logo

trugen jacn

كۆزەتكۈچىلەر: ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىكى «سايىسىدىن ئۈركۈش» ۋەزىيىتى ئەڭ خەتەرلىك

 

d64cec68-6efc-4f8d-b0bb-cba42a44fae9

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن دەيلي دات ناملىق خەۋەر تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئىنتېرنېت كونترولى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە 5 نەپەر مۇتەخەسسىس پىكىر بايان قىلغان، ئۇلار پىكىرلىرىدە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونترولىغا سەرپ قىلىۋاتقان كۈچىنىڭ ئاممىۋى ئورگانلار ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان كۈچتىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ جەمئىيەتكە سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتى ھەققىدە توختالغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت كونترولى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ، كېسىلىشتىنمۇ بەك، ئىككى جەمئىيەتتە شەكىللىنىۋاتقان «سايىسىدىن ئۈركۈش» ۋەزىيىتى ئەڭ خەتەرلىك. تۆۋەندىكى پروگراممىمىزدا، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەنە شۇ ماقالىدىكى قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «خىتاي ئىنتېرنېت نازارىتىدىكى تىمىسقىلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئۈركۈتۈش ئۇسۇلى»، ماقالە تىبەتلىك ئايال سونام تسانىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش مىسالى بىلەن باشلانغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، سونام تسانىڭ ئۆلۈمى دۇنياغا 6 ھەپتىدىن كېيىن ئاشكارىلانغان. «ئىنتېرنېت دەۋرىدە بۇ قانداقچە يوشۇرۇلدى؟» دېگەن سوئالغا، شەرقى ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى يا چيۇۋاڭ مۇنداق جاۋاب بەرگەن : «خىتاي تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئىش بولغىنىنى دۆلەت ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ بىلىنسە، ئۆزىنىڭ خاتا ۋە خەتەرلىك سىياسىتى ئاشكارىلىنىدۇ.» يا چيۇۋاڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن خىتاينىڭ بىر پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىش يولى بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، زامانىۋى تېخنىكا دۇنيادا كىشىلەرگە ئاسان ئالاقىلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بەردى: «ئادەتتە ژۇرنالىستلار خەۋەرگە يىپ ئۇچى تېپىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان تىۋىتتىر، فېيسبوك، سناپچات، پېرىسچوپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار خىتايدا پۈتۈنلەي تاقاق؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە پايدىلىنىش قىممىتى بار بىر ئۇچۇرنى تېپىش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ.»

ئاپتور تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا، قايسى ئىشنى خەۋەر قىلىپ، قايسىنى قىلماسلىقىنىڭ پەقەتلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەيلىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېتنىڭ 10 ئاي كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ماقالىدە پىكىر بايان قىلغان يا چيۇۋاڭ ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ زىيارەتتىن كېيىن سوراق قىلىنغان، قورقۇتۇلغان، تۇتۇلغان،ھەتتا كېسىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە تىبەت تەرجىمان تاشى ۋاڭچۇكنىڭ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مىسال ئېلىنغان.

ماقالىدە پىكىر بايان قىلغان، تىبەت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك پروگرامما يېتەكچىسى لوبساڭ سىتەر، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەر قېتىم ۋەقە چىققاندا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرى يىغىۋېلىپ بارغانلىقىنى، چېتىشلىق ئائىلىلەرگە ئەھۋالنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ مىسال كۆرسىتىشىچە، تىبەت ئايال سونام ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندا، دوگى ناھىيىسىدە دەل يۇقىرىقى تەدبىر قوللىنىلغان.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىلىق ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى گرەگ ۋولتون، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونترول تەدبىرلىرىنى بىر مەھەل كۆزەتكەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە نۆۋەتتە «خىتاي ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان كۈچىدىن، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشقا نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق كۈچ سەرپ قىلىشقا رازى» ئەمما گرەگ ۋولتوننىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتا ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىۋېلىشى، ھەتتا بۇ جەرياندا كىشىلەرنى تۇتۇپ سولىشىمۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بۇنىڭسىزمۇ تۇتۇپ سولىنىۋاتىدۇ. قورقۇنچلۇقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش جاسارىتىنىڭ يوقۇلۇشى يەنى سايىسىدىن ئۈركۈش پسىخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى.» گرەگ ۋولتون تىبەتلىك ئايال سونامانىڭ ئۆلۈمىنىڭ دۇنياغا 6 ھەپتىگىچە ئاشكارىلانماسلىقىنى، دەل ئەنە شۇ خەتەرلىك پسىخىكىدىن دەپ كۆرسەتكەن. ماقالىدە پىكىر بايان قىلغان فوردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ۋە خىتاي قانۇنى مۇتەخەسسىسى كارل مىنزەرنىڭ كۆرسىتىشىچە «خىتاينىڭ ئىنتېرنېت نازارەت سىستېمىسىدىكى ئالدىن ئېلىش تەدبىرلىرىدىن بىرى جەمئىيەتتە ئۈركۈش يەنى سايىسىدىن ئۈركۈش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاۋازنى ئۇجۇقتۇرۇشتۇر.» كارل مىنزەرنىڭ دېيىشىچە، «ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردە شەكىللەندۈرۈلۈشكە تىرىشىلىۋاتقان بۇ خىل سايىسىدىن ئۈركۈش پسىخىكىسى، خىتاي ئۈچۈن رايوندا ئۇچۇرنى كونترول قىلىشتا ھەرقانداق زامانىۋى تېخنىكا ئۈسكۈنىدىنمۇ مۇھىم.»

يۇقىرىدا مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت كونترولى تەدبىرلىرى ۋە بۇ ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرىنىلىۋاتقان سايىسىدىن ئۈركۈش ۋەزىيىتىنىڭ ئالامەتلىرى بىزنىڭ ئىلگىرى رايوندىن ئىگىلىگەن بەزى خەۋەرلىرىمىزدىنمۇ ئايان بولغان. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، كىشىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىكتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىشتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/sayisidin-urkush-08222016154339.html

Share
743 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.