدىغان ئاز-تۇلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇقلىرىم شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ناتىقلىق قابىلىيىتىم يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ ياشلىرىمدىلا بالىلار يىتەكچىسى − لىدېر بولۇپ قارالماقتا ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆز-ئۆزەمنى تۇتۇپ ئالالمىغىدەك شوخلۇق قىلىدىغان بىرسى ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا تىرىشچان ئوقۇغۇچى ھېساپلىناتتىم. مەن ئۈچۈن ئۆگۈنۈش ئىشى ئويۇندەك ئاسان ئىش بولۇپ بىلىنەتتى. 
بوش ۋاقىتلىرىمدا لامباچ ماناستىرىغا بېرىپ مۇزىكا تىڭشاپ كېلەتتىم، دىنىي كۈنلەردىكى داغ-دۇغىلىق چىركاۋ مۇراسىملىرىدا خۇدۇمنى يوقاتقىدەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئۆز ۋاقتىدا دادام ئۆز يېزىسىدا ھۆرمەتلىنىپ قەدىرلىنىدىغان پوپىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېرىشىشكە تىگىشلىك بىر ئۈلگە قىلىپ تاللىۋالغىنىغا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ يەردىكى ھۆرمەتلىك پوپىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر غايە دەپ تاللىۋالغىنىمدىن باشقا يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟ 
دەرۋەقە، مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. ئەمما دادامنىڭ ياشلىق دەۋرىلىرىدە كۆرگەن ئېغىر جاپالىق كۈنلىرى ئۇنىڭغا ناتىقلىق قابىلىيىتىنى، ئۆز قېرىنداشلىرىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرەلىگىدەك سۆزلەش پۇرسىتىنى پەقەتلا بەرمىگەن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، دادام، بۈگۈنكى ياشلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالىغىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھىساپلاپ، مېنىڭ كۆزقاراشلىرىمنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ پىكىرلىرىمنى غەلىتىلىك دەپ قاراپ مەندىن رەنجىپ يۈرەتتى، بۇنداق غەيرى قاراشلارنىڭ سەۋەبىنى تۇغما نوقسانلىق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالسا كېرەك؟ 
كېيىنچە مېنڭدىكى ناتىقلىق ھەۋىسىمنىڭ ئورنىنى ئۆز خاراكتىرىمگە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭىچە ھەۋەسلەر ئېلىشقا باشلىدى. دادامنىڭ قىرائەتخانىسىنى چۇخچىلاپ يۈرگىنىمدە، ئەسكەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل كونا كىتاپلار قولۇمغا ئېلىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1870~1871-يىللارردىكى فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىنى تونۇشتۇرغان چاتما ماقالىلارمۇ بار ئىدى. كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رەسىم شەكلىدە سىزىپ تونۇشتۇرۇلغان قايسى بىر گېزىتكە تەۋە ئىككى قىسىملىق بروشورمۇ بار ئىدى. بۇ كىتاپلار ئۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلىرىم ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قەھرىمانلىق تەسۋىرلەنگەن چوڭ ئۇرۇشلار قەلبىمدە ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەرگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇرۇش ۋە ھەربىلىككە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى زادىلا قولدىن بەرمەي ئوقۇيدىغان بولدۇم. 
بۇ قىزىقىشىم مەن ئۈچۈن يېپ-يېڭى ۋە ئىنتايىن مۇھىم بىر كەشىپ، بىر ئۇيغۇنۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى. چۇنكى تۇنجى قېتىم كاللامدىن ئۆتمەيدىغان سۇئاللار بىلەن قىينالماقتا ئىدىم. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىمكى، بۇ خىل سۇئاللار ئۇ كۈنگىچە تېخى جاۋاپقا ئېرىشەلمەي كەلگەن مۇجمەل سۇئاللاردىن ئىدى: بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان نېمىسلار بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشمىغان باشقا نېمىسلار نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتتۇق؟ بىزنىڭ گېرمانىيىدىكى نېمىسلار بىلەن نەرىمىز ئوخشىمايدۇ؟ ئەگەر بىرەر پەرق بار دېيىلسە، زادى قانداق پەرقى بار؟ دادام ۋە باشقا ئاۋۇسترىيىلىكلەر بۇ ئۇرۇشقا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىدى؟ بىز ئاۋۇسترىيىلىكلەر ئۇ گېرمانىيىلىك گېرمانلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر كىشىلەرمىدۇق؟ بىز ئۇلار بىلەن بىر يولدا كىتىۋاتقان كىشىلەر ئەمەسمۇ؟ 
مېنىڭ بالىلىق كاللام بۇ مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالماي قىينىلاتتى، بەزىدە ئۆزەم سورىغان سۇئالغا ئېھتىياتلىق بىلەن ئۆزەم جاۋاپ بېرىشكە تىرىشاتتىم. ئاخىرىدا، يوشۇرۇن بىر ھەسەتلىنىش ھىسىياتى ئىچىدە غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆزەمدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورىدىم: نېمە ئۈچۈن بىز نېمىسلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بىسمارك ئىمپىرىيىسىگە مەنسۈپ بولۇش بەختىيارلىقىغا ئېرىشەلمىدۇق؟! ئىشنىڭ بۇ تەرىپىگە زادىلا ئەقلىم يەتمەي ئۇلاردىن قىزغىنىپ كەتكەن ئىدىم. 
بۇنچە چوڭ بىر مەسىلىگە ئۇ ياشتا قانداقمۇ توغرا جاۋاب بىرەلەيتتىم؟ 
دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىمبۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇشۇم كىرەكلىگىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كېلىپ سىستېمىلىق بىلىم ئېلىشىم كىرەكلىگىنى ھېس قىلغان ئىدىم. 
مېنىڭ مىجەز-خاراكتىرىمنى كۈزىتىپ يۈرگەن دادام، بۇ ئوغلۇمدا كلاسسىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا پەقەتلا ئىقتىدارى يوق ئىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ، ئەسلىدە كەسىپى مەكتەپ ئىدى. دادام مېنىڭ رەسىملەرنى بەكلا ئاسان ۋە چىرايلىق سىزالىشىمغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، شۇنىڭغا قاراپ بۇ قاراشقا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئاۋۇسترىيىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رەسىم دېگەن بۇ ئىشلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قەتئى كۆزگە ئىلمايدۇ دەپمۇ قوياتتى. بەلكى ئۇنىڭ جەمىيەت تەجرىبىسى ئەمىلىي قىممىتى يوق بۇنداق ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، “ئىنسانىيەتلىك” تىن ئۇنى بەكلا ياتلاشتۇرىۋەتكەنلىگىدىن بولسا كىرەك، مېنىڭ بۇ تۈردىكى قىزىقىشلىرىم ئۇنى پەقەتلا قىزىقتۇرمايتتى. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ھەققىمدە ئاللىمۇ قاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى: ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەمورى كادىر بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ جاپا ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق دەۋىرلىرى، تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن كادىرلىق كەسىپىنى ئەتىۋارلايدىغان مىجەزنى يېتىشتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. راس دېمىسىمۇ مەمورى كادىر بولىمەن دەپ ئاز جاپا تارتمىغان ئىدى. دادام، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنى مەمورى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالىغانلىقىدىن بەكلا ماختىناتتى. شۇڭا، مېنىمۇ شۇنداق كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك كادىر بولۇشقا تەييارلىق قىلىشىمنى ئويلايتتى. ئۇ مېنىڭ ئۈچۈن تۈزگەن بۇ غايىسى ئۈچۈن بەكلا ئەستايىدىل كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلىنىڭ يوقۇرى مەۋقەلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. 
دادام، مېنى پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان كادىرلىق ئىشىغا ئوخشاش بىر كادىر قىلىپ يېتىشتۈرىمەن دەيدىغان ئارزۇسىغا ماقۇل بولمايدىغانلىقىمنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق، كەسكىن ۋە ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق قارار قىلىشى بەكلا نورىمال بىر ئىش ئىدى. جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا بۇيرۇقۋاز مىجەزنى سىڭدۇرىۋلغان دادام، بۇنداق قارار ئېلىش ئىشنى ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان، مەسئولىيەت دېگەننىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان مېنىڭدەك بىر بالىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويالمايتتى، ئەلىۋەتتە. بۇ ئىش ئوغلىنىڭ ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولغاچقا، قىلچە بوشاشماي نەق بىر ئاتا مەسئولىيىتى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇشقان ئىدى. بۇ ئىشتا كۆرۈلۈشى ئېھتىمالى بولىدىغان ھەرقانچە ئاددى سەل قاراش ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋەزىپە ئۆتەش مىجەزى بىلەن زادىلا سىغىشالمايتتى. 
دادام مېنىڭ ئىستىقبالىم ھەققىدە شۇنچە باش قاتۇرغىنىغا قارىماي، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈلگىرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلەي؟
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم − ئەندىلا ئون بىر ياشقا قەدەم بېسىۋاتقان بىر بالا بولۇشۇمغا قارىماي دادامنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلماقتا ئىدىم. داداممۇ مېنىڭ ئىستىقبالىمغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانچىكى چىڭ تۇرسا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان مەنمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر پىكىرنى رەت قىلىشتا ئەڭ كامىدا دادامدەك جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ تىركەشمەكتە ئىدىم: 
«مەمورى كادىر بولۇشنى خالىمايمەن!» 
نەسىھەت، قاتتىق گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ قارشى چىقىشىمغا توسالغۇ بولالمىدى. ياق! مەمورى كادىر بولۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەرگىز كادىر بولمايمەن!  دەپ تۇرىۋالاتتىم.
داداممۇ مېنىڭدە كادىرلىققا بولغان قىزىقىشنى قوزغايمەن دەپ ئۆزىنىڭ كادىرلىق ھاياتىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ بىكاردىن-بىكارغا ئاۋارە بولاتتى. مەن بولسام كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزەمنى غۇۋا يۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانىدا قامىلىپ ھېچيەگە مىدىرلىيالماي ئەتىدىن كەچكىچە ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇشۇمنى، پۈتۈن ئۆمۈرۈمنى بىر مۇنچە دەپتەر-جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىشىمنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرگىدەك قىلساملا بۇ كادىرلىق دېگەندىن پۈتۈنلەي يىرگىنىپ كىتەتتىم. 
راستىنى دېسەم، كۈچلۈك، بەستلىك بولمىغان مېنىڭدەك بىرسى كىلەچىگىدە نىمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن دېگەننى ئويلىسام ھەقىقەتەنمۇ غەم قىلماي بولمايتتى. مەكتەپتىكى دەرىسلىرىم ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقتىم كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۆيدە قامىلىپ جىم ئولتۇرۇش ئورنىغا سىرتلاردا، ساپ ھاۋالىق يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ ۋاقتىمنى ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىرىم «بۇ ھىتلېر دىگەن كىشى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نېمە ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكەزگەن بولغىيدى؟» دېيىشىپ، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمنى چۇخچىلاپ يۈرۈپ، ماڭا ئۇ بالىلىق ۋاقتىمدىكى بەخىتلىك كۈنلەرنى ئېسىمگە سالغىنى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ دەۋىرلەردە ئىچىم پۈشقان ھامان چاتقاللىقلار بىلەن ئورمانلىقلارنى ئايلىنىپ سەيلە قىلىپ كېلىپ پۈتۈن خاپىلىقلىرىمنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كىتەتتىم. 
كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم مېنىڭ كۈندىلىك قىزىقىشلىرىمنى ئانچە بەك ئۆزگەرتىۋىتەلمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ كۈنلەردە يەنە بىر ئىشقا كىرىشىپ قالغان ئىدىم. دادامنىڭ مېنى كادىرلىققا تەييارلايمەن دىگەن ئارزۇسىغا قارشى چىقىشىم ئۆيدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويغاندەك قىلسىمۇ، بۇنى چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى يوشۇرۇپ، دادامنى رەنجىتىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. چوڭ بولغىنىمدا كادىر بولمايمەن دېگەن ئىرادەم كۈچلۈك بولۇپ، بۇنداق كەسكىن بىر ئىرادىگە كىلەلىگەنلىكىم ئۈچۈن يەنىلا خوشال ئىدىم. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام ئۆز پىلانى بويىچە ئىش قىلماقچى بولىۋىدى، ئارىمىزدا كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئويغا قانداق كەلگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىسەممۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ بولسام رەسسام بولىمەن دېگەن خىيالغا كەلگەن ئىدىم. دېمىسىمۇ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمگە گەپ كەتمەيتتى. دادامنىڭ مېنى كەسىپى ئورتا مەكتەپكە بېرىش ئويىغا كېلىشىگە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىم سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ رەسمى بىر رەسسام بولۇپ يېتىلىش ئۈچۈن تەربىيىلىنىشىمنى ھەرگىز خالىمايتتى. ھەتتا كەلگۈسىدە بىرەر رەسسام بولۇپ چىقىشىمغا قەتئىي قارشى ئىدى. دادامنىڭ ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، دادام مەندىن چوڭ بولغىنىڭدا زادى نىمە ئىش بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلاۋاتىسەن دەپ سوراپ قالدى. بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئېنىق قارارغا كېلىپ بولغىنىم ئۈچۈن، ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال جاۋاپ بەردىم: 
− رەسسام بولماقچىمەن!
دادام، ھەيران بولغانلىغىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
− رەسسام بولماقچى دېدىڭمۇ؟ يەنى بىر سەنئەتكار بولىمەن دىمەكچىمۇسەن؟ 
دادام مېنىڭ جاۋاب بېرىشتە ئويلىنىپ-ئويلانمىغانلىقىمنى بىلەلمەي چىرايىمغا سەپ سېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ قانداق دەپ ماڭا قايتا تىكىلدى. ئەمما مېنىڭ راستىنلا رەسسام بولماقچى ئىكەنلىكىمنى قايتا بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن راس شۇنداق جاۋاپ بەرگەنلىكىمنى بىلدى-دە، دەرھال قارشى تۇردى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق ئىدى، مېنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر قىزىقىشىمغا كۆڭۈل بۆلۈش نىيىتى يوق ئىدى: 
− رەسسام بولىمەن دېدىڭ-ھە؟ ياق، ياق، ھەرگىز بولالمايسەن!
ئەمما ئوغلىنىڭ دادىدىن يۇقتۇرۇپ ئالغان مىجەزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالىدىغان جاھىللىق مىجەزىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەرگەن جاۋابىممۇ ئۇنىڭكىدەك ئېنىق ۋە كەسكىن ئىدى. 
دادام ئىككىمىز تالىشىپ يۈرۈپ دەيدىغان گېپىمىزمۇ تۈگىگەن ئىدى. دادام ياق دېدىمۇ بولدى، ئۇ ھەرگىز گېپىدىن يانمايتتى. ئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزگېپىمدە چىڭ تۇرىۋېلىشتا ئۇنىڭدىن قالمايتتىم. بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئاقىۋىتى خاپىلىق بىلەن پۈتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان دادام مەندىن بەكلا رەنجىگەن ئىدى. مەنمۇ بۇ ئىشنى دەپ دادامنى رەنجىتكىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. ئەسلىدە مەن دادامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ دادام مېنىڭ رەسىم سىزىشىمنى چەكلىۋەتتى. مەنمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ، ئۇنداق قىلساڭ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تەھدىت قىلدىم. تەبىئىيكى بۇنداق ۋاقىتلاردا يېڭىلىدىغان تەرەپ يەنىلا مەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ مەغرۇر  كىشى باشقا ئېغىز ئېچىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى. ئاتا بولغانلىقىنى تونۇتۇپ قويماقچى بولدى. ئىش بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، مەنمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈن چىقارماي جىم تۇرۇشقا مەجبور بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مەكتەپتىن قاچىمەن دەپ تەھدىد سېلىشتىن چېكىنمىدىم. كەسىپى ئورتا مەكتەپە مەيلى خالاپ ياكى خالىماي ياخشى ئوقىمايدىغانلا بولسام، دادام مېنى چوقۇم ئۆز ئىختىيارىمغا قويىۋېتىدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. 
بۇ پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ-ئاشماسلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەكتەپتە ئالغان نەتىجىلىرىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئۆزەم قىزىقىدىغان ياكى كەلگۈسىدە رەسسام بولغىنىمدا ئەسقاتىدۇ دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بەكىرەك كۈچ چىقىراتتىم. مېنى قىزىقتۇرمايدىغان، كېرىكى يوق دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئالغان دەرىس نەتىجىلىرىمدە قىزىقىدىغان دەرسلىرىمدىن پەۋقۇلئاددە يوقۇرى، قىزىقمايدىغانلاردىن بولسا بەكلا ناچار نومۇرلارنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدىم. «ياخشى» ۋە «ئالاھىدە ياخشى» دىگەن نومۇرلار بىلەن بىرلىكتە «ئورتا» ھەتتا «ناچار» دىگەن نومۇرلارنىمۇ ئېلىپ قالاتتىم. ئەڭ نەتىجىلىك بولغان دەرسلىرىمدىن تارىخ ۋە جوغراپىيە دەرسلىرى بار ئىدى. بەكلا قىزىقىدىغان بۇ دەرسلىرىمدە سىنىپنىڭ ئەڭ ئەلاچىلىرىدىن بىرى ئىدىم. 
ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈن ئۇ يىللارنىڭ ھىساپ-كىتاۋىنى قىلىپ كۆرگىنىمدە، مۇنداق ئىككى مۇھىم خۇلاسىنى چىقىرىمەن: 
1. شۇ يىللاردىن باشلاپ مىللەتچى بولۇپ يېتىشمەكتە ئىدىم؛ 
2. تارىخنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم.
كونا ئاۋۇسترىيە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىدى. بۇنداق بىر دۆلەتتە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىدىن تەپسىلى خەۋەردار بولىمەن دېېيىش بەكلا تەس ئىدى. فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىدا داڭلىق گېرمانىيە ئارمىيىسى غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيىلىكلەر چېگراسىنىڭ يېنىدىكى نېمىسلارنى كۈندىن كۈنگە ئۇنتۇشقا باشلىدى. گېرمانىيىدىكى نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاۋسترىيىدە نېمىس بولۇشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ياكى بىلىشنىمۇ دېگەندەك خالاپ كەتمەيتتى. ھېچكىم ئاۋۇسترىيىدىكى نېمىسچە مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشقا مەجبور بولىۋاتقانلىقىنى پەقەت خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى. 
بولۇپمۇ ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ئۇلارنى ھەر دائىم ۋەيران بولىۋاتقان بىر خاندانلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قارىشاتتى. 
راس دېگەندەك ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئۆتمۈشىدە 52 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقالىغان ئەڭ ئېسىل ئىرق ئىدى. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، گېرمانىيىلىكلەر ئاۋۇسترىيىنى پۈتۈنلەي نېمىسلارنىڭ قولىدىكى بىر دۆلەت دەپ قارىشاتتى. بۇنداق قاراش، رۇشەنكى بەكلا چوڭ خاتا قاراش ئىدى! ئەمما ئاۋۇسترىيىنىڭ بۇ شەكىلدە كۆرۈنۈشى، شەرقتىكى ئون مىليون نېمىس ئىرقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئىرق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئاۋۇسترىيىدە نېمىس مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتۇش تىلىنى نېمىسچىدە ساقلاپ تۇتۇش، شۇ ئاساستا ئاۋۇسترىيىنى نېمىس دۆلىتى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى نېمىسلار جاپالىق كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى گېرمانىيىدە بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. 
بۈگۈنكى كۈندە رېيچ (گېرمانىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى − ت) گېرمانىيىسىنىڭ سىرتىدا قالغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نېمىسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىپ، ئانا ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە پۈتۈن قەلبى بىلەن گېرمانىيىگە تەلپۈنۈپ ياشىماقتا. ئۇلار بۇ غايىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ جاپالىق كۈرەش قىلماقتا. ئەسلىدە ئۇلار «نېمىس ئىرقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» نىڭ ئەھمىيىتىنى بەك ياخشى بىلىدۇ. 
بۇ ئىش شۇنداق بىر تەتۇر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانكى، رېيچ گېرمانىيىسى مۇستەملىكىلەر بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، چېگرىسىنىڭ يىنىدىكى قان قېرىنداشلىرىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇ يەردە نېمىسچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقانلىقىغا پەرۋا قىلماي كەلمەكتە ئىدى. 
ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە ۋە ھەر قانداق بىر ئىشتا كۆرۈلگىنىدەك، كونا ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسى ئىچىدىكى ھەر قايسى تىللارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتىدىمۇ مۇنداق ئۈچ خىل ئادەملەر مەيدانغا چىقماقتا ئىدى: چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلار، نېمىلا دېسە ماقۇل دەيدىغان يۇمشاقباشلار ۋە مۇناپىقلار. 
مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئەھۋالمۇ خۇددى شۇنداق ئىدى. شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كەسكىن رىقابەت، ئەۋلات يېتىشتۈرىدىغان يەرلەردە روي بېرىدۇ. بۇنداق رىقابەتلەر ئىزباسار تالىشىشنى تۈپكى مۇددا قىلغاچقا، ھەرقاندان بىر چاقىرىقنى ئاۋال ئەنە شۇ ئىز باسارلارغا قارىتىش كېرەك: 
− ھەي نېمىس ئوغلانى، بىر نېمىس پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما! 
− ھەي نېمىس قىزى، يېقىندا بىر نېمىس ئانىسى بولىدىغانلىغىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما! 
ياشلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر، بۇنداق بىر چاقىرىقنى ئەڭ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ ئەنە شۇ ياشلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ياشلار بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە ئۆز قۇراللىرى بىلەن مىڭ بىر خىل تۈسكە كەلتۈرۈپ داۋاملاشتۇرالايدۇ: ئۇلار چەتئەل ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ؛ نېمىس شۆھرىتىنى ئۇنۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانچە ھەپىلەشسىمۇ، ياشلىرىمىز بۇ مىللىي شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە جوشقۇ بىلەن قوغداشقا تىرىشىدۇ؛ چوڭلار قاتناشقان ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىدىكى تەڭگىلىرىنى تىجەيدۇ؛ دىن تارقىتىش نىقاۋى ئاستىدىكى چەئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن غەرەزلىرىگە قارىتا ھەر دائىم ھۇشيار تۇرالايدۇ. تاقاش چەكلەنگەن ئۆز مىللىتىگە خاس ئىزنەك-بەلگىلەرنى قورقماي تاقاپ يۈرەلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن جازالىنىش، ھەتتا تاياق يېيىشكىمۇ پىسنت قىلماي غورۇرلىنىپ يۈرەلەيدۇ. ياشلار چوڭلاردىن ئۈلگە ئېلىش بىلەنلا قالماي، كۆپۈنچە ھاللاردا چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسىياتلىنالايدۇ. ياشلارنى قوزغاش، ئۇلارنى يىتەكلەش چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان. 
كونا ئاۋۇسترىيە مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق كۈرەشلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى ماڭىمۇ نېسىپ بولغان ئىدى. مەكتەپتە جەنوبىي مانشى جەمىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچۈن ئىئانە يىغاتتۇق، قارا، قىزىل، سېرىق، رەڭلىك بايراقلار بىلەن بىزەلگەن گۈل دەستىلىرىنى سوغات قىلىشاتتۇق؛ “خېىل − ياشىسۇن!” دەپ توۋلىشىپ تەنتەنە قىلىشاتتۇق؛ پاش قىلىنىش ۋە جازالىنىشلاردىن قورقماي ئىمپىرىيە مارشى كايزەرلايدنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ «دوتچلاند ئاللېس − گېرمانىيە مارشى» نى ئېيتىشاتتۇق. ئاتالمىش مىللىي دۆلەتنىڭ تەركىۋىدىكى ئىرقلار ھەققىدە گەپ بولغىنىدا، چۈشىنىكسىز مىللىي تىللىرىدىن باشقا مىللىي غورۇرىمىزنى كۈچەيتىدىغان ھېچ نېمىدىن خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ، ياشلار سىياسىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار روھ بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن ئىدۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ يۇۋاش-يۇمشاق يېتىشكەن بولماي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوت يۈرەك ‘نېمىس مىللەتچىسى’ بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم. بۇ يەردە مىللەتچى دېگىنىم، بۇگۈنكى كۈندە مىللەتچى ئىسىمنى قويىۋالغان پارتىيىنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر مىللەتچىلىك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ ئىدىيە جەھەتتە تىزلىك بىلەن يىتىلمەكتە ئىدىم. ئون بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدىلا خاندانلىق پۇخرالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى دېگەن بىلەن ئىرق مىللەتچىلىگى دېگەن ئۇقۇمنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ھالغا كېلىپ، رەسمى مىللەتچى بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم. 
ھابسبوۋرگ خاندانلىق تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئاۋارىچىلىقىغا چىدىمايدىغانلار، مېنىڭ نېمىشكە بۇنداق بىر يول تاللىغانلىقىمنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ. ئادەتتە بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە پەقەت ئومۇمىي دۇنيا تارىخىلا ئوقۇتىلاتتى. راس دېگەندەك، ئاۋۇسترىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تارىخى بارمىدۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى نېمىسلىككە شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، نېمىس تارىخىدىن مۇستەسنا ھەرگىزمۇ بىرەر ئاۋۇسترىيە تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. شۇڭا، نېمىسلارنىڭ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىشىنى، نېمىس تارىخىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. 
ۋىېنادا زاۋاللىققا يۇز تۇتقان بۇ كونا پادىشالىقتىكى بارلىق دەبدەبىلىك مەنزىرىلەر گويا ئىمپىرىيە تەركىۋىدىكى بارلىق مىللەتلەر بىر پۈتۈنلۈكنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە بۇ تاشقى كۆرۈنۈشتىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. 
ھابسبوۋرگ خاندانلىقى يىمىرىلىشقا يېقىنلاپ قالغان كۈنلەردە، ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئانا ۋەتەن توپراقلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىش تەلىۋى بىلەن قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئورتاق گېرمانىيە قۇرۇش تەلىۋىنى يالغۇز تارىخ تەربىيىسى ئارقىلىقلا قوزغىتىش مۇمكىن. تارىخ، مەڭگۈ قۇرىماس بىر بۇلاق بولۇپ،  شارائىت يار بەرمىگەن بەزى دەۋرلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، يېڭى بىر ئىستىقبالنى نېمىسلارنىڭ قۇلىقىغا تىنماي پىچىرلاپ تۇرىدۇ. 
بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتىلىدىغان دۇنيا تارىخ دەرسلىرىنى يەنىلا ياخشى تۈزۈلگەن دېيىشكە بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار تارىخ دەرسىنىڭ مەقسىدى تارىخىي ۋەقەلىكلەر يۈز بەرگەن ئاي-كۈنلەر بىلەن جەريانلارنىلا ئوقۇتۇش دەپ قاراشماقتا. بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بىرەر ئۇرۇشنىڭ قايسى يىلى، قايسى ئايلاردا باشلىنىپ قايسى كۈنلەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىۋېلىشى ياكى قايسى بىر مارشالنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قايسى بىر پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىنى ئاي-كۈنلىرى بويىچە ئېنىق يادلىۋېلىشىنىڭ قىلچە پايدىسى يوق. تارىخ دەرسى، تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئەسلى سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئامىللارنى ئۆگۈنۈش بىلەن ئۇلارنى تەتقىق قىلىش مەقسەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 
مېنىڭچە بولغاندا، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ماھارىتى دېگىنىمىزدە شۇنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك: ئاساسىي مەزمونلارنى ساقلاپ قېلىپ، جەريانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش. 
مەكتەپتىكى تارىخ دەرس ئوقۇشتا، بۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئاز ئۇچۇرايدىغان تالانتلىق بىرسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سالاھىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم، كېيىنكى كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارايمەن. ھەتتا شۇ سەۋەپتىن پۈتكۈل ھاياتىمدا يول كۆرسەتكۈچ رول ئوينىغان، ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا بىر ئىنقىلاپچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ئۈچۈن يىتەكچى رول ئوينىغان دەپ قارايمەن. ماڭا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچۇم لېنزدىكى كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لىئوپولد دوېتش دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ھېسىياتچان، كەسكىن ۋە ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم ئىدى. ئۇ جوشقۇنلۇق نوتۇقلىرى بىلەن بىزنى سىھىرلەپ، بىزنى بۇ رىئال دۇنيادىن چىقىرىپ ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ تۇمانلىق يىللىرى ئىچىگە يىتەكلەپ، ئۇ دەۋىرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان بىر مۇنچە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بىزنى ھاياجانلاندۇراتتى. بىزنى تارىخنىڭ ئۇ سىرلىق دۇنياسىغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرغان شۇ ئوقۇتقۇچىمنى تا بۈگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالاتتۇق. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە ھاياجاندىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولۇپ كېتەتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، تارىخىي ھادىسىلەردىن ساۋاق ئېلىپ بۈگۈنگە تەدبىقلاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن تەسىرلىك تەسۋىرلەپ بېرەلىگەچكە، بىزمۇ پەۋقۇلئاددە سۈكۈنەت ئىچىدە ئاڭلاپ كىتەتتۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز مىللىي ھېسىياتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئىنتىزامچان بولۇشىمىزغا يىتەكلەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەرس پروگراممىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايتتى. 
ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىم، ماڭا تارىخ دەرسىنى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان دەرستىن بىرىسىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. 
بۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنى سۆيگەن، ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن، گېرمانىيە تارىخىنى ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇغان بىرسى، مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خاندانلىقتىن نەپرەتلەنمەي، ئۇنىڭغا قارشى تۇرماي تۇرالارمۇ؟ بۇرۇندىن تارتىپ مىللىتىگە خىيانەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ پەسكەش مەنپەئەتىنى نېمىس مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىۋالغان بۇنداق بىر پادىشالىققا كىممۇ سادىق پۇخرا بولغىسى كېلىدۇ؟ 
بىز مىللەتچى ياشلار، ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ گېرمانلارغا قىلچىمۇ مۇھەببتى يوقلىغىنى، بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەلمەسمىدۇق؟ 
بۈگۈن روي بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، تارىخنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تەجرىبىلەر ئاۋۇسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى بولغان خابسبوۋرگلارنىڭ مىللىتىگە قىلىۋاتقان رەزىللىكلىرىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى، خالاس. جەنوپ ۋە شىمالدا ياتلارنىڭ زەھىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇلغىماقتا، ۋىېنانىمۇ ھەر كۈنىسى نېمىسلاردىن تازىلاپ، نېمىسلىكتىن بارغانسىرى ياتلىشىۋاتقان شەھەرگە ئايلاندۇرماقتا. بۇ دەبدەبىلىك ئاۋۇسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چېخ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن قىلچە نومۇس قىلمايدىغان ھالغا كەلمەكتە. ئاۋۇسترىيىنىڭ ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇلۇشىنى نېمىس دۈشمىنى بولغان ئاۋۇسرتىيە شاھزادىسى فرانز فېردىناند قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىدى. قىزىق، بۇ ئارشىدۇك، سىلاۋيانلارغا ياردەملىشىپ بىرگە قۇيۇپ ياسىغان ئوقتا يەنە شۇ ئىسلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىلدى. ئەسلىدە ئاۋۇسترىيىنى يوقۇرىدىن تۈۋەنگىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇش ئىشىغا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلغان ئادەم دەل بۇ شاھزادە ئەمەسمىدى؟ تەڭرى ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بەرگەن ئىدى.
گېرمانىيە خەلقىگە ئارتىلغان تۆلەم پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بىز نېمىسلاردىن بۇنچە كۆپ قان-تەر تەلەپ قىلىشى، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان زومىلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ گېرمانىيىگە قىلغان بۇ ئۆكتەملىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ناھەقچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا قارغۇمۇ ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيتتى. بۇ ئىشتا بىزگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان تەرىپى شۇكى، خابسبوۋرگلارنىڭ نېمىسلارغا يوقۇرقىدەك دۈشمەنلىك قىلىشىنى گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دېگەننى باھانە قىلىپ ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدۇر. گېرمانىيىمۇ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن بۇ مۇنارخىيىدە نېمىسلىكنىڭ كۈنسايىن ۋەيران قىلىنىشىغا پىسەنت قىلماي قاراپ تۇرماقتا. ئاۋۇسترىيە خاندانلىقىمۇ تاشقى مۇناسىۋەتلەردە ساتقۇنلۇق قىلىشقا تايىنىپ ئاۋۇسترىيىنى بىر نېمىس دۆلىتى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنسا، ئىمپىرىيە سارىيىدا نېمىسلىققا قارشى ئىسيان، قىساس ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىماقتا ئىدى. 
ئاۋۇسترىيە خاندانلىقى ئىچىدە روي بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنى يالغۇز گېرمانىيە رېيچ دائىرىلا كۆرەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار قارغۇ ئادەمدەك ئۆلگەن جەسەتنىڭ ئەتىراپىدىن نېرى كېتەلمەي، چىرىگەن سۈڭەكلەردىن قايتا تىرىلىش شەپىلىرىنى كۆرىۋاتىمىز، ھەتتا بۇ جەسەتكە جان كىرىپ قىمىرلاۋاتىدۇ دېيىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىشماقتا ئىدى. 
يېڭى تۇغۇلغان رېيچ بىلەن ئەرۋاھقا ئايلىنىپ بولغان ئاۋۇسترىيە ئوتتۇرسىدا ئىمزالانغان بۇ تەلەيسىز ئىتتىپاقلىق ئىچىدە كەلگۈسىدە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشنىڭ تۇنجى توپ ئوقلىرى يوشۇرۇنغان، گېرمانىيىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭىدىغان ئامىللار يوشۇرۇنغان دېيىشكە بولاتتى. 
بۇ مەسىلىنى كىتاۋىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە تېخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ ھەقتە ھازىرچە شۇنچىلىك توختىلىپ ئۆزەمنىڭ گېپىگە قايتاي. ياشلىق دەۋرىمنىڭ دەسلىۋىدىن باشلاپلا بەزى ئاساسلىق كۆز قاراشلىرىم شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلىرىمنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ماڭدىم. شۇ چاغدا تىكلىگەن كۆزقاراشلىىم تۈۋەندىكىلەر ئىدى: 
— نېمىس ئىرقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇتلەق تۈردە ئاۋۇسترىيە يىمىرىلىشى كېرەك ئىكەن.
— مىللەتچى ھېسىياتقا ئىگە بولۇش بىلەن بۇ خانىدانلىق پۇخرالىقىدا تۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەر  بولۇش بىر-بىرسىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان ئىككى خىل ئىش ئىكەن. 
— خابسبوۋرگ ئوردىسى نېمىس مىللىتىگە ئاپەت تېرىدىغان ساراي ئىكەن. 
شۇ يىللاردىن باشلاپ، بۇ قاراشلىرىمنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان مۇنداق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى: ئانا ۋەتىنىم بولغان نېمىس ئاۋۇسترىيە تۇپراقلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆچ كۆرىمەن.
جەڭگىۋار ھېسىياتلىرىم
    
شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇغان دۇنيا تارىخ ھەققىدىكى بىلىملىرىم مەسىلىلەرنى كۈزىتىشىمدە، بولۇپمۇ سىياسىي كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بىلىم غەزىنەم ۋە ياردەمچىم بولۇپ كەلدى. مەن بۇ بىلىملەرگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى قىلچە قىينالمايلا چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. ئۇ يىللاردا تارىخنى مەن ئۈگەنگەن بولماستىن، بەلكى تارىخ مېنى تەربىيىلەپ چىققان ئىكەن دېسەم تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن. 
مەن ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا سىياسىي جەھەتتىلا بالا ئىنقىلاپچى بولۇپ يېتىشكەن بولماي، سەنئەت ساھەسىدىمۇ شۇنداق ئىسلاھاتچى روھقا ئىگە بولماقتا ئىدىم.
ئۇ يىللاردا ئاۋۇسترىيىنىڭ يوقۇرقى مەركىزىدە بىر تياتىر ئۆمىگى بولىدىغان. بۇ ئۆمەكنىڭ ئويۇن سەۋىيىسى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆمەك پات-پاتلا مەن تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئويۇن قويۇپ تۇراتتى. مەن ئون ئىككى ياش ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم گىيوم تېل ئويۇنىنى كۆرگەن ئىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە شۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئوپىرا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ ئوپىرا لوھېنگرىن ئوپىراسى ئىدى. بۇ ئوپىرا مېنى باشتىن تارتىپلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. باش رولچى بايرېئۇتتىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانلىنىپ، ئۇنىڭغا بەكلا ھەۋەس قىلغان ئىدىم. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي جەلىپ قىلىۋالدى. كىچىككىنە بىر ۋىلايەت شەھىرىدە بۇنداق سۈپەتلىك ئۇيۇنلارنى كۆرەلىشىم مېنىڭ ئۈچۈن بىر تەلەي ئىدى. بۇ ئوپىرا ماڭا كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىلىك ئوپىرالارنى كۆرۈپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى بەرگەن ئىدى.
شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار − شۇ شوخلۇق ئىچىدە نۇرغۇن خاپىلىقلارنىمۇ تارتقان ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە – مېنى، دادامنىڭ مەن ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان كەسىپىدىن پۈتۈنلەي سوۋۇتۇپ كادىرلىققا تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى كەلگۈسىدە بىر مەمورىي كادىر بولۇپ بەخىتلىك بولالمايدىغانلىغىمنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلماقتا ئىدىم. رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئىسپاتلانغان ئىدى. بۇمۇ تاللىۋالغان يولۇمدىن يانماسلىغىم ئۈچۈن بىر كۈچ قوشماقتا ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ يالۋۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىشلىرىنىڭ ھېچقايسى ماڭا كار قىلمايتتى. كەلگۈسىدە مەمورىي كادىر بولۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن، چوقۇم بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن دەيتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەندە بىناكارلىق كەسىپىگە بولغان قىزىقىشمۇ تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى.
ئۇ يىللاردا، بىناكارلىق كەسىپىنى رەسىم سەنئىتىنى تەكاممۇللاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان بىر كەسىپ دەپلا ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ سەنئەتكارلىققا مۇناسىۋەتلىك قىزىقىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ بەكلا خوشال بولاتتىم. ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە ئىش ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ، پۈتۈنلەي باشقا بىر ئەھۋالغا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.

 

2-باب:ۋېنادىكى جاپالىق ئۆگىنىش


ۋېنا شەھىردە ، باياشاتلىق بىلەن گادايلىق ئوتتۇرسدا ئاسمان -زىمن پەرىق بار ئىدى. شەھەر ئىچلىردە ھەرخىل ئىرقلاردىكى ھەرخىل مەقسەتلەر بلەن يىغلغان ،خام خىيال ،ئۈمۈدىلەر بىلەن يۈرگەن كىشلەردىن تەركىپ تاپقان ئەللىك ئىككى مىليۇن نۇپۇسلۇق  بۈيۈك بىر ئېمپىرينىڭ قەلبىنڭ سۇقۇشنى ھېس قىلغىلى بۇلاتتى.
بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك خان ئوردسى دۆلەتنىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇچقاقلردىن كەلگەن بايلىقنىڭ ۋە ئەقللىق كىشلەرنى گويا ماگىنتتەك ئۆزگە جەلىپ قىلاتتى. خاپوسبو خان جەمەتنىڭ سېستملىق شەكلىدە ھەمنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرشمۇ ، يۇقارقىدەك كىشلەرنى جەلىپ قىلشقا يىتەرلىك سەۋەپ بۇلۇپ بەرمەكتە ئىدى.
ۋېنا خان جەمەتى سىياسي ۋە مەدەنيەت مەركىزى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىقتسادى مەركىزى. دۆلەت كادرىلىرى، سەنئەتكارلار، ئوۋسلاردىن باشقا يەنە نامرات ئشچلار ۋەدېھقانلار ،ئۇلار ھەم باي ئەمەلدارلار بىلەن بىللە بۇ شەھەردە ياشايتى.
ھەرقانداق بىر نېمس شەھىرىدە ئىجتمايى مەسللەرنى ۋېينادىكدەك بۇنداق ھەرتەرەپلمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلش، مەسلللەرنى بۇ يەردىكدەك بۇنداق تۇلۇق كۈزۈتۈش شارائتنى تاپقىلى بولمايتى.
لىكن بۇ خىل تەتقىقاتنى يۈزەكى ئورۇنلاشتۇرشقا بولمايدۇ. مۇناسۋەتلىك ئادەملەر پەقەت بۇ مەسلىگە ماس كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەرنى قىلدۇ، ساختلىق بىلەن ھەسرەتلەنگەندەك قياپەتكە كىرۋالدۇ.
تەلەيلكلەر ۋە ماختانچاقلارنى پەيدا قىلىپ جەمئيەت ئىھتياجنى يۈشۇردۇ.
مەن بۇ ئىككسدىن زادى قايسىسنىڭ زېينى چوڭ بۇلدىغانلىقنى بىلمدىم. كېينكسىنڭ جىنايى قىلمشى ساقچلارنىڭ ھەيۋېسنىڭ يوقلىقدىن بولغان، بۇ دەل ئاممنىڭ مېھر-شەپقتنى ئۇنتقانلىقنڭ ئىىپادىسى.
ئەمەليەتتە ، ئىجتمائىي ئىشلارنى بىجىرىش قينغا توختىتشنڭ تۈگۈنى شۇ يەردىكى ،ئاز-تۇلا خەير ئېھسان قىلماي ئەكسچە خەلق ھوقوقنى ئەسلگە كەلتۈرۈش،تارىخى پاكتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ھىمەت -شەپقەتكە ھەشقاللا ئېيتشنى كۈتكلى بولمايدۇ. بۇنى ھەم ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.
مېنڭچە بۇنداق ئەھۋالنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ياخشلىغىلى بۇلدۇ. بىرى جەمئيەتكە مەسئوليەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئاملىە قىلشتەك ياخشى بولغان پىرنسپنى تىكلەش تەرەقياتىمز ئۈچۈن تۇلىمۇ پايدىلىق .
يەنە بىرى بولسا ، قەتئىي ئىرادىگە كىلپ ،ساقايتقلى بولمغايدىغان ئارتۇقچە ئۆسملەرنى تەلتۆكۈس ئوپراتسيە قىلىپ ئېلۋىتش كىرەك.
پەرۋەردىگار بار بولغان نەرسلەرنى ساقلاپ قېلشنى ئەمەس ، بەلكى يېڭى ھاياتلىق ئاپىردە قىلشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئىرقلارنڭ داۋاملىشىشى ،ئنسانلارنىڭ تۇرمۇشمۇ شۇنداق، بىز نۆۋەتتكى كونا ئىللەتلەرگە زىيادە كىرشۋالماسلقىمز كېرەك. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە مۇكەممەل بولغان چارە بىلەن دۆلتمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققياتنى پىلانلىشمىز كېرەك،.
مەن ۋېنادا ياشغان ۋە كۈرەش قىلغان ۋاقتلىرىمدا ، شۇنى ئېىنق چۈشنىپ يەتىمكى ، ئىجتمائىي ئشلارنڭ مۇھىم نوقتسى ھەرگىزمۇ جامائەت پاراۋانلىقى ئەمەسكەن ، بۇنداق قىلش كۈلكلك بۇلۇپلا قالماي، يەنە قىېلچە پايدىسز، شۇڭا ئىقتسادى ۋە مەدەنيەت تۇرمۇشدىكى تەشكلى جەھەتتىكى تۈرلۈك خاتالقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا خاتالىق ھەربىرىمزنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
ئاۋستېريە جەمئەتتى قانۇن تۈرغۇزۇشقا سەل قارغانلىقتن جەمئەتتكى كونا ئىللەتلەرنى تەلتۆكۈس يۇقۇتالمدى، بۇ ھەممىزگە ئايان.
ئەينى چاغدا، مېنى ئەڭ چۆچۈتكنى ئشچلارنڭ ئىقتسادى جەھەتتكى قېينچلقدۇر  ياكى ئۇلارنڭ ئاشۇ نۇمۇسزلارچە قىلمشدۇر. ياكى مەنۋي تۇرمۇشقا سەل قارامدۇ. بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ .
تۇرمۇشى جاپالىق ئادەملەر پەقەت تۇرمۇشنى قامدىيالسلا قانائەت قىلدۇ. نېمسلار بۇلسۇن ياكى باشقلار بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلسا ئوغسى قاينماسمۇ ؟
ئۇلار بۇ خىل «مىللي غورور »نڭ كەمچلىكنى قاتتق ئەيپلىشدۇ، نەپرەتلندۇ.
نېمشقا ئوتتۇرا بۇرژئازىيدىكلەردە بىر قەدەر ياخشى بولغان پېسخكا مەۋجۇت  ؟ ئۆزى ھەققىدە سەممىي ئويلنالايدىغانلاردىن زادى قانچسى بار؟
دۆلتىمىزدىكى مىللەتلەرنڭ مەدەنيەت تۇرمۇشى، سەنئەت تۇرمۇشىدا قانچلىغان مۇۋاپقىيەت بارلىقنى ، ئۇلارنى ئەۋزەل شارائتقا ئىگە قىلپ مىللەتنىڭ جەۋھىرى قىلغانلىقنى چۈشىندىغانلاردىن زادى قانچمىز بار؟
مۇشۇ دەقىقىدە ، مەن ئىلگىرى چۈشەنمگەن ئشلارنى چۈشنۋاتمەن.
ئاۋام خەلقنى «مىلليلارشتۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ساغلام بولغان ئىجتمائىي مۇھىت يارتىش ، ئاندىن شەخسنى تەربيلەش كېرەك، بۇ ئەڭ مۇھىم مەسلە ، چۇنكى مەن ئېلمزنڭ مەدەنيەت جەھەتتكى، ئقتساد جەھەتتكى شۇنداقلا سىياسى جەھەتتكى تۈرلۈك ئۇلۇغۋار نەتجىلرى بىلەن ئۆزنىڭ مۇشۇ مىللەتتن بولغانلىقدىن پەخىرلىندىغان بۇلۇشنى ئارزۇ قىلمەن. بۇنى مائارىپتن باشلماي بولمايدۇ.
بىر ئادەم چۇقۇم ئۆزى ئارزۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن كۈرەش قېلشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغانلىرنىمۇ ھۆرمەت قىلش كېرەك. ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نەرسىگە قانداقمۇ ھۆرمەت تۇيغۇسى بولسۇن؟
مەندە ئىجتمائي مەسللەرگە نسپەتەن قىزىقش پەيدا بولدى ھەم تېگى تەكتدىن تەتقىق قىلىدم، شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر دۇنيا كۆز ئالىدمدا پەيدا بولدى.
1909 – يىلدىن1910يىلغچە بولغان ئارلىقتا تۇرمۇشۇم بارغانسىرى ياخشلىنشقا يۈزلەندى، ياللانما ئشچلىق قېلىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشتىن ، چېرتيوژ ۋە سۇ بۇياق رەسملەرنى سىزىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا باشلغانىدىم. ئۇمۇمەن ئاساسىز شۇنداقلا قورقۇنۇچلۇق خاراكتېرنى ئالغان ئشلارنى ئامما قولمايدۇ. ئامما ياۋاش يۇمشاق ئادەمگە قارغاندا ،كەسكىن ئش قىلدىغان ھۆكۈمراننى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. ئۇلار مۇتلەق مەسلەككە سېلشتۇرغاندا ، قانداق پايدىلنشنمۇ بىلمەيدىغان ئەركىنلككە بەكرەك قانائەتلىدۇ. خۇددى ئاياللارنڭ خاراكترىگە ئوخشاش مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئابستېراكىت نەزەريىگە بەكرەك تەسرىلىندۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئەۋزەل بولغان تەسىر كۈچكە ئېھتىرام بىلدۈرگەنگە ئوخشمايدۇ.
ئۇ كۈچلۈكلەر ئالدىدا تىز پۈكۈشكە رازىكى ھەرگىزمۇ ئاجىزلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. شۇڭا ئامما روھنىڭ تەھدىدتكە ئۇچىرىغانلنى نۇمۇس ھېس قىلمايدۇ، خۇددى ئۇلارنڭ ئەركىنلىكى خورلانسا چىداپ ئامالسز قارشى تۇرۇشنى نۇمۇس ھېس قىلغاندەك ، ئۇلار بەلكىم ئۆزنىڭ ئېغىر خورلۇق ۋە بېسمغا دوچ كەلگەنلىكنى بىلمگەندۇ، بېراق ئۇلار ھۆكۈمراننىڭ كەسكىنلكنى كۆرگەندە ، پىكرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس بويسۇندۇرالايدۇ. بىر مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەقىقەت قۇيۇلۇش جەرياندا  شەپقەتسزلەرچە يول تۇتسا ، سوتسيال دىمكوراتلارنڭ قارشلىقنى قوزغيالسا ، ئۇنداقتا بۇ كۈرەش قانچلىك كەسكىن بۇلۇشدىن قەتئنەزەر چۇقۇم غەلبە قىلدۇ.
مەن ئىككى يىلغا بارماي سوتسيال دىمكۇراتلار پارتيسىنڭ نەزەريىسىنى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئشلتىلىش ئورنىنى بىلۋالىدم. سوتسيال دىموكراتلار پارتيسى ئۇنىڭ تەجىربسدىن ئەمەلىي كۈچنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن، شۇڭا مەزكۇر پارتيگە نسبەتەن ئەمەلىي كۈچى بار ئادەم پۈتۈن كۈچىنى ئايماي ھۇجۇم قىلدۇ، ئەمەلىي كۈچ ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
باشقا جەھەتلەردىمۇ دۈشمەننڭ ئاجىزلىقنى كۈچنڭ بارىچە ماختايدۇ، دەسلەپتە تۇلۇم ئھتياتچانلىق بىلەن كېين يۈرەكلىك ھالدا شۇنداق قىلدۇ. ھەتتا ئاجىزلارنىڭ ئىقتدارىنى قانداق بېكتششنى تاماشا قىلدۇ،
ئۇ قەتئىي ئىرادىگە كېلشكە ھوقوقى بولمىغان قورقونچاقلارغا نسبەتەن ئېيتقاندا ، يەنلا ئاشۇ كاپتالى ئادەتتىكچە ئەمما ئىرادسسى قەتئى بولغان كىشلەرنىڭ تەھدىتىنى يامان ئويلايدۇ .
ئۇ يەنە خەلقنى پەقەت ئۆزنىڭلا تىنچلىقنڭ بىردىنىبر ئاچقۇچى ئىكەنلىكنى ئىشەندۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا چىراينى ئازراقمۇ ئۆزگەرتمەي ، ئامما دېقەت قىلمغان پۇرسەتتە يۇشۇرۇن بېسىم ئشلىتپ يەنە تېخى قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇلاپ -تالاپ غېرچقا ئېرشىپ غۇلاچنى كۆزلەپ ، ئۆز تەسر دائىرسنى كېڭەيتمەكتە.
بۇ سېپى ئۆزىدىن كىشلەرنىڭ ئاجىزلىقدىن پايدىلنش ئستراتگىيسى ، ئەگەر قارشى تەرەپ زەھەرنى زەرھەر بىلەن قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇرۇش تاكتېكسنى چۈشەنمسە ئۇنىڭ بۇ خىل ئىستراتېگيسى قەدەممۇ -قەدەم غەلبىگە ئېرشدۇ.
بىز دە ئاجىزلارغا بۇنىڭ ھايات ماماتنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكنى ئاگاھلاندۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.   ئش مەيدانى ، ماگىزنلاردا ياكى ئاممۋي يىغنلاردا شۇنداقلا نامايشلاردىكى تەھدىت سېلىپ قورقۇتشلار ، مۇبادا ئوخشاش تەسر كۈچكە ئۇچرىمسا ، ئۇنداقتا ھەمشە غەلبگە ئېرشدۇ.
ئشچلارنىڭ  ئىقتسادى قېينچلىنىڭ بېسمدىن سوتسيال دىكوراتىلار پارتيسگە كىرشنى ھامان بىر كۈنى بولىدىغان ئىش ، كاپتالىزىمنڭ كىشلەرگە بولغان ئەقەللي تەلپى ھامان قارشلققا ئۇچرايدۇ، بۇ نادانلىق ، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىق، يەنە كىلپ ئۇلارغا ئازراقمۇ پايدىسى يوق. چۇنكى شۇنچىلىك ئنتزامغا رئىايە قىلدىغان ئشچلار ئامالسىز ئشچلار ئۇيۇشمسدىن چېكنىپ سىياسغا قاتنشدۇ.
20 ياش چاغللىرىمدا ، ئشچلارنىڭ ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلش ۋە ئشچلارنڭ تۇرمۇشىنى ياخشلاش توغرسدا ئېچلغان  ئشچلار ئۇيۇشمسى يىغنىنڭ سنىپى كۆرەش ئىچدىكى سىياسي پارتىيىلەرنىڭ قورالى بۇلۇپ قالغانلىقنى تۇنۇپ يەتىىم.
سوتسيال دېمكراتلار ئشچلار ئۇيۇشمسى ھەركىتنڭ ئىنتاين مۇھىم ئىكەنلىكنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇنى قورال قىلپ ، شۇ ئارقىلىق مەلۇم ئەۋزەلككىە ئىگە بۇلالىغان، بۇرژئازىيە سىنپىدىكلەر بۇنىڭ ئەكسچە بۇ نوقتنى تۇنۇپ يەتمىگچە سىياسى ئورنىدن ئايىرىلپ قالدى، ئۇلار ئشچلار ئۇيۇشمىسى ھەركتىنى سەل چاغلاپ قالغان ئىدى. ئەگەر ئۇلار ماس قەدەمدە تەرەققى قىلمغان بولسا ، ئۇلارنى يوقاتقىلى بولاتتى. ياكى ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلىغلى بولاتتى.
ئەگەر ئشچلار ئۇيۇشمسى ھەركىتى دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىغان بولسا ئۇچاغدا تۇلمۇ كۈلكلك يالغانچلىق بۇلاتتى. راستنى ئېيتقاندا دەل ئۇنىڭ ئەكسچە ئش ئىدى.
ئەگەر ئشچلار ئۇيۇشمسنىڭ مەقستى دۆلەتنىڭ ئاساسنى ياخشلاش ئارقىلق مەلۇم بىر سنىپنىڭ تۇرمۇش مۇھتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ ئۈنۈمگە ئېرشكەن بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ھەركەت ھەرگىز ئۆز ۋەتىنى دۈشمەن كۆرمىگەن بولسا ، بۇ ھەققەنىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان  مىللى ھەرىكەت ھېسابلىندۇ. ئۇنداقتا ، ئشچلار ھەركتنىڭ ئىجتمائي ئدىيسنىڭ شەكللنشدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىىگە. ئشچلار ھەركتى بولمسا ئۇمۇملاشقا ن مىللي مائارىپ سەۋەپسىز غەم ئەندشە ئىچدە قالدۇ. شۇڭا ئشچلار ھەركىتنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇ بولدۇكى، جەمئيەتتە تارقالغان زەھەرنى تازلاپ بەدەن ۋە پېسخىكىدىكى كېسەلنى يىلتىزدىن داۋالاپ ، خەلقنىڭ ئادەتتكى پاراۋانلىقنى ئاشۇردى.
ئشچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ماھىيتگە كەلسەك تەكرارلىنپ كېتدۇ. ياللىغۇچلار ئارسىدا چۈشەنگىلى بولمايدىغان داۋلىلار بار. ھەققانيەت ۋە داۋلىلارنى خاتا چۈشنىش بار. ئۇنداقتا، بىر قىسم ئشچلارنىڭ شەخسنىڭ ئاچكۆز يولسىزلىقلىرغا قارشى تۇرسا بۇلدۇ. باشتىن ئاخىر كولكىتپنڭ پاراۋانلىقنى قوغداش ھوقوق مەنپئەت ئۈچۈن بۇلۇپلا قالماي، يەن مەجبۇرىيەت ئۈچۈندۇز.
خەلق ئاممىسى ئىچدىكى ساداقەتمەنلىك ۋە ئىقتادىنى قوغداش ئۈچۈن ، مىللەتنىڭ پاراۋانلىقى ، بۇ دەل  ئاممنىڭ ساغلاملىقنى ساقلااش بىلەن ئوخشاش نەتىجگە ئىگە.
تەمنات ۋە تەڭسزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشلىق ئەگەر قانۇنلۇق ھالدا ئەدىليە دائىرلىرنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلشدىن ئۆتمسە ، ئۇنداقتا بۇ خىل كۆرەشنىڭ نەتجىسنى ئەڭ زور كۈچكىە ئىگە بىر تەرەپ بەلگىلەيدۇ.
ئەگەر نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى ۋە كاپتال تۇلۇق بولغان مەلۇم بىر ياللۇغۇچدا قارشلىق يۈز بەرسە ، ئۇنداقتا باشلنشدىلا غەلبگە ئېرشىش ئۈمۈدى چوڭ بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئشچلار چۇقۇم ئتپاقلىشىپ بىرلكىتە كۈچ كۆرستىشى زۆرۈر.
يېقنىقى ئون يىلدا ئشچلار ھەركىتى سوتسيال دىمكوراتلار مۇتەخەسسلىرنىڭ قولدا، ئنسانلارنىڭ ئىجتمائىي ھوقوقنى قوغداشتكى قورالغا ئايلىنپ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان دۆلەتلەرنڭ ئىقتسادنى ئىلگىرى سۈرۈشتكى ئۆتكۈر قورالغا ئايلىدۇ.
ئاشۇ ئشچلار ئۇيۇشمىسدىن پايدىلىنشنى مەقسەت قىلغانلار ھەرگىزمۇ ئشچلارنىڭ پاراۋانلىق مەسلىسى بلەن ھېساپلىشپ ئولتۇرمايدۇ.
يىللار ئۈتۈپ ، ئشچلار ئۇيۇشمسنىڭ سوتسيال دىمكوراتلار پارتيسنىڭ سىياسى تەسىر دارئىرسگە كىرىپ قېلشى بىلەن ئاخىرى سىنپى كۆرەشنىڭ بىردىنبىر ئۆتكۈز قورالغا ئايلىنىدۇ. كاپتالىزىمدا بۇنداق ھادسە، ھۇجۇم قلالمايىلا قالماستىن ئەكسچە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ۋە قىنياشلاغا دۇچ كەلدى.
ئاخىردا ئانچە مۇۋاپىق بولمغان ئۇسۇل بىلەن ۋاقتى كېچكمىگەن ئەھۋالدا ئۈنۈم ھاسل قىلالمدى، كۆپلىگەن ئاجىز نوقتلار سەۋەبىدىن خەلقنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭلاشقا ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولماق تۈگۈل ، ئەھۋال ئىلگىركىدىنمۇ ئوساللاشتى.
لېبرال ئشچلار ئۇيۇشمسى قورقۇنۇچلۇق  بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش بولۇپ، سىياسى سەۋيسى تۆۋەنلشى ئارقىسدا ، جەمئيەت بىخەتەرلىكگە ، مىللەتنىڭ مۇستەقللقىگە ، دۆلەتنىڭ مۇستەھكەملنشگە شۇنداقلا شەخسنىڭ ئەركنلكىگە تەھدىت سالدى. شۇنداق دېيشكە بۇلدۇكى بۇ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق قورال، ئەڭ يامان بولغىنى ، ئۇ دىمكوراتىيە نەزەريسنى مەسخىرە قىلماقتا. ئۇ ئەركىنلككە  ھاقارەت قىلپ، مېھرىبانلقنى مەسخىرەت قىلماقتا، ھەمدە« ئەگەر ماڭا بويسۇنمساڭ مەن سېنىڭ جېنڭنى ئالمەن.» دەيتى.
ئشچلار ئنسانلار ئوتتۇرسدىكى دوستلۇقنى چۈشەنگەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، مېنڭ كۆرگەن بىلگەرنلىرىممۇ كۈنسىرى كەڭ دائرلىك ھەم چوڭقۇر بولدى. شۇڭا ئۇنى ئۆزىگەرتشكە ئامالسىز قالدىم.
مەن ناتسىتلار پارتيسنىڭ سىرتقى كۈرۇنشدىن تولۇق خەۋەردار بۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ نەزەريسنىڭ ئاساسىي مۇدئاسنى چۈشەندىم. بېراق پارتيە دائىرلىرى تارقاتقان يېزىق ماڭا قىلچە پايدىسز ئدى. ئقىتسادى مەسلنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇلارنىڭ نەزەرىيۋى دىئالىكتى ئانچە ھەققاني ئەمەس ئىدى. سىياسي جەھەتتە بايانلىرى تېخىمۇ قاملاشماي قالغاندى.
مەن ئاشۇ پارچە -پۇرات ، يۇچۇن يېزىقلارغا قاتتىق يىرگەنىدىم. مەن ئاخىردا شۇنى بىلدىمكى ، ئۇنداق پارچە -پۇرات نەزەرىيلەر مەلۇم ئىرق بىلەن ئالاھىدە مۇناسۋەتلىك ئىدى. بۇنى مەن ئىلگىرى بىلمەپتكەنمەن.
يەھۇديلار دىننى چۈشىنش ، ناتسسلار پارتينىڭ ئىچدىكى ھەقىقى ئەھۋالنىن بىلشتكى بىردىبىر ئاچقۇچ ئىدى. بۇ مىللەتنى چۈشنىش ئارقىلق بۇ پارتيدىكلەرنىڭ مەقستنى چۈشنىش ۋە بارلىق خاتا كۆز قاراشلارنى ئېچىپ تاشلىغىلى بۇلاتتى. ھەم تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا  ماركىسزمنىڭ ئىديسنىڭ سوتسيالىزمنىڭ ئادەمنى جەلىپ قىلدىغان يېزىقلىرى بىلەن ئەلنى ئالىدىغانلقنى ئاشكارلىغىلى بۇلاتتى. «يەھۇدي» دېگەن بۇ ئسىم قاچاندىن باشلاپ ماڭا نسپەتەن ئالاھدە مەنگە ئىگە بولغان؟ بۇ مەسلىگە جاۋاپ بىېرىش بەكلا قىين.
مەن ھازىر دادامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدىكى ئشلارنى ئەسليەلمەيمەن. ئۆيدىمۇ بۇ توغۇرلۇق بىرەر نەرسە دېيلمەيتى.
گەرچە دادام ماڭا بۇ ئسىم توغۇرلۇق سۆزلىگەن بولسمۇ ، مېنڭچە پەقەت قەدىمي مەدەنيەت توغورلۇق سۆزلىگەندىغۇ دەيمەن. دادام ھايات ۋاقتدا ئاز تۇلا بىلەتتى، يەنە كۈچلۈك مللىي ئاڭغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى تولمۇ چوڭقۇر .
مەن مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ ، مەن ئۆيدە ئۇچرىغان تەسرلەرنى ئۆزگەرتەلگەن ئەمەس. پەنني مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغللىرىمدا ، مەن بىر يەھۇدى بالا بىلەن تۇنشقان ئىدىم. ئۇ ناھايىتى تېزلا بىزنىڭ دېققىتىمزنى تارتقاندى، تۈرلۈك تەجىربلىەردىن ئۇنىڭ جىمغۇر ، كەمسۆزلۈكنى بېلىپ ئۇنۇڭغا ئشەنمەس بولغان ئىدۇق.
14ياش ۋاقتىىمدا ، دائىم سىياسى پاراڭ ئارلىقدا «يەھۇدى» دىگەن ئسمنى ئاڭلاپ سەل خاپا بۇلۇپمۇ قالاتىتىم. دىنلار ئارسدىكى تۇقۇنۇش مۇلاھىزە قىلنغان چاغدا مەن تېخىمۇ ئولتۇرالماي قالاتتىم.
ئۇ ۋاقتتا، مەندە بۇ مەسىللەرگە نىسبەتەن چۈشنىش چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. لئوزدا يەھۇدىلار تۇلمۇ ئاز ئىدى. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ ئۇلارمۇ قارىماققا ياۋرۇپالقلارغا ئوخشاپ كەتكەندى. لىكن مەن يەنلا ئۇلارنى گىرمانلار دەپ قارايتىم.
مەن ئۇ چاغدا بۇ قاراشلىرىمنىڭ خاتالىقنى بىلمەيتىم، مېنڭ قارىشمچە بولغاندا يەھۇدىلار بلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ پەرقى پەقەتلا دىننىڭ ئوخشاش بولمغانلىقدا ئىدى.
مەن تېخى ئۇلارنى دىنمز ئوخشاش بولمىغاچقا خورلۇققا ئۇچراۋاتدۇ دەپ ئويلايتىم. ئۇلارغا پايدسىز بولغان مۇلاھىزلەر سەۋەبدىن كەمستش ۋە ئازاپلارغا دۇچار بۇلۋاتىدۇ دەپ ئويلايتىم.
يەھۇدىلارغا ئۆچلۈك قىلشتا مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم شۇنداق ئويلايتۇق. كىين مەن ۋېناغا باردىم.
ئاۋستريە پايتەختنىڭ قۇرلۇشلىرى تۇلۇم ھەشەمەتلىك بۇلۇپ ، مېنى ئۆزگە جەلىپ قىلۋالغان ئىدى.
بۇ چاغدا مەن قېينچلىققا ئۇچراپ قالغان ئىدم. شۇڭا مەن بۇ چوڭ شەھەردىكى كىلشەرنىڭ سىنپى تەركىبنى بىلمەيتىم. ۋېنادىكى 2مىليۇن نۇپۇس ئىچىدە تەخمننەت 200مىڭ نۇپۇس يەھۇدىلار بولسمۇ مەن بۇنى ھېس قىلمغان ئىدىم.
ئەڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتىدە كۆزۈمگە چېلقانلارنىڭ ھەممىسى منى تەمتىرتىپ قويغان ئىدى، كىين روھي ھالىتىممۇ تۇراقلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى دۇنياغا بىر ئاز چوڭقۇر  بولغان كۆزتىش پۈرستىگە ئىگە بولدۇم، يەھۇدىلارنى كۈزەتتىم. مەسلە شۇ يەردىن چىقتى.
مېنىڭ يەھۇدىلار بىلەن تۇنۇشۇم بىر كۈتۈلمىگەن يەردە بولدى.
مەن يەھۇدى دىنىنى بىر خىل دىن دەپلا قارايتىم، شۇڭا كىشلەر ئۆز ئارا ئەپۇچان ، كەڭ قۇرساق بولدۇ دەپ ئويلايتىم. لىكن ئۇلارغا دىنى جەھەتتە زەربە بېرىدۇ دەپ قەتئىي ئويلمغانمەن. ۋېنالىقلارنىڭ گېزىتىدىكى سەپسەتلەر ئارقىلىق يەھۇدىلارغا قارشى تۇرشى بىر ئۇلۇش مىللەتنىڭ مەدەنيەت ئادىتگە ئەسلا ماس كەلمەيتى.
مەن يەن ئوتتۇرا ئەسىردە يۈز بەرگەن بەزى ئىشلارنى ئويلايتىم، كۆڭلۈم خاتىرجەمسىزلەندى، تارىخنىڭ تەكرارلىنشنى پەقەتلا خالمايتىم،
بىراق بۇنداق گېزتلارنىڭ ھېچقانداق بۇپۇزى يوق ئىدى. مەن ئەينى ۋاقتتا بۇ ئشلارنىڭ سەۋەبنى بىلمەيتىم، مەن ئەينى چاغدا بۇ ئشلارنى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سەپسەتلەردىن كېلىپ چىققان دەپ قارايتىىم، ئەينى چاغدا نۇپۇزلۇق گېزتلەرنىڭ بۇنداق زەربە بېرشكە قاتتق ئېتراز بىلدۈردى. ياكى پەرۋا قىلمدى. بۇ خىل پوزتسيە كۆپنچە كشلەرنى قايىل قىلاتتى. شۇڭا مەن ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم.  مەن ئزچىل تۈردە ئاشۇ ئاتالمىش دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق گېزتلەرنى ئۇقاتتىم. ئورىدغا ، بۇلۇپمۇ يېڭى ئەركىنلك گېزىتى ، ۋېنا كۈندىلىك گېزىتى ، بېراق مېنى ئۇلارنڭ رەزىل مۇئاملىسى سەسكەندۈرەتتى.
ئوردىدا بىر ئش بولسا كشنىڭ ئەقلى يەتمۈگدەك ھالدا كۆپتۈرۈپ مەدھىيلەتپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇ. بۇنداق ئەخمىقانە قىلىقلىرى ئەقلىلق كىلشەر ئۈچۈن خۇددى «تاغ تۇخۇسى» نڭ چىشقندىن پەرقى يوق ئش.  مەن بۇنى  ئەركىن  دىمكوراتيە سىياستدىكى قاراداغ دەپ ئويلايمەن.
مەن ۋېنادىكى چاغدا گىرمانيەدە بۇلۇۋاتقان ھەربىر ئشقا شۇنچلىك قىزىققاتتىم . مەيلى بۇ سىياسى ياكى مەدەنيەت مەسلىسى بولسۇن بەكلا قىزىقاتتىم.
مەن گىرمانىيەنىڭ گۈللنىپ ئاۋسترينىڭ زاۋالىققا يۈزلىنشنى كۆرگنىمدە ، ئىختيارسىز گىرمانيە خەلقى ئۈچۈن خۇرسەن بۇلاتتىم.
دېپلوماتىڭ مۇناسۋەتنى ئاخىرلاشتۇرغنى گەرچە ئامالسزلىقتىن بولسمۇ لىكن ئچكى جەھەتتە باشقلارنىڭ پىكىرى بۇلۇشى ئېنىق.
ۋېليام2 گە قارتىلغان زەربە بېرىش ھەركىتىنى مەن قولمايمەن. مەن ۋېليامنى گىرمانيەتنىڭ پادشاھى دەپ قارىغاندىن سىرت ، يەنە گىرمانيە دېڭىز ئارميسنىڭ قۇرغۇچسى  بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلمەن.
شۇڭا پارلامتنىڭ پادشاھنى نۇتۇق سۆزلەشكە يول قويمغانلىقى منى قاتتق غەزەپلەندۈردى. چۈنكى نەزىرىمدە پارلامنتنىڭ بۇنداق ھوقوقى يوق ئىدى.
بۇ ئەبلەخلەر بىر قېتملىق پارلامىت يېغندا تارختىكى نەچچە يۈز يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن نۇتۇقلارنى بىمەنلەرچە مۇلاھزە قىلشلردىن بىزارمەن. بىر دۆلەتتە ھەرقانداق ساراڭنىڭمۇ تەنقىد قىلش ھوقوقى بۇلدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ پارلامنتقا كىرىپ قانۇن تۇرغۇزۇش سالاھيتگە ئىگە . ھازىر بىر تەخىتكى ئادەم مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئورۇنلارنىڭ تەنقىتلشگە ئۇچىرىغنى مېنى  راستنلا غەزەپلەندۈردى. مېنى تېخمۇ غەزەپلەندۈرگىنى ۋېنا گېزىتدە ئىلگىرىكى ئوردىدىكى سەتچلىكلەر ،ھازىر بۇنداق رەزىل ھەرىكىتى بىلەن گىرمانيە پادشاھغا قارشى پىكىردە بۇلۇشى ئېنقلا ئۆچ ئالغان بولماي نېمە؟
مەن ئىقرار ، يەھۇدىلارغا قارشى گېزتلەردە گېرمانيە ئاۋام گىېزتى دەيداىغان بىر گېزتتە بۇ توغۇرلۇق مۇلاھىزەلەر ھەرھالدا مۇۋاپىق بولغان، ئاشۇ نۇپۇزلۇق  گېزىتلەر خەققە ياخشى كۈرۈنۈش ئۈچۈن قىلغان شەرمەندىچلكلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.
بىرەرسى ئۇلارنڭ ئاشۇنداق ئاتالمش «ئۇلۇغ مەدەنيەتلىك مىللەت»دېىگەن مەدھېيلەشلىرىنى ئاڭلسا ئۆزنىڭ گىرمانلىق بۇلۇپ قالغانلقدىن خىجل بولماي تۇرالمايدۇ. بۇ خىل فىرانسيلكلەردىن سەدىقە كۈتىدىغان پەسكەشلىك ھالىتى مېنى بۇنداق دۇنيا گېزتلىرىدىن يىرگىندىغان ، گېزتنى غەزەپتىن پارچە-پارچە قىلۋەتكۈدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
ئاۋۋام گېزىتى گەرچە بۇ ئشلارغا نىسبەتەن پكىرى تار دائىرلىك بولسمۇ لكىن چىنلىقى بار ئدى.
يەھۇدىلار توغۇرسدىكى مۇلاھىزلەرنى ئەسلى ئانچە قوللاپ كەتمەيتىم. بىراق مەن مۇنازىرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا مەندە چوڭقۇر ئويلنش پەيدا بولدى. يېغپ ئېيتقاندا ، ئاستا-ئاستا شۇنى ھېس قىلپ يېتۋاتمەنلكى ئەينى ۋاقتتا ۋېنانىڭ تەقىدىرنى بەلگلەيدىغان ئادەم پەقەت سوتسيالستلار پارتيسى ئىكەن. ۋە ئشچلار ھەركىتنڭ رىياسەتچىسى كارىل كۇگېر دوكتۇر ۋە خىرستئان دىني ئىكەن.
ۋېناغا بارغان ۋاقتتا. كارىل لۇگېر دوكتۇر خىرستئان دىني سوتسياللار پارتيسى مەن ئۆچ كۆردىغان پارتيە ئىدى. نەزىرىمدە ئۇ ئادەم ۋە ئۇ قوزىغىغان ھەرىكەت ئەكسيەتچل ھەرىكەت ئىدى. بېشنىڭ ئىككى تەرپىدە قارا بۈدۈر چاچ قويۋالغانلارغا مەن كۆڭلۈمدە بۇ يەھۇدىمدۇ دەپ سۇئال قوياتتىم. ئەمما ليوزدىكى يەھۇدىلار بۇنداق ئەمەس ئىدى.
مەن بۇ ئادەمنى مەخپى كۈزەتتىم. كېيىن مېنىڭ كاللامدا « بۇ گېرمانمىدۇ» دىگەن سۇئال پەيدا بولدى.
ئادەتتە مەن بۇنداق مەسللەرگە يۇلۇقسام كىتاپلارغا تاينىپ مەسلىنى ھەل قىلاتتىم. مەن تۇنجى قېتىم بىر قانچە «ھېلىلىر» غا  يەھۇدىلارغا قارشى يېزلغان بىرنەچچە كىتاپ سېتۋالىدم. بۇنداق كىتاپلارنىڭ ئۇقۇرمەنلىرنىى يەھۇدىلارغا نىسپەتەن ئانچە-مۇنچە چۈشەنچىسى بار ياكى خېلى چۈشندۇ دەپ ئويلايدىكەن.
بۇ كىتاپ ئچدىكى يەھۇدىلار توغۇرسدىكى سەپسەتلەر مېنى قايمۇقتۇرۇپلا قويدى. كىتاپتكى دىيلگەنلىرى بەكلەر يۈزەكى ، چولتا ۋە ئلىمي بولمغان مۇلاھىزىلەر ئدى. بۇ مۇلاھىزە سۇئالنى شۇنچە كەڭ دائىرىلك تەتقىق قىلغۇم بولسمۇ ئەمما بۇ توغۇرلۇق ھېچنىمنى بىلمەيتىم. مەن ئەنسزىلىك ئىچدە ئۆزۈمنى يوقىتپ قويۇۋاتاتتىم. ئۆزۈمگە ئشەنچىممۇ قالمىغاندى، لكن ئۇلار راستنلا ئۇ خىل دىنغا ئىتقاد قىلدىغان گىرمانلار ئەمەس ئىدى. باشقا بىر مەللەتكە نىسبەتەن مەندە ھېچقانداق گۇمان قالمدى.
مەن بۇ مەسلىنى جىددى تەتقىق قىلغاندىن باشقا يەنە يەھۇدىلارغىمۇ بەك دىققەت قىلاتتىم، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ۋېنامۇ تەبيلا ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتتى.
مەن ھەمملا يەردە يەھۇدىلارنى ئۇچرىتاتتىم. كۆرگەنلىرىم قانچە كۆپ بولغانسىرى ئۇلارنڭ تۇردىغان جايلىرىمۇ ئېنىق بوپ كەتتى. شەھەر مەركىزى ۋە دوناي دەرياسنىڭ شىمالى قىسمدا ئاھاللەر توپلشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ گىرمانلارغا ئوخشمايدىغان بىر مىللەت ئىدى.
كۆڭلۈمدە يەنلا گۇمان بولسمۇ ، لېكىن مېنىڭ ئىككلنشم بىر قىسم يەھۇدىلارنىڭ مۇئاملسى سەۋەبىدىن يوقالغان ئىدى.
بۇ ۋاقتتا  ۋېنادا يەھۇدىلار بىر چوڭ ھەرىكەت قوزىغىغان بۇلۇپ، يەھۇدىزىم ۋە مىلليلكنى ئەۋج ئالدۇرۇشى  مەقسەت قىلغان يەھۇدىزىم ھەرىكتى ئىدى. قارماققا بۇ ھەركەتنى قوللايدىغانلار پەقەتلا ئاز بىر قىسم يەھۇدىلاردەك ،ئەكسچە ئۇلارنى تىللاپ ،قارشى تۇرۋاتقانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدىغاندەك كۆرۈنسمۇ ، ئنچكە كۈزەتكەندە بۇ خىل ھەرىكەت پىلانلاشقا يولغا قۇيۇشقا قولايلىق بولغاندى.
ئاتالمش لىبرال يەھۇدىلارنىڭ (زىيونىزىم) مۇرتىلرىنى قولايدىغانلىقنى ئىتراپ قلمىغنىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ يەھۇدى بولمىغانلىقدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىني ئەقدىسنىڭ ئەمەلي ئىشلتشچانلىقى بولمغانلقتىن بولغان ياكى لىبرالىزىم قوغداۋاتقان يەھۇدىزىمغا زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بولغان. لكن ئۇلارنڭ ئىچكى قىسمدىكى ئناقلىقىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا زىيونىزىم مەسلەكداشلىرى ۋە لىبراللار يەھۇدىلارنىڭ سىرتقى كۈرۈنىشى ئانچە ئىناق ئەمستەك كۆرۈندۇ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلقلىرى مېنى بەكلا بىزار قىلدى.
چۈنكى ئۇلارنڭ ساختپەزلىكى ، ئۇلاردائىم كۆز-كۆز قىلپ ماختايدىغان پەزلەتلك ۋە دۇرۇس بۇلۇشقا زىت كىلەتتى.
مەن يەھۇدىزىمچلارنىڭ سەنئەت ،ئەدەبيات ۋە تىياتىر قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتكى پائالىيەتلرنى بىلگەن ۋاقتتا، نەزىرىىمدە يەھۇدىزىمچلار ئەڭ زور ئوڭۇشسزلىققا ئۇچرايتتى.
ئوخشاش ياسنۋېلىپ تالاش- تارتش قىلش ھازىر ئاقمايدۇ. بىز پەقەت ئۇلارنڭ تەشۋىقات بۇيۇملىرنىلا كۆرەلەيمىز. شۇنداقلا ئۇلارنڭ قەبھ كىنولىرنى ۋە تىياتر يازغۇچلىرنڭ ئسمنى تەتقىق قىلساقمۇ بۇلدۇ. بۇ بىر خىل روھي جەھەتتكى ۋابا، ئۇنىڭ پۇقرالارغا بولغان زېينى چۇما كېسلدىنمۇ يامان. سەنئەتتىكى بۇنداق پەسكەش ئەسەرلەردە ئاممنىڭ كۆز ئالىددا تۇرسا، يازغۇچلارنىڭ ئسمنى ئنچكلەپ تەتقىق قلماي بولمايدۇ.
تەتقىقانتىنڭ نەتجىسى مېنىڭ يەھۇدىلارغا بولغان پوزتسيەمنى تېخىىمۇ يامانلاشتۇرۋەتتى. مېنىڭ ھېسياتىم گەرچە دائىم پوزتسيەمگە ئاسيلىق قىلسمۇ، لېكن منىېڭ ئەقىلم ئۆز ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغانىدى.
شۇڭا مەن ئوخشاش قاراش ئارقلىق، بوش ۋاقتلىرىمدا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان دۇنيا گېزتلىرنى مۇلاھزە قىلاتتىم. شۇنداقلا بۇ گېزتلەرنىڭ ئەركىنلكنى تەشەببۇس قىلدىغانلقنى بايقىدىم. بىلشمچە بۇ گېزىت زەربە بەرگۈچلەرگە سالماقلىق بلەن ئېتراز بلىدۈرەتتى.شۇنداقلا زەربە بەرگۈچلەرنىڭ پەرۋا قىلماسلىق پوزتسيسنى پۈتۈنلەي ھىيلە نەيرەڭ ئىدى.ئاشۇ دەبدەبلىك ئوبزورى  دائىم ئاشۇ يەھۇدىي يازغۇچلارنى ئالقىنغا ئېلىپ كۆتۈردۇ، ناچار باھالارنى گېرمانيلىكلەرگە ئېلتپات قىلدۇ. بۇلۇپمۇ ۋېليام 2نىڭ مەسخىرسى ۋە فىرانسيەنىڭ ئىلم-پەن مەدەنيتنى كۆكىكە كۈتۈرۈپ ماختىشى ئۇلارنىڭ ئستراتگىيلك بىردەكلىكنى روشەن كۆرستەتتى. يىغپ ئېيتقاندا ،ئۇلارنىڭ گىرمانيلىكەرنى كۆزگە ئلماسلىقنى قانداقمۇ سەۋەپسز دېگىلى بولسۇن؟
شۇنى ھېس قېىلپ يەتىمكى سوتسيال دىمكوراتلار پارتيسنىڭ كونترول مەركىزى يەھۇدىلاردا ئىكەن، كۆڭلۈمدە ئاشۇ يەھۇدىلارغا مەنستمەسلىكنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھەققاني ئۇرۇش قىلشنى دائىم ئويلايتىم، ئەلۋەتتە بۇ مەسلە ھازىر ھەل بولدى.
سوتسيال دىمكوراتلار پارتيسى گېزىتى تەبىئى ھالدا ماڭا شۇنى بىلدۈرۈپ قويىدىكى ھەممە دىگۈدەك يەھۇدىلارنىڭ چاڭگىلدا  ئىكەن.
بۇ نوقتا مەن ئەسلى ئانچە ئېتبار بېرىپمۇ كەتمگەن مەسلە ئىدى. چۈنكى باشقا گېزىتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، بىراق دېققتنى تارتدىغىنى ئادەتتكى ئادەملەر ۋە يەھۇدىلارغا مۇناسۋەتلىك بولغان گېزتلەردە ھەقىقى مىللى قاراشقا ئىگە بىرەر پارچىنمۇ تاپقىلى بولمايتى. خۇددى مىېنڭ تەربىيەم ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىم مېنى ئاشكارە ئىلان قىلغاندەك، مەن ئۈزۈمنىڭ نەپرىتنى زورغا بېسىپ كېلۋاتمەن، گېزىتتكى ماكسزمىچلارنىڭ جۆيلۈشلرنىمۇ ئۇقۇپ باقتىم، لىكن مېنىڭ نەپىرتىم بارغانسىرى ئاشماقتا ئىدى. مەن ئاشۇ جۆيلۈملەرنىڭ مۇھەرىرى بىلەن تۇنۇشتۇم، لكىن باش مۇھەرىرى دىن تۆۋەنگىچە ھەممسى دىگۈدەك يەھۇدىلار ئىدى.
مەن يەنە كۈچۈمنىڭ بېرچە بارلىق سوتسيال دىكموراتلار پارتيسنىڭ تېزىملكنى كۆرۈپ چىقىتم ،ھەم يازغۇچنىڭ ئسمنى تەتقىق قىلىدم، ھەممسى يەھۇدىلار بولۇپ چىقىتى. مەن يەنە ئنچكلىك بىلەن رەھبەرلىك ئورندىكى شەخسلەرنىڭ ئسمنى تەكشۈردۈم، يېرىمى دىگۈدەك «سايلغۇچى» ئىكەن. ئۇنىڭ پارلامىت ئەزاسى ياكى پارتيمىزدىكى شۇجى ياكى ھەرقايسى گوروھلارنىڭ رەئسمۇ ياكى كوچلاردىكى قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچلارمۇ سورىمساممۇ لكىن ئۇلار قاراشقا ئادەمنى يىرگەندۈردىغان قىياپتنىڭ ھەممسلا ئوخشاش ئىدى.
ئاسرلىز، داۋىد، ئادىلېر، ئىللسنبوگىن قاتارلىق ئسملارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كىتەي!
بىر ئشىنى بارا-بارا چۈشۈنۋاتمەن ، بۇ پارتينىڭ رەھبەرلىك ھوقوقى-مەزكۇر پارتينى ئككنچى بۇلۇپ قوللاپ ياردەم بېردىغانلا مەن بىلەن بىر قانچە ئاي كۈرەش قىلدى. كۆپىنچىسى دىگۈدەك يات مىللەتنىڭ قولدا ئىدى. بىراق ماڭا تەسەللي بولدىغنى مەن يەھۇدىلارنى تېگى -تەكتىدىن بىلدىم، ئۆزگىنى چۈشەنىدم.
شۇندڭدىن كېيىن مىللتمىزنى كىلملەرنىڭ بۇلغاۋاتقانلىقنى ھەققى چۈشەندىم،
يەھۇدىلار بىلەن مۇنازىرلەشكەنسىرى مەن ئۇلانىڭ مۇنازىرلشىش ئۇسۇلىنى تېخمۇ بىېلۋالدىم. دەسلەپتە ئۇلار قارشى تەرەپكە ھاماقەت بۇلۋېلش ئارقىلىق غەلبە قىلالمىغاندا يەنە بىر خىل ساختىلىق بىلەن ھاماقەت بۇلۋالاتتى. يەنلا ئۈنۈمى بولمغاندا مۇنازىرلشىشنى رەت قىلاتتتى، ياكى تېزلا تېمنى باشقا ياققا يۆتكەيتى ،ھەمىمىز بىلدىغان ھەققەت توغۇرسدا پاراڭلاشقاندا باشقالار ماقۇل كەلگەنىدن كېيىن تۈرى ئوخشاش بولمىغان مىساللارنى سۆزلەپ ، يەنە ئەسلىدىكى مەسلگە كىلەتتى، قەستەن ئاجىز ،ھېچنىمنى بىلمەيدىغاندەك قىياپەتكە كىرۋالاتتى. شۇڭا مەيلى قانداقلا  يەردە بولسۇن ، ئۇمۇمەن بۇ خىلدىكى ئەۋلىيالارغا زەربە بەرگۈچلەرنىڭ پاتقاققا پاتمايدىغنى يوق ئىدى.
ئەگەر بىراۋ ئامما ئالىدىدا بىرەر يەھۇدىنى قاتتق ئەيپلسە تىز پۈككەنلكنى ئېتراپ قىلدۇ، لېكىن ئەيپلگۈچى ئۆزنى ئازراق بولسمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدم دەپ قارسا ئۇ ئەتسى چۇقۇم ئەھۋالدىن چۆچۈپ كىتدۇ. چۈنكى تۆنۈگۈن ئۆزى دىگەن گەپلىرنى ئۇنتۇپ نۇمۇسزلارچە يەنە ھېچ ئش بولمىغاندەك قىياپەتتە يۈرۋىرىدۇ. ئەگەر ئۇ غەزەپتىن داڭ قېتىپ قالسا يەھۇدىلار ئۆتكەن ئشنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىياپەتتە ئىلگىرىكى مۇنازىرە ئۇ قوغداۋاتقان ھەققەتنى ئسپاتلىدى دەپ ئويلايدۇ.
مەن ئېلگىرى مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن تىلم تۇتۇلۇپ ھاڭۋېقىپلا قالغاندىم ، مەن ئادەمنى ھەققى ھەيران قالدۇرىدىغان  يەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلكنى بىلمەپتمەن. نۇتۇقنىڭ راۋانلقىمۇ ياكى ھېيلگەرلىكمۇ؟ شۇڭا مەن بارا- بارا يەھۇدىلارغا ئۆچ بولدۇم، لكىن بۇنۇڭمۇ پايدىسى بار . مەن سوتسيال دىمكوراتلار پارتيسگە تەشۋىقاتچى بولغاندا دۆلەتنى قوغداش قارشىم تەبئيلا پەيدا بولدى. مەن پۇقرالار تەكشى ئىقتسادنىڭ ئىلھاملاندۇرشى بىلەن ماركسزنىمڭ كېلش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىشكە باشلىدىىم.
بۇ مەسلەكنىڭ زادى قانداق رولى بار ؟
مەن ئايىرىم مىساللار ئارقىلق ئېنىق چۈشەندىم، مەن ناھايىتى تېزلا مۇۋاپپىقيەتكە ئىرشتىم ، يەنمۇ قىسقارتىپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئۇنىڭ نەتجىسنى مۆلچەرلىگلى بۇلاتتى. لېكىن يەنە بىر مەسلە، تەشەببۇس قلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم بەھىرلىنشكە ئېرشەلەمدۇ؟
ئۇ تېخى خاتالقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلكنى ھېس قلمغان ئىدى. شۇڭا بۇ  مەسلەكنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچلار بىلەن تۇنۇشقۇم بار.ھەم بۇ ھەركەتنىڭ پىرنسپنى تەتقىق قىلغۇم بار. مەن ناھايىتى تېزلا نىشانمغا يەتتىم. ھەتتا ئويلىغنمىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. بۇ مېنىڭ يەھۇدىلار توغۇرسدا ئەتراپلىق بىلمگە ئىگە بۇلۇشۇمدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، لېكىن بۇنداق بىلمنى چوڭقۇرلاپ تەتىقىق قىلشقا توغرا كىلەتتى،
مېنىڭ بۇ بلىگەنلرىمگە سوتسيال دىمكوراتلار پارتيسنىڭ ئەمەللي ئەھۋالىنى  ۋە مۇرتلىرنىڭ نەرىريسنى سېلشتۇرۇپ ئېلىپ باردىم مەن يەھۇدلارنىڭ قانداق تەدىبرلىرى بارلىقنى بېلۋالغانىدم، ئۆزلىرنىڭ پىكىرنى يۇشۇرۇپ ، نىقاپلاۋاتقانلقنى بىلەتتىم. شۇڭا ئۇلارنڭ ھەقىقى مەقستنى يېزىقتن كۈتۈپ ئوتۇرۇشقا بولمايدۇ، چۇنكى مەقسەت يېزىق ۋە قورلار ئارسغا چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقتا مېنىڭ ئچىكى دۇنيارىمدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولىدى. ئۇ بولسمۇ بىر سوغوق دۇنيانىڭ پۇقراسى بۇلۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەھۇدىلارغا ئەسەبلەرچە قارشى تۇرىىدىغان ئادەمگە ئايلنش.
مەن يەھۇدىلارنىڭ ئنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىخىغا تەسرى كۆرسەتكەنلىرنى تەتىقىق قلۋااتقانىمدا كاللامدا بىر تىراگىدىيلك سۇئال پەيدا بولدى، ئۇ بولسمۇ مۆلچەرلىگىلى بولمايىدغان تەقىدىر ئاخىردا بۇ مىللەتنىڭ غەلبە قېلشغا سەۋەپ بۇلارمۇ ؟
ماركسزمنىڭ يەھۇدىلار تەلماتدا تەبئىەت دۇنيانىڭ ئاقسۆڭەك پىرنسپدىن ۋاز كېچىپ ئاممنىڭ سانى ئارقىلق ، تەسىر ۋە كۈچنىڭ ئورنىغا دەستىش ئۇزاق مۇدەتلىك (مەڭگۈلۈك) ئالاھدە ھوقوقتىن دېرەك بېردۇ دېيلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلارنڭ تەلماتى ئامما ئارسدا شەخسنىڭ قىممتنى ئنكار قىلاتتى. مىللەت ۋە ئىرقنىڭ مۇھىملىقىغا زەربە بىرش ئارقىلق كشەلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنيەتنىڭ ئەھميىتنى يوققا چىقراتتى..

ئايتۇرسۇن تۇنياز تەرجىمە قىلدى

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=24166

Share
2804 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.