logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ

İlham Tohti

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى، ئۇنىڭ بىرقانچە يىللىق تەكشۈرۈشى ۋە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى. بۇ ماقالە 2013-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە خىتاي تىلىدا يېزىلىپ تاماملانغان. ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرى بۇلتۇر ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي تىلىدىكى «پىللار سۆھبىتى» ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بۇ يىل 22-ئاپرېلدىن باشلاپ «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تورىدا بۆلەكلەر بويىچە ئېلان قىلىنماقتا. بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىلاردا ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى، رايوندىكى مىللەتلەر قۇرۇلمىسى، مىللىي ئايرىمىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ۋە زىيالىيلىرىغا ئىشىنىش مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىلگىرى ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان سىياسىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەكلىپ ‏- پىكىرلىرىنى تونۇشتۇرماقچى.

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي سىياسىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» قىسمىدا، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئال ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام ئەپەندى ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدىكى بايانىدا، ئاتېئىزم (دىنسىزلىق)نى تەشەببۇس قىلىدىغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نامىدا باستۇرۇشىنىڭ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ئۇ سۆزىدە «بۈگۈنكى ھۆكۈمەت دىنىي سىياسەتتە ئىلگىرىكى دەۋر (مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىنى دېمەكچى)گە قارىغاندا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئاتېئىزمنى تەرغىب قىلىدىغان ھۆكۈمەت دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىغا سەل قارىغان. دىنىي مەسىلىلەرگە قارىتا سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى تاشلاپ قويغان. شۇڭا دىنىي ئېتىقادقا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نەتىجىلىرىدە ھۆكۈمەت ھەر ۋاقىت پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

ئىلھام ئەپەندى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ پاسسىپ نەتىجىسىنى تەنقىدلەپ، ئۆزى بايقىغان ئىككى چوڭ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام توختى:«شىنجاڭدىكى دىنىي سىياسەتتە مەسىلە ئېغىر نۇقتىلار ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.

1. بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زىيادە قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى (ئۇيغۇرلاردىكى)قارشىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا (يېزا،كەنت، مەھەللىلەردىكى كىچىك مەسچىتلەرنىمۇ قوشقاندا) 24 مىڭ مەسچىت بار. ھەر بىر مەسچىتتە ھۆكۈمەت مەخسۇس تەربىيىلىگەن مائاشلىق دىنىي خادىملار بار. ئۇندىن باشقا ھەر بىر مەسچىتنى يەنە بىر نەپەر كادىر ھۆددىگە ئېلىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. مەسچىتكە بۇ يېزا، كەنت ۋە مەھەللىگە تەۋە بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىرىپ ناماز ئوقۇشىغا، ياشلارنىڭ ۋە مەسچىتتە تىزىمى بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىرىپ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. پۇقرالارنىڭ ھېس-تۇيغۇسى نەزەرگە ئېلىنمىغان بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈچۈن ھۆكۈمەت زور تۈركۈمدە ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سەرپ قىلماقتا. نورمال دىنىي ئېتىقادقا قارىتىلغان بۇ خىل كونتروللۇق قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.

2. يەنە تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي تەلىم ئېلىپ كەلگەن دىنىي زاتلارنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسى كۈچەيدى. دىنىي تۈستە كىيىنىدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە. ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز-ئارا سۆھبەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان زىيادە قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۆز دىنىنى قوغداش ئەقىدىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىشىمۇ بارغانچە ئەرەب ئاياللىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.»

ئىلھام ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان سىياسىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي بايانلار بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك 6 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار:

  1. دىنىي ئېتىقاد سورۇنلىرىغا قارىتىلغان زىيادە قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش. پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش. زىيادە قاتتىق باستۇرۇش سەۋەبىدىن قوزغىلىدىغان قارشىلىشىش كەيپىياتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد سىياسىتىدىن ئۆرنەك ئېلىش)
  2. ھەقىقىي دىنىي ئىلىمدە يېتىلگەن دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، خەلقئارادىكى دىنىي ئىلىم تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدىكى دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش. دىنىي تەلىم ئېلىشقا يول قويۇش.
  3. چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاشكارا تارقىتىلىشىغا يول قويۇش. دىنىي تەلىم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش.
  4. دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش.
  5. دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىدىكى تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىش. دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش.
  6. ھەج قىلىش پائالىيىتىگە قارىتىلغان سىياسەتنى كەڭرى قويۇۋېتىش. ھەر خىل بەلگىلىمە-چەكلىمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشنى توختىتىش.

ئىلھام ئەپەندى ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشى ھەققىدە 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 22، 23-كۈنلىرى رادىئومىزغا قىلغان سۆھبىتىدە توختالغان ئىدى. شۇ قېتىمقى سۆھبىتىدە ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىگەنلىكى سەۋەبىدىن دەرسىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىلھام ئەپەندى ئەينى چاغدا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆز پىكىر تەلەپلىرىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«مەيلى قانداق نەتىجىگە ئېرىشىش ياكى بېشىمغا قانداق قىسمەتلەر كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمەن. تەكلىپ پىكىرلىرىمنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا سۇنۇش ئىرادەمدىن يانمايمەن» دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05212015152557.html

Share
1311 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.