logo

trugen jacn

مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىلوگىيە ئەمەس، بەلكى تەبىئىى تۇيغۇدۇر

نەسىبە فلورا ھەزرەت قۇرت

 

مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىلوگىيە ئەمەس، بەلكى تەبىئىى تۇيغۇدۇر

 

مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىلوگىيە ئەمەس، بەلكى ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغىچە داۋاملىشىدىغان تەبىئىى تۇيغۇدۇر، مىللەت ئەزالىرىنى تۈگۈلگەن مۇشتتەك جىپسىلاشتۇرغۇچى كۆڭۈل رىشتىسىدۇر. مىللەتپەرۋەرلىك روھى ئۇ مىللەتنى كۈچلەندۈرگۈچى ۋە كېلەچەككە يۈرۈش يولىدا تۈرتكىلىك رول ئونىغۇچى ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر. مىللىي غايە، مىللىي توپلۇمنىڭ ئىچكى دىنامىزىمىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.ئىتتىپاقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مىللەتپەرۋەرلىك ئەينى زاماندا ۋەتەنپەرۋەرلىك دېمەكتۇر. بۇ مەنبەلەردىن ئۇزۇقلانمىغان دۆلەت ياكى مىللەتلەرنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ بارىدۇ. نەسلىدىن خائىنلارنىڭ كۆپىيىشىگە زىمىن ھازىرلايدۇ. مىللىي غايەت زەيىپلىگەنسىرى ئەخلاقى بۇزۇلۇش ئارتىپ بارىدۇ

مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇسابىقە يولىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىللەتلەرنىڭ مۇۋپپىقىيىتىنىڭ ئاستىدا مىللەتپەرۋەرلىك روھى ياتماقتىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى سۆيگەن مىللىتى ئۈچۈن لازىم بولسا قىممەتلىك جېنىنى تەقدىم قىلىش روھى پىشىپ يېتىلىشكە ئۇلاشمىغۇچە بوينىدىكى ئاسارەت زەنجىرىنى پاچاقلاش كۈچىگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. كۈرەش نىشانىمىز، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ توغرا بولغان ھەر شەيئىنى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر قولغا كەلتۈرۈشتۇر. مىللەت سۈپىتىدە، ئارىمىزدىكى بۇزغۇنچىلىققا، ھۇرۇنلۇققا، مەزھەپچىلىككە،تەرەپبازلىققا، يۇرتۋازلىققا ۋە ھەر خىل پىكىر ئېقىمىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۆتكەل ۋە سىناقلاردىن بىرلىك ئىچىدە ئۆتۈشكە مەجبۇرمىز. مىللىي غايىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەسلى مىللىي روھىمىزغا قايتىشىمىزغا باغلىقتۇر. قولنى قولغا تۇتۇشۇپ كېچە – كۈندۈز پىداكارلىق كۆرسەتكەن خالىس پىداكارلارنىڭ شىجائىتى بۇ مەنزىلگە يېتىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇچقاندەك تىز ئىلگىرىلەۋاتقان دۇنيانىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىشىۋېلىش ئورنىغا، فېئودال – سوسيالىستىك تۈزۈمنىڭ چەمبىرى ئىچىدە تەييارغا ھەييار بولۇشنىڭ يۇچىغىنى ماراپ يۈرگەنلەرنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ۋۇجۇدىنى زەھەرلشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم

ئۇيغۇر مىللىتى، دۇنيانىڭ ئەڭ باي ۋە مۇنبەت توپراقلىرى ئۈستىدە دۆلەت قۇرغان، باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ئۈلگە ياراتقان، تۈرك ۋە ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تارىخى تۆھپە قوشقان بىر مىللەتتۇر. بۇ بىلىم ۋە مەدىنىيەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گېنلىرىگە سېڭىپ كەتكەن ئەۋزەللىكلەردۇر. ئىمكان يوق، شارائىت يوق دېگۈچىلەر ئۇيغۇر مىللىي روھىغا چۈشكەن مىتىلەردۇر. مىللەتپەرۋەر كۆرۈنۈپ مىللەتنىڭ شىللىسىگە منىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالىدىغان ۋاقتىمىز يوق. چۈنكى، شارائىت يوقلۇق،ئىمكانسىزلىق سەپسەتىسى ھەر ۋاقىت ئىنسانلارنى يوق قىلىشنى كۆزلىگەن كۆزگە كۆرۈنمەس دۈشمەندۇر

خاتالىقلاردىن دەرس ئېلىشنى بىلىش ئىنساننىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرمەيدۇ، بەلكى يۈكسەلتىدۇ. مىللىي دۈشمەنلىرىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن تولغان ھىلى – نەيرەڭلىرى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى داۋاملىق بۆلۈپ، پارچىلاپ كەلدى. بىر بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۇسۇل ۋە ۋاستىلىرى ئىنتايىن زەھەرخەندىلىك. ئۇلار، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قان ۋە كۆز ياشلىرى ھېسابىغا كەلگەن تەخىتلىرىنى قوغداش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۇزۇرسىزلىغى بەدىلىگە ھۇزۇر ئىچىدە ياشاش ۋە بىزنى تېخىمۇ ئاسان ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا ززىددىيەت ئۇرۇقى چېچىشنى بىر كۈنمۇ، بىر مىنۇتمۇ توختاتقىنى يوق. شۇڭا مۇقەددەس دىنىمىز ۋە ۋاز كېچىلمەس مەدىنىيىتىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بارلىق زوراۋانلىق كۇچىنى ئىشقا سالماقتا. بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى ھەممە دەۋرلەردە ئوخشاش قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇتۇپ كەلدى. مىللىتىمىزنىڭ پۇتىغا بىر بىرىدىن ئېغىر تاشلارنى، بوينىغا بىر بىرىدىن قېلىن زەنجىرلەرنى باغلىدى. بىز ئىتائەت قىلغانسېرى سانىمىز ئازالدى، قەۋرىلىرىمىز كۆپەيدى. يات مىللەتكە ئىتائەت قىلىشقا ئادەتلەنگەنلەر يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر. ئەجدادىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانلار پەقەتلا ئاللاغا ئىتائەت قىلغان. ئاللادىن باشقىسىغا ئىتائەت قىلغان ئەمەس. بىز ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. زالىملارنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇش ئەجداتلرىمىزغا خىيانەت، ئۆزىمىز ئۈچۈن ھاقارەتتۇر. ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ، ئىنكار قىلدۇرغۇچىلار ئالدىدا تۆت ئاياغلىق ھايۋانچىلىكمۇ قىممىتى يوقتۇر. ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆزىنى سۆيۈش بىلەن باشلايدۇ. ئۆزىنى سۆيگەن ئىنساندا غۇرۇر بولىدۇ. غۇرۇرلۇق ئىنسان يا غۇرۇرى بىلەن ياشايدۇ ۋە ياكى غۇرۇرىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىدۇ. بۇ دۇنيا يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ يۈزىدىن ئەمەس، يامانلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلغۇچىلارنىڭ يۈزىدىن خەتەرلىك يەر ھالىغا كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئىتتىپاقلىشىپ سۆيگۈ – مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشنى تەكرار ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە ئىچىدىكى ساتقۇنلىرى خام خىيال قىلمىسۇنكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىلتىزى ناھىيىتى چوڭقۇر ۋە پايانسىز زىمىنغا كەڭ تارقالغان. گەۋدىسى كېسىلسىمۇ يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىقىپ ياشناشقا ئادەتلەنگەن. مەنىۋىي بايلىقلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن مىللەتنى بۇ دۇنيادا يوقىتالايدىغان كۇچ يوقتۇر. بىر مىللەت، مىللىي ئەخلاق ئىگىسى سۈپىتىدە ئۆز دىنىغا، تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، تىلىغا، ئۆرپ- ئادىتىگە، مىللى ئەنئەنىلىرىگە ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرغان مۇددەتكىچە كۈچىنى مۇھاپىزەت قىلالايدۇ. بۇ مەنبەلەر ۋەتەن ۋە مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ئۇزۇغىدۇر

بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئەڭ تەھلىكىلىك سىناق ۋە ئۆتكەللەردىن ئۆتىۋاتىدۇ. بارلىق بۇ توسالغۇلارغا قارىماي ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن يېڭى بىر مۆجىزە تۇغۇلىدۇ. بۇ مۆجىزە بەلكى ئەتە، بەلكى ئەتىدىنمۇ يېقىن. ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇ كۈنلەرگە ئۆزىمىزنى ھازىرلىشىمىز لازىم. چۈنكى جانابى ئاللاھنىڭ، نۇسرەتنى ھازىر بولغان قەۋملەرگە ئاتا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بار

شۇ نۇقتىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىلوگىيە ئەمەس، بەلكى ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن تۇغۇلۇشتا ئاتا قىلىنغان تەبىئىى تۇيغۇدۇر

 

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: بەختىيار نىجات

 

Share
2210 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.