logo

trugen jacn

قۇربان ۋەلى: تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى

قۇربان ۋەلى

 

«سۇڭ تارىخى» (宋史) نىڭ «ئەسكەر- ياراغ تەپسىراتى» بابىدا قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي سوڭ تارىحتىكى ئۇيعۇر زەمبىرىكى دۆلىتىدە چۈنشىنىڭ 9-يىلى (مىلادى1182- يىلى) چېگرا رايونلاردىكى ۋىلايەتلەردە «خۇي-خۇي زەمبىرىكى» (回回炮) گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەرنىڭ ئەپچىللىك، يىراقتىكى نىشانغا تەگكۈزۈش جەھەتلەردە بۇرۇنقى زەمبىرەكلەردىىن ئېشىپ چۈشتى، دېگەن بىر يېڭى خەۋەر (ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى بىر چوڭ يېڭىلىق) تارقالغان.① (بۇ تارىخىي خاتىرىدىكى «پاۋ» (炮) دېگەن خەت بۇ يەردە كۆيدۈرگۈچ نەرسىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى نو شەكىللىك ئەسىۋاب ئارقىلىق جارى قىلدۇرىدىغان زەربە بەرگۈچ قورال- زەمبىرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. لېكىن شۇ زاماندىن بۇرۇن، بۇ خەت تېۋىپلەرنىڭ دورا ياساش جەريانىدىكى كۆيدۈرۈش، قۇرۇتۇش، قاقلاشتىن ئىبارەت ئىش-ھەركىتىنىلا بىلدۈرەتتى.) ئەينى زاماندا بۇنداق بىر يېڭى ھەربىي قورالنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ «خۇي- خۇي زەمبىرىكى» دەپ ئاتالغانلىقى بۇ كەشپىياتنىڭ ئىگىسىنى ۋە ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسىنى چۈشىنىشكە بىۋاستە ياردەم بېرىدۇ. «خۇي-خۇي» (回回) دېگەن نام مىلادى Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان «مېڭشى بېغىدا پۈتۈلگەن تەپسىرات» (梦溪笔谈) دېگەن كىتابتا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا بۇ نامنىڭ «ئۇيغۇر» (回鹘) دېگەن مەنىدە ئېيتىلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. جۈملىدىن، ئەينى زاماندا يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان بۇ خىل ھەربىي ياراغنىڭ نامى «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» ئىدى

 

فەن ۋېنلەن ئەپەندى يازغان «جوڭگو تارىخى»دا جەنۇبىي سوڭ دەۋرىدىكى قورال- ياراغلار ھەققىدە بېرىلگەن بايانلارغا قارىغاندا②، جەنۇبىي سوڭ دۆلىتىدە، شاۋشىڭنىڭ 2- يىلى (مىلادى1132-يىلى) «ئوت نەيزە» (长竹竿火枪 ياكى火箭) ياسىلىپ چىققان. ئو بولسا قەغەزنى 16 قات چاپلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى گەز ئۇزۇنلۇقتا نو شەكىللىك ئەسۋاب ياساپ، ئۇنى ئۇزۇن نەيزىنىڭ ئۇچىغا باغلاپ، جەڭلەردە ئوي تۇتاشتۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلايدىغان قورال ئىدى. بۇنداق «ئوت نەيزە» دىن چىققان ئوت ئون گەز چاممىسىدىكى دائىرە ئىچىدە زەربە بېرەلەيىتتى. مىلادى 1225-1227-يىللارغا كەلگەندە، بۇنداق «ئوت نەيزە» نىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىدىغان نو شەكىللىك ئەسۋاب بامبۇكتىن ياسىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئىچىگە كومۇلا داشقالمۇ سېلىنىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئون قەدەم يىراقلىقتىكى دۈشمەنگە زەربە بەرگىلى بولىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن «ئوت توپ (火球)»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەسكىرىي قورالمۇ بولۇپ ئۆتكەن. مەسىلەن: مىلادى 1161-يىلى چاڭجىياڭ دەرياسىدا جەنۇبىي سوڭ دۆلىتى بىلەن جىن دۆلىتى ئوتتۇرىىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، جەنۇبىي سوڭ ئەسكەرلىرى گۈڭگۈرت، ھاك قاتارلىقلارنى قەغەزگە ئوراپ، قارشى تەرەپنىڭ كېمىلىرى يېقىنلاشقاندا سۇغا تاشلىغان. ھاك سۇدا ئۈركۈپ، گۈڭگۈرتكە ئوت تۇتىشىپ، «ئوت توپ» سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ پارتىلاپ، ئەتراپنى ئىس-تۈتەك قاپلىغان. لېكىن ئۇنى يىراقتىكى نىشانغا ئاتقىلى بولمايىتتى. مىلادى 1265-، 1274- يىللاردىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى (回回炮) گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئالاھىدە بىر خىل ئەسكىرىي قورال بولۇپ چىقتى.
جىن دۆلىتى بىلەن موڭغۇل دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، جىن دۆلىتى بۇ خىل يىراقتىكى نىشاننى پارتىلىتىدىغان قورالنى ئىشلەتكەن. بۇنداق زەمبىرەكتىن ھەر قېتىم ئېتىلغان ئوق يەر-زېمىننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن. يېرىم مو كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەن. شۇ زامانلاردا، جەنۇبىي سوڭ دۆلىتىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قەلئەلىرىگە يىراقتىن تۇرۇپ ئوق ئاتىدىغان بۇنداق زەمبىرەكلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن. يۇقىرىدىكى تارىخىي بايانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر زەمبىرىكى ۋە ئۇنىڭ رولى، ئۈنۈمى ھەققىدە تېخىمۇ مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ. جۈملىدىن ئەينى زاماندا ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يېڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدىرەتلىك ھەربىي قورال بولۇپ قالغان. يۇقىرىدا نامى ئاتىلىپ ئۆتكەن «جوڭگو تارىخى» نىڭ 491- بېتىدە يەنە موڭغۇل ئەسكەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەر-قەلئەلەرنى ئالغاندا، ئۇ يۇرتلاردىكى ھۈنەرۋەن ئۇستىكارلارغا چېقىلماسلىق توغرىسىدىكى خان تەرەپتىن چۈشۈرۈلگەن يارلىقنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇلارنى زەخمىلەندۈرمەي تۇتۇپ خان ئوردىسىغا تاپشۇرغانلىقى، ئۇستىكارلار ئىچىدە ھەربىي قورال-ياراغ ئۇستىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياسايدىغان ئۇستىلار ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ، مۇئامىلە قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۈيۈەننىڭ 16-يىلى (مىلادى1279-يىلى) ھەممە جايدىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياساشنى بىلىدىغان ئۇستىلارنى تايدۇ (ھازىرقى بېيجىڭ) غا يىغىش توغرىسدا خاندىن يارلىق چۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مىلادى 1040-،1044-يىللاردا يېزىلغان «ئەلەم ھەققىدىكى تەپسىراتلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» (武经总要) دېگەن كىتابتا ئۈچ خىل كۆيدۈرگۈچ دورا رېتسىپى خاتىرلەنگەن.
«جوڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 2- توم 6- بېتىدە بۇ دورا رېتسىپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، بۇ دەۋردە قوللىنىلغان كۆيدۈرگۈچ دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىلەن ئىشقارنىڭ مىقدارى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى رېتسىپلاردىن چوڭ پەرق قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شىمالىي سوڭ دەۋرىدە پارتىلاپ كۆيدۈرىدىغان دورا ياساش ئۇسۇلىدا ئىلگىرلەش بولغان. ئۇ پەقەت پارتىلىتىش، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىش مەقسىتىدىلا قوللىنىلغان. لېكىن بۇ دەۋردە «ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دەك ئۈنۈملۈك قورال تېخى مەيدانغا كەلمىگەن. بۇنداق قورال پەقەت ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەنۇبىي سوڭ دەۋرىدە «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» گە تەقلىد قىلىپ ياسىلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە باشلىغان. يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان «جوڭگو تارىخى» نىڭ 483- بېتىدە، سوڭ دۆلىتى «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» گە تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققان زەمبىرەكلەرنىڭ ئەينى زاماندا ناھايتى ئىلغار قورال بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنداق «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» دىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، قارشى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ شەھەر سېپىللىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا، راۋاقلىرىغا شال پاخىلىدا توقۇلغان توم ئارغامچىلارنى تارتىپ، ئۈستىگە قېلىن لاي سۈركەپ قويغان كۆرۈنۈشلەرنىڭمۇ بارلىقى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. دېمەك، ئەينى زاماندا ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ يىراقتىن چەنلەپ ئېتىش، كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى مىسلىسىز بولغان.
ھازىر بېيجىڭدىكى جوڭگو تارىخى مۇزېيىدا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جژيۈەننىڭ 3- يىلى (مىلادى 1332- يىلى) ياسالغان بىر مىس زەمبىرەك ساقلانماقتا. بۇ زەمبىرەك ھازىرغا قەدەر تېپىلغان قەدىمكى ھەربىي قورال يادىكارلىقلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكتۇر. بىز يۇقىرىدا «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» دېگەن بىر سۆزنىڭ مىلادى 1182- يىلى خەنزۇ تىلىدا پەيدا بولغانلىقى ۋە مىلادى 1279- يىلى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياسىيالايدىغان ئۇستىلارنى يىغىپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. دېمەك، جوڭگو تارىخى مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ⅣⅩ ئەسىردىكى موڭغۇل زەمبىرىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئۇستىكارلارنى يىغىپ كەلگەندىن كېيىن ياسالغان زەمبىرەكلەر ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللار بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلاردا موڭغۇللار زەمبىرەك ئىشلەتمىگەن. شۇ زامانلاردىكى ئۇرۇشلاردا جىن دۆلىتى ۋە جەنۇبىي سوڭ دۆلىتى ئىشلەتكەن زەمبىرەكلەرمۇ دەل «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىەركلەر ئىدى. بۇنداق زەمبىرەكنىڭ نامىمۇ «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» ئىدى.
مىلادى Ⅻ ئەسىردە، جەنۇبىي سوڭ دۆلىتىنى قارشى تەرەپكە يىراقتىن ئوق ئېتىپ، زەربە بېرىشتە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە غالىب ئورۇندا تۇرغۇزغان «ئۇيغۇر زەمبىرىكى»، ئەينى زاماندا ھەربىي ھۈنەر-سەنئەت سانائەت جەھەتتىكى بىر چوڭ كەشپىيات ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ-ئۇيغۇر خەلقى تىكلىگەن، ھەربىي سانائەت تارىخىدىكى بىر چوڭ نامايەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ھەممە كىشىگە ئايان. بىراق، ھازىر ئەينى زاماندىكى «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلىرىدە ۋە قايسى تارمىقى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تېخى تەپسىلى تارىخىي ماتېرىيال يوق. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى پارتىلاپ كۆيدۈرگۈچ دورىلىرىنىڭ رېتسىپ تەركىبى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھۆججەتلىك ماتېرىيال يوق. بۇ سىر بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىغۇسى.
1983-يىل9-ئاي. ئۈرۈمچى
ئىزاھاتلار:
① بۇ تارىخىي خاتىرە «جوڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى» دېگەن خەنزۇچە كىتابنىڭ 2- توم 6- بېتىدىمۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
② 1949- يىل چاڭچۈن نەشىرى، 427-،428-بەتلىرىگە قاراڭ. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1983-يىل 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

http://www.akademiye.org

Share
1700 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.