logo

trugen jacn

سىياسىي پائالىيەتچى كېرەم قارىنىڭ 11 نەپەر تۇغقىنى تۇتقۇن قىلىنغان

97c7e1fd-8d99-4e60-8df8-0f39b744124c

ئارسلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلكەرىم زىياپ كۇچار (كېرەم قارى)نىڭ 11 نەپەر تۇغقىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرى سەۋەبسىزلا 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېرەم قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ھىمىت زىياپ ۋە سىڭلىسى نۇرسەم شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاممىسى خەلچەم ۋە ھاممىسىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ 11 نەپەر ئۇيغۇر بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئاكىسى بىلەن سىڭلىسى 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كېرەم قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇ، ناماز ئوقۇش ۋە چەتئەلدىكى كېرەم قارى بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

كېرەم قارىنىڭ سىڭلىسى ئىسلامى ئۇزۇن كىيىم كەيگەنلىكى ۋە ئىسلامىي كىيىملەرنى سېلىۋېتىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كېرەم قارى تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان. ھازىر قەيەردە، قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kerem-qari-07252015000516.html

Share
1436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.