logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.

35-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 22-ئىيۇن كۈنى باشلىناتتى. 19-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خەلقئارادىكى تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى بىريۇسسېلغا تەكلىپ قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا 8 سائەتكە سوزۇلغان بىر سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتكە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، تىبەت تەشكىلاتلىرى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 10 غا يېقىن تەشكىلات ۋەكىل قاتناشتۇرغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان. بۇ تەشكىلاتلار تېخى تۈنۈگۈنلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلمىگۈچە، بۇ دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى؛ پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھەققى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى، دىنىي ئېتىقاد ھەمدە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى، خىتاينىڭ دۆلەتلەر ۋە ب د ت غا ئوخشاش ئورگانلارغا تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى، بۇ مۇزاكىرىلەردە ئوتتۇرىغا چۈشكەن مەسىلىلەرنى يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا سۆز تېمىسى قىلماقچى بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆز تېمىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى پاكىتلىرى بىلەن ئاڭلىتىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن تامامەن چەكلەنگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ يىغىندا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك ھەققى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئۆز مەيدانىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان.

19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى سىياسەتلەرنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دادىل بولۇشقا چاقىرغان.

دولقۇن ئەيسا ۋە ئەنۋەرجان ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، بىرقانچە ئاي ئىلگىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بەزى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-06202017141804.html

Share
1525 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.