logo

trugen jacn

كېرىيەدىكى 20 – ئاپرىل سۈك ۋەقەسىدە 6 كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى ئەسىر ئېلىنغان

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0428-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شىۋېسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ كېرىيەدە 20 – ئاپرىل كۈنى يۇز بەرگەن سۈك ۋەقەسى ھەققىدە ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان ئىككىنچى قېتىملىق خەۋىرىدە، مەلۇم بىر ئۆيدە مۇداپىئەلىنپ تۇرغان 8 پىدائىينىڭ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانلىقى، ئۇلار مۇداپىيەلىنىپ تۇرغان ئۆينىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بومبىلانغانلىقى ۋە بۇ پارتلاشتا 8 نەپەر پىدائىينىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قايتا ئېنىقلىشى داۋامىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى كىشىنىڭ ئەسىر چۈشكەنلىكى؛ بۇ 8 كىشىدىن بىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ئەمما، ۋەقەنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى، نەق داۋام قىلغان ئورنى قاتارلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرىغا ئاساسەن، كېرىيەنىڭ لەنگەر يېزا سۈك كەنتىدىكى كەنت ۋە مەھەللە باشلىقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە كەنت ۋە مەھەللە باشلىقلىرىغىمۇ تەپسىلىي بىلدۈرۈلمىگەن. دائىرىلەر كەنت باشلىقلىرىغا ۋەقەدە بېلىغا بومبا تاڭغان 5 – 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ۋە بۇ ئۇچۇرنى تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما دائىرىلەر بېلىگە بومبا تاڭغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، قانداق ئەھۋال ئاستىدا بومبىنى پارتلاتقانلىقى، پارتلىغان بومبىدا ساقچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان – ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن، ساقچىلار پەقەت يېزىنى قامال قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تېپىش ۋە تۇتۇشقا ھەركەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كونترول قىلغان.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يېزىلىق پارتكومنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەقەنى ئالدى بىلەن مەزكۇر يېزىدا يەر ھۆددىگە ئالغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۇقتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنى مۇداپىئەلىنىشكە چاقىرغانلىقى ئاشكارىلاندى. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن سۈك كەنتىدە يەر باشقۇرۇۋاتقان زەي جيەنجۈن ئىسىملىك بىر خىتاي ھۆددىگەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان ۋە ئۆزىنى قوغداشنى ئەسكەرتكەن، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇنىڭغىمۇ چولتا مەلۇمات بەرگەن. بۇ خىتاي ھۆددىگەرنىڭ خىتاينىڭ سېكرىتاردىن ئاڭلىشىچە، ۋەقەدە جەمئىي 6 كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى تىرىك قولغا چۈشكەن. سېكرىتار يەنە بۇ كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى ۋە ئارىسىدا بىر نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. زەي جيەنجۈن يەنە، ۋەقە ھەققىدە تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ خەۋەرلەندۈرۈلگەن؛ ئەمما ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت داۋامىدا ياكى پىلان باسقۇچىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەرلەندۈرۈلمىگەن. زەي جيەنجۈن يەنە كوچا خەۋەرلىرىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بىر خېنەنلىك يەر ھۆددگەرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇچۇرغا ئېرىشكەن. ئەمما ھۇجۇمغا ئۇچرىدى دېيىلگەن خېنەنلىكنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن ۋەقەنىڭ سۈك كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئاز دېگەندە 6 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، ئىككى كىشىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ نەق ئورنى، ئەگەر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولسا، ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى يەنىلا سىرلىقلىقىنى ساقلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/keriye-weqe-04282015233613.html

Share
1476 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.