logo

trugen jacn

مۇراجەتنامىدىن تۇغۇلغان ھېسلار

 

 

تارھان ئىلتەبىر

 

 

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم ئېغىزدا ئېيتىلغان بىلەن قەغەز يۈزىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنماقتا

 

كۈنىمىزدە قەلەم كۆرىشى ئەلەم كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرت بولۇپ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان تور مۇھىتىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مەشئەل گۇرۇپپىسى ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى پاش قىلىپ ئارقىمۇ ئارقا مۇراجەتنامە چىقىرىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇملارغا شاھىت بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بۇ چاقىرىق «خىتايلار بىزگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟» دەپ شۇئار تولاۋاتقان داۋا ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنماقتا

 

دۇنيا ئىنتېرنېت تېخنىكىسى بىلەن كىچىك يېزىغا ئايلىنىپ قالغان كۈنىمىزدە مەۋھۇم تور دۇنياسىغا يوللانغان ھەر نەرسە بىرەر دەلىل، مەلۇماتقا ئايلىنىدۇ

 

ۋەتەندىكى زۇلۇمغا قارشى مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ قەغەز يۈزىدە شاھىت بولۇشنى رەت قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ

 

كىشىلەر سانلىق مەلۇماتلارغا، يازما دەلىللەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشماسلىق، باشقىلارغا خىتايدىكى زۇلۇمنىڭ ئېيتىلغاندەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەسلىكى، بۇنىڭ پەقەت بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ سەپسەتىسى ئىكەنلىكى، كۆپ سانلىق ئۇيغۇرنىڭمۇ بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەرنى قوللىماسلىق بىلەن ئەمەلىي جاۋاپ بېرىۋاتقانلىقى تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ

 

بۈگۈنكى دۇنيا ئېغىزدىكى سۆزنى ئەمەس، رەسمىيەتكە ئىگە بولغان ھۆججەتنى نەزەرگە ئالىدۇ

بۇ چاقىرىقلارغا قول قويغانلىق ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇمغا شاھىت بولغانلىقتۇر. بۇ شاھىتلىق بىلەن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىغىلى، ۋەتەندە يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، يوللۇق قوغدىنىش، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش كۆرىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورچى قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

 

بەزى قېرىنداشلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامە بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك بولىۋاتىمەن

بەلكىم شۇنداقتۇ، دېگىنىڭىزدەك بىر مەسىلە ھەل بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما نەمرۇت ئىبراھىم ئۈچۈن ياققان گۈلخان ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر تامچە سۇنى ئېلىپ ئاتلانغان چۈمىلە ( ياكى قۇش) ئۇ گۇلخاننىڭ بىر تامچە سۇ بىلەن ئۆچمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن مەيدانىم ئېنىق بولسۇن دەپ يولغا راۋان بولغانىدى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما تارىخ بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىر كۈنلەر كېلىپ بالىڭىز ياكى نەۋرىڭىز ۋەياكى باشقا بىرسى سىزدىن بۇ «ئېغىر كۈندە قاندىشىڭ، ۋەتەندىشىڭ، دىندىشىڭ ئۈچۈن سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا بەرگۈدەك بىر جاۋابىڭىز بولسۇن

 

سەۋەپ بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن

 

ئىمزا قويۇش تور ئادرەسى

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

 

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى

 

Share
1847 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.