logo

trugen jacn

تۇغلۇق تۆمۈر ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقى (1347-يىلىدىن 1680-يىلىغىچە) نىڭ تۇنجى خانى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بولۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدىكى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى مۇڭغۇل خانى. ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئاخىر ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور خانلىقنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىىيىنكىلەر ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلوبلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كۆلىمى زور، بېزىلىشى كۆركەم بۇ مازارنى ياساپ چىقتى. ئۇ قۇيۇق ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى مەقبەرە ئىمارىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدىن بايقالغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۈپ بىردىنبىر ئىسلام ئىمارىتى بولغاچقا، شىنجاڭ جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىسلام ئىمارەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

تۇغلۇق تۆمۈر ۋە شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

     ئەنۋەر قاسىم
13-ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ھەم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى جايلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى غەربىي يۇرت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تارىخى شۇنىڭدىن تارتىپ مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە قەدەم قويدى. غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلار بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇڭغۇل خانلىقى دەۋرى ۋە قۇبلاي قۇرغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يەر شارئىتىغا بېقىپ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئېھتىياجىدىن تۈرلۈك ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىپ ۋە ئەمەلدارلار قويۇلۇپ، غەربىي يۇرتقا ھەربىي، مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈلدى. بۇ ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ قۇيۇلۇشى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتتىكى كەڭ رايۇنلارنى باشقۇرغانلىقى ۋە بۇ رايۇنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى كونكىرىت نامايان قىلدى. بۇ خەت سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ئۆتكەن مەركىزىيي سۇلالىلەرنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارغا يۈرگۈزگەن ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى ھېسابلىنىدۇ.

2015116101418240.jpg

 

1-رەسم يۈن شىزۇ قۇبلايخاننىڭ رەسىمى

موڭغۇل خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئەڭ بۇرۇن قويغان ئەمەلدارلار »دارۇغاچ« دېيىلەتتى. »دارۇغاچ« مۇڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى »باسقاۋۇل« دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ موڭغۇللار ھەرقايسى جايلارغا قويغان ئالىي نازارەتچى ھەم ئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدار بولۇپ، ھوقوقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. 1251-يىلى ئوگىدايخان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ھازىرقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي قىسمىدا بەشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتى قۇرۇلدى. بۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ لەشكىرىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇردى. بۇ موڭغۇل خانلىقى ئوردىسىنىڭ غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، موڭغۇللارنىڭ ئاساسىي ئىزناسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس سالغانلىقىنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ بەردى. دېمەك، بۇ »دارۇغاچ« تۈزۈمىگە باققاندا زور بىر قەدەم ئىلگىرىگەنلىك توپىلىڭىنى تىنجىتىش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلدى. بولۇپمۇ مەمۇرىي تەشكىلات بىلەن ھەربىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى قوشۇلۇپ كەتتى. بۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا قارتىلغان مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى زور ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەينى چاغدىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىنىڭ كەسكىن ھەربى ۋەزىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرتقا قارىتىلغان ھەربى، مەمۇرىي باشقۇرۇشى ئىككى ياقىمىلىق بىر خىل تۈزۈلمە بولۇپ، موڭغۇل خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى يۈەن سۇلالىسى مەركىزي ھۆكۈمىتى بۇ رايۇننى باشقۇرغاندىن سىرىت، چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت خارەزىم خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئۆزى باشقۇرغان زېمىننى »ئالتۇن جەمەت«تىكى خانزادىلەرگە سۇيۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بەردى. »ئالتۇن جەمەت«تىكى موڭغۇللار توغرىسىدا بىر رىۋايەت بولۇپ، »دوساننىڭ موڭغۇل تارىخى«دا خاتىرىلىنىشىچە، موڭغۇللارنىڭ ئالانغۇۋا دەيدىغان بىر ئۇلۇغ مومىسى ئۆتكەنىكەن. ئۇ دوبېن بويان بىلەن توي قىلىپ، ئىككى ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپتۇ، بىراق ئېرى دوبېن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپتۇ. شۇڭا ئالانغۇۋانىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئۇرۇق-توغقانلىرى گومان قىلىپ، بۇنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا ئالانغۇۋا:»كېچىدە بىرمۇنچە چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە كەپىنىڭ تۈڭلۈكىدىن نۇر چۈشۈپ، ئاچ سېرىق رەڭلىك بالىغا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالدىم ھەم يەنە ئۈچ ئوغۇل توغدۇم. بۇقا قاتاگەي، بوسجىن چىلىج، بودۇنچار دەپ ئىسىم قويدۇم«دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. دېمەك، كېيىن تۇغۇلغان بۇ ئۈچ ئوغۇل ئالانغۇۋا بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئىلاھنىڭ بىللە بولۇشىدىن تۇغۇلغان ئەۋلاد، تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى دېگەن گەپ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئوغۇل كېيىنكىلەر تەرىپىدىن پاك موڭغۇل دەپ ئاتالغان. ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەننىڭ ئەۋلادى كۆپىيىىپ، بىرقانچە قەبىلىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلاردىن بۇدۇنچار چىڭگىزخاننىڭ سەككىزىنچى ئولۇغ بوۋىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل قاغانلىرى مۇشۇ جەمەتتىن چىققان بولۇپ، »ئالتۇن جەمەت« دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە، چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى، يەنى جۇجى، چاغاتاي، ئوگىداي، تۆلۈينىڭ ئەۋلادلىرىلا »ئالتۇن جەمەت«سانىلىپ، ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. تۆلۈينىڭ ئوغلى مۆڭكۈ موڭغۇل قاغانلىق تەختىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ دائىرە تۆلۈينىڭ ئەۋلادلىرىغا قەدەر يەنىمۇ كىچىكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى تاتار قاغانى مۇشۇ جەمەتتىن چىققان.

چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەن بۇ سۇيۇرغال زېمىنلار »ئولۇس«دەپ ئاتالغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تەدرىجىي تۆت چوڭ خانلىق شەكىللەنگەن. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئوگىداي خانلىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، چاغاتاي چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئۇنىڭغا قارا قىتانلارنىڭ كونا زېمىنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، دائىرىسى شەرقتە قۇچۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن غەربتە ئامو دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە بارىدۇ. ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئاساسەن ئىلى ۋادىسى، چۇ دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ۋادىسى ۋە تالاس ۋادىسىنى، يەنە قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چاغاتاي خانلىقى ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى سۇيۇرغال زېمىنى ئاساسىدا تەدرىجىي موڭغۇل خانلىقىدىن ئايرىلىپ شەكىللەنگەن. ئوگىداي چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىن شەرقتە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋادىسىدىن، غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە بارىدىغان بولۇپ، ئېمىل دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي ۋە ئۇلۇڭگۈر دەريا ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا، ئالتاي تېغى، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى ئوتلاق رايۇنلىرى ئاساسەن چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي ۋە ئۈچىنچى ئوغلى ئوگىداينىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. بۇ ئىككى خانلىق شەرق بىلەن غەربنىڭ تۇتىتىش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى، يەنە كىلىپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەك مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى ياكى بۆلۈنۈشى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

كېيىن چاغاتاي خانلىقى ئوگىداي خانلىقىنى قوشۇۋېلىپ، بىر مەھەل راسا روناق تاپتى. بىراق چاغاتاي خانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، يەنى 1314-يىلى ئەسلىدە تەختنى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن چاغاتاي خانى كېبىك قايتا تەختكە چىقىپ، سىياسى مەركىزىنى ئالمالىقتىن ئىبارەت بۇ ئوتلاق بەلبېغىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئاۋات جاي – سەمەرقەنتكە يۆتكىدى. ماۋەرائۇننەھر رايۇنىدا يېزا ئىگىلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسلاھاتنى يولغا قويدى. ئەمما ئېسەن بۇقا يەنىلا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، قىسمەن ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ، ئېلى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئوتلاقلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئوخشاشمىغان ئىككى خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلۈشكە باشلاپ، تەدرىجى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەرقىي قىسمى ئالمالىقنى مەركەز قىلىپ، قەشقەر، تۇرپان ئەتراپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. غەربىي قىسمى سەمەرقەنتنى مەركەز قىلىپ، ماۋارائۇننەھر رايۇنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئېسەن بۇقا بىلەن كېبىك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئۆز قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇپ بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي خانلىقى تەلتۆكۈس زاۋال تېپىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

چاغاتاي خانلىقى زاۋال تېپىشقا يۈزلەندە، شەرقىي قىسىم رايۇندىكى ئەڭ ئەمەلىي كۈچى بار موڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئۆز جەمەتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چاغاتاي خانلىرىنىڭ مۇناسىپ ئەۋلادلىرىنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەشكە كېرىشتى ھەمدە 1345-يىلى ئوتلاق رايۇنىدىن چاغاتاي خانلىرىنىڭ توغلۇق تۆمۈر ئىسىملىك ئەۋلادىنى تېپىپ، ئۇنى ئەينى چاغدا دوغلات قەبلىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جاي ئاقسۇغا ئەكەلدى. 1347-يىلى چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، 18 ياشلىق توغلۇق تۆمۈر شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدا موڭغۇل دوغلات قەبىلىسىنىڭ بولاجى جەمەتى تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئالىي ئاتامانلىقى، يەنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلدى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى جايلارنى سىياسى قالايمىقانلىقتىن ساقلاپلا قالماي، بەلكى دوغلات قەبلىسىنىڭ ئەمىرى موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە موڭغۇل ئالتۇن جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خان قىلىپ تىكلىگەنلىكى سەۋەبلىك، كەڭ موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئىېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خانلىق غەربى يۇرت، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى ھوقوق بوشلۇقىنى تېزلىكتە تولدۇردى.

شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى بولغان تۇغلۇق تۆمۈر 1330-يىلى (يەنە بىر گەپتە دېيىلىشىچە، 1328-يىلى) شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدا دۇنياغا كەلگەن. يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىجېڭ 23-يىلى (1363-يىلى) ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى تىپىك تۈركىي تىلدا قويۇلغان بولۇپ، »بۈيۈك تۇغنى تۇتقان، تۆمۈردەك يىمىرىلمەس ئەزىمەت«دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئېسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، زامان ئەركىسى چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى، شەرقىي چاغاتاي خانلقىنىڭ بۇ خانى توغرىسىدا ئاجايىپ رەڭدار رىۋايەتلەر كۆپ، »تارىخى رەشىدىي«ناملىق ئەسەردە خاتىرىلىنىشىچە، توغلۇق تۆمۈر تەخىتكە ئولتۇرۇش ئالدىدا، ئاقسۇدا شىكارغا چىقىپ، ئەينى چاغدىكى شەيخۇلئىسلام جامالىددىن بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قاپتۇ ھەم خۇپىيانە ھالدا ئۇنىڭ دىنىي تەرغىباتلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئسىلام دىنىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بىراق ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن جاكارلايدىغانلىقى ئۈستىدە ۋەدە بېرىپتۇ. خانلىق تەختىگە چىققان ھەم ھاكىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن پەيىتتە. جامالىدىننىڭ ئوغلى موللا ئەرشىددىن ئالمالىققا كېلىپ، ئۇنى كۈچىنىڭ بارىچە قايىل قىپتۇ. ئەلۋەتتە، تۇغلۇق تۆمۈر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئەمەلىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنى بويسۇندۇرۇپ، چاغاتاي خانلىقىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى يەر ئىجارىسى ۋە باج-سېلىق تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، دەۋر ئېقىمىغا پائال ماسلىشىپ، پايدا-زىياننى ئوبدان دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ، 1354-يىلى خانلىقنىڭ پايتەختى ئالمالىقتا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى ھەم ئۇزۇن چېچىنى كېسىپ، خەتنە قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە ئەبۇبەكرى مۇھەممەد دەپ دىنىي ئىسىم قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قول ئاستىدىكى 160 مىڭ كىشىلىك موڭغۇل قوشۇنىغىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش توغرىىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ شىنجاڭ زېمىنىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا تارقىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەربىي ئەمەلىي كۈچنىڭ ئېىشىشى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پۈتكۈل ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن 1360-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ماۋەرائۇننەھر رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش ئورۇشىنى قوزغىدى. ئۇ غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكى ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ، جايلاردىكى ھوقوقدار ۋەزىرلەرنىڭ تەپرىقىچى كۈچلىرىنى بىر-بىرلەپ يوقاتتى. 1361-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتنى ئىشغال قىلىپ، بىرمەھەل چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولدى. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە قومۇلغا، غەربتە سەمەرقەتنىڭ غەربىگە، شىمالدا ئويراتلارنىڭ زېمىنىغىچە، جەنۇبتا ئۇدۇنغىچە بارغان بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زورايدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەرلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجىنى سەمەرقەنتتە تۇرۇپ پۈتكۈل ماۋارائۇننەھر رايۇنىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئارقىدىنلا يەنە موڭغۇل بارلاس قەبىلىسىنىڭ ئاقسۆڭىكى تېمۇر (يەنى كېيىنكى چاغلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تېمۇرىيە خانىدانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، »ئاقساق تېمۇر« دەپمۇ ئاتالغان)نى ماۋارائۇننەھر رايونىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، بۇ رايۇننى ئاساسلىق باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ، ئۆزى خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايۇنغا قايتىپ كەتتى. 1363-يىلى (ھىجرىيە 764-يىلى)ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكىرىي يۈرۈش قىلىپ قايتىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ، 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

شۈبھىسىزكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتىكى مەزگىل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچى بولۇپ، ئۇ ئاخىر چاغاتاي خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم غايەت زور بىر خانلىقنى قۇرۇپ چىقتى. توغلۇق تۆمۈرخان قۇرغان شەرقىي چاغاتاي خانلىقى چىڭگىزخان »ئالتۇن جەمەتى«نىڭ ئەۋلادى پادىشاھلىق قىلغان. موڭغۇل قەبىلىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەم غەربىي يۇرتتىكى باشقا مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن چېچىلاڭغۇ سىياسى بىرلەشمە گەۋدە ھېسابلىنىدۇ.  ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي شەكىل بىردەك ئەمەس، قەبىلىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائى زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن دوغلات قەبىلىسىدىكى ئەمىرلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت تولىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى. توغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتە ئولتۇرغان كېيىنكى مەزگىلدە، ئىچكى ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇش تاشقى قىسىمدىكى كۈچلۈك قوشنىلارنىڭ تەمەسىنى قوزغىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلاس جەمەتىنىڭ ئەزاسى تېمۇر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كونا قوۋمىنى ئەتراپىغا توپلا ئىش تېرىپ، چاغاتاي خانلىرى ئەۋلادىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا قارشى چىقتى. بىر قاتار جەڭلەر ئارقىلىق 1389-يىلىغا كەلگەندە، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كەنجى ئوغلى خىزىر خوجا يايلاقتا قول ئاستىدىكىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ خانلىقنى تىزگىنلەش ھوقوقى يەنە يېڭىباشتىن چاغاتاي خان ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلدى. 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي شەكىلدىكى بۆلۈنۈش ۋە ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئاخىر شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.

دەل شۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان تەخىتتىكى چاغدا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكتىن، خانلىق زېمىنىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەنىدى. شۇڭا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەقبەرە ياسىتىلىپ »مازار«دەپ ئاتالدى.

 

    تۇغلۇق تۆمۈرخان مازارى ش ئۇ ئا ر ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 40 كىلومتېر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 10 كىلومېتىر نېرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك 4-شى61-تۈەن7-لىيەنى دائىرىسدە، يېنىدا ئالمالىق قەدىمىي شەھىرى بار. ئۇ نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى پەقەت بىرلا جايدا ساقلىنىپ قالغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ئىسلامچە ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. 1957-يىلى 1-ئايدا ش ئۇ ئا ر لۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرىنچى تۈركۈمدە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ بېكىتىلگەن. 2001-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ بىكىتىلگەن.

قەبرە مازار شەكلىدە بىنا قىلىنغان بولۇپ، تەكشىلىكتىكى شەكلى پاراللېلپېپىدقا ئوخشايدۇ. كەينى قۈنپېتىشقا، ئالدى كۈنچىقىشقا قارايدۇ. شەرقتىن غەربىكىچە ئۇزۇنلۇقى 15 مىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 10.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 13.35 مېتىر، ئۆي ئىچىنىڭ تۆت تېمىغا ھېچقانداق ياغاچ تۈۋرۈك ۋە توغرا لىم قۇيۇلمىغان، تورۇسى گۈمبەزلىك بولۇپ، ساپ خىشتىن قۇپۇرۇلغان. لىم-تۈۋرۈكسىز گۈمبەزلىك ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تۆت تېمى كەڭ، 2-قەۋىتى خىرە دەھلىز، تۆت بولۇڭدا بىردىن يان ئۆي بار. ئىچىدە پەلەمپەي بولۇ، خىرە پەلەمپەينى بويلاپ ماڭسا، مازارنىڭ تۆپىسىدىكى تەكشى كەتكەن، ئۈستى ئۇچۇق بالىخانغا چىققىلى بولىدۇ. ئالدى تېمىغا كۆك، يېشىل، ئاق، بىنەپشە رەڭ قاتارلىق 26 خىل ئۆلچەمدىكى سىرلانغان خىش چاپلىنىپ، تۈرلۈك پاسوندىكى گېئومېتىرىيەلىك شەكىل ۋە ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھ نۇسخىلىرى ھاسىل قىلىنغان. رەڭلەر ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، قۇيۇق ئىسلام ئۇسلۇبىغا ئىگە.

مەقبەرىنىڭ ئىشىك ماڭلىيى ئۈستىگە ۋە ئىككى تەرىپىگە بىر قۇردىن تىك يۆنىلىشتە ئەرەبچە چىرايلىق يادنامە ئۇيۇلغان. يېشىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، توغرا ماڭلايغا »قۇرئان كەرىم« نىڭ 26-27-ئايىتىدىكى مەزمۇنلار؛ ئەگمە ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە: »بۇ يەردە ئۇلۇغ سۇلتان ياتىدۇ. ئۇ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلار شاپائەتلىك دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ئىدى. ئۇ زېمىنىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئاللاھ ياراتقان، سانسىزلىغان دۈشمەنلىرىنى يەڭگەن قەھرىمان ئىدى. ئۇ ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇلغان، ئەڭ قەدىرلىك سۆزلەرنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئىدى. ئۇ تىنىچ، ئاسايىشلىق بۇلىقى ئىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ شان-شەرىپى ۋە غورورى ئىدى! بۇ تۆت چوڭ خەلىپىگە يېقىندىن ئەگەشكەن. ئۆلىمالارنى ھۆرمەت قىلغان ھەم كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئىكرامغا سازاۋەر بولغان توغلۇق تۆمۈر خان مەقبەرىسىدۇر«دىگەن ئىبارىلەر، ئەگمە ئىشىكنىڭ سول تەرىپىگە: »توغلۇق تۆمۈرخان نامىغا ئاتالدى، بۇ گۇناھكارلار مەغپىرەت تاپىدىغان جاي، بىزنىڭ مۇھەممەد تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ خانىشىنى زامانىمىزدىكى بىلقىس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئەقىللىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئۇ بىزدەك ئاددىي كىشىلەرنىڭ چەكسىز شان-شەرىپىدۇر. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئاياللار ئارىسىدا تەڭدىشى يوق بىر ئۇلۇغ ئايال. ئۇ دەل بىزنىڭ بىتپال خانىشىمىز. ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتى مەڭگۈلۈك بولغاي، پاكلىق يار بولغاي، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۈزەل پەزىلەتلىرى شەرق-ۋە غەربكە مەشھۇر«دېگەن ئىبارىلەر ئۇيۇلغان.

مەنبە: شىنجاڭ ھەققىدە ھىكايىلەر ناملىق كىتابنىڭ 4-قىسمىدىن ئېلىندى.

Share
1929 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.