logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» ھۇجۇمى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن 6 كىشىگە 2.2 مىليون سوم مۇكاپات بەرمەكچى

 

بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنى يوشۇرۇن «تېررورلۇق» ھۇجۇمىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن 6 كىشىگە 2.2 مىليون خىتاي پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ لوپ، باي ۋە باشقا ناھىيەلىرىدىن 6 كىشى خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، «زوراۋانلىق»، «تېررورلۇق» ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ 6 كىشىنىڭ ھەر بىرى ئاز دېگەندە 200 مىڭ سومدىن مۇكاپات ئېلىشقا مۇۋاپپەق بولغان. ئەمما خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى، قاچان، قەيەردە ۋە ئاتالمىش قانداق تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2014‏-يىلى ئۈرۈمچىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن پۇقرالارغا بىر مىليون سومغىچىلىك مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر بەلگىلىمە شۇ يىلى 4‏-ئايدا پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيتىلىپ، ھۇجۇم قىلىش، گۆرۈگە ئېلىش، زەھەرلەش، سۇيىقەست قىلىش قاتارلىق يوشۇرۇن پىلانلارغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭدىن 5 مىليون سومغىچىلىك مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمما، مەزكۇر بەلگىلىمە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئاساسسىز ئۇچۇرلار بىلەن ناھەق قولغا ئېلىنىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/terrorluq-doklat-10102016162440.html

Share
894 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.