logo

trugen jacn

قەشقەردە ساقال قويغان 38 ياشلىق بىر ئەرگە 6 يىللىق، ئۇنىڭ روپاش ئارتقان ئايالىغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

timthumb

«جۇڭگو ياشلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ساقال قويغان بىر ئۇيغۇر ئەرگە 6 يىللىق، ئۇنىڭ روپاش ئارتقان ئايالىغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكى مەلۇم.

بۇ خەۋەر تۈنۈگۈندىن بۇيان خەلقئارادىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇلاپ بېسىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«جۇڭگو ياشلار گېزىتى» گە بېسىلغان مەخسۇس خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «38 ياشلىق مەمتىمىن 2010-يىلىدىن بۇيان ساقال قويغان، ئۇنىڭ ئايالى ئورىنىپ روپاش ئارتقان. كەنت كادىرلىرى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي قانۇن خادىملىرى كۆپ قېتىم ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر-ئايال ئىككىسى پەرۋا قىلمىغان. مەمتىمىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا ساقال ۋە روپاش بىلەن يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جازا بېرىلدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان قىلمىشىنى «سىياسىي زۇلۇم» دەپ ئەيىبلىدى.

قەشقەردىكى تەشۋىقات ئورۇنلىرى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ خەۋەرنى دەرھال تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. خىتايدىكى بىر تور كېزەرى: «ئەگەردە كوممۇنىزم تەلىماتىنىڭ بوۋىسى ماركس جۇڭگودا قايتا تىرىلگەن بولسا، ئۇ قانچە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولاتتى؟» دېگەن كىنايىنى يازغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/diniy-kiyim-03302015150319.html

Share
1714 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.