logo

trugen jacn

كەنت سېكرېتارى: يېشىل كارت ئەمەلدىن قالىدۇ، ئەمما نازارىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ

ec791b14-76aa-4baa-be35-51b57695373b

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان ئاخباراتى بولغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يېشىل كارتنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر «ئاپتونوم رايون تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە يېشىل كارتنىڭ ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ئاساسەن بىكار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى 1-مايدىن باشلاپ يېشىل كارت ئەمەلدىن قالغان بىلەن نازارەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە قارىتا نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇقتىلىق ئائىلە ئەزالىرى كەنتنىڭ سىرتىغا چىقسا تېلېفونى يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى تەرىپىدىن 24 سائەت تىڭشىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeshil-karta-04182016154818.html

Share
1516 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.