logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئادۋوكات «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن سوتلىنىدۇ

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭ 2014‏- يىلى 5‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى پۇ جىچياڭنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭ 2‏- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پۇ جىچياڭنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ دۈشەنبە كۈنى مەھكىمىدە 2 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن سوتلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەت «ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىش، ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ئىكەن.

پۇ جىچياڭنى دۈشەنبە كۈنكى مەھكىمىدە ئاتاقلىق ئىككى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭ بىلەن شاڭ باۋجۈن ئاقلايدۇ. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا بۇ خىل سەزگۈر سىياسىي دېلولارنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە.

ئامېرىكا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، پۇ جىچياڭنىڭ دېلوسى خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن قانۇن ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرانىڭ ناھايىتى مۈجمەللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەيىبنامىدە پۇ جىچياڭنىڭ قايسى مىللەتنى قايسى مىللەتكە قارشى ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى مەجھۇل.

شيا مىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ناھايىتى ئاددىي ئىككى مەسىلە بار. بىرى، ئەگەر سىز مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دېسىڭىز، قايسى مىللەتكە ئۆچمەنلىك قىلدى. ئەيىبنامىدە پۇ جىچياڭ خىتايلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى، دېيىلمىگەن. ئۇ ھالدا پۇ جچياڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا قارشى ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان بولىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ يەردىكى چوڭ مەسىلە مىللىي سىياسەت، چوڭ مىللەت بىلەن كىچىك مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بولۇپ، كىچىك مىللەتلەر زەربە بېرىلىش نىشانى بولىدۇ.
بۇ يەردە پۇ جىچياڭ كىچىك مىللەتلەرگە ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى توسىاپ، ئۇنىڭغا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قالپىقى كىيدۈرگەن بولىدۇ.»

پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، پۇ جىچياڭغا قارىتىلغان ئەيىبنامىدە چوڭ مىللەت بىلەن كىچىك مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۆز ‏- ئارا زىددىيەتلىك قىلىپ قويۇلغان. ئۇ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ پۇ جىچياڭ دېلوسىدا ناھايىتى مەۋقەسىز ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دېدى: « بىرىنچى، بۇنىڭدا چوڭ مىللەت بىلەن كىچىك مىللەتنىڭ قايسىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئىككىنچى مەسىلە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ نورمال تەلەپلىرىنى قوللاش بۇنى تەلەپ قىلىش مەمۇرى توقۇنۇش ياكى سىياسىي توقۇنۇش بولامدۇ ۋە ياكى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بولامدۇ؟
ئەگەر مەن، شىنجاڭلىقلارنى قوللىسام، ئۇ مىللىي مەسىلە بولسا ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بولسا، ئۇ ھالدا شىنجاڭدا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ، خىتايلار ئۆلسە ۋە مەن خىتايلارنى قوللىسام، ئۇ مېنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دېمەمدۇ. شۇڭا، ئۇلار مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دېگەن بۇ ئۇقۇم ناھايىتى مەۋقەسىز قوللانغان.»

پۇ جىچياڭ ئىلگىرى نۇرغۇن سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي دېلولارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان. ئۇ يەنە، 2008‏- يىلى تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو قوزغىغان ئاساسىي قانۇن نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغان شەخسلەرنىڭ بىرى.

ئەمما پۇ جىچياڭنىڭ 20014‏- يىلى 5‏-ئايدا قولغا ئېلىنىشىدا ئۇنىڭ توردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ يازغان پىكرى مۇھىم رول ئوينىدى. پۇ جىچياڭ تورغا يازغان پىكرىدە، « ئەگەر سىز شىنجاڭنى خىتايغا تەۋە دېسىڭىز، ئۇ ھالدا ئۇنىڭغا مۇستەملىكىدەك مۇئامىلە قىلماڭ» دېگەن.

پۇ جىچياڭ توردا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ پىكىر يازغان ئۇ مەزگىل «كۈنمىڭ ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالغان پەيت ئىدى. شۇڭا، پۇ جىچياڭنىڭ پىكرى توردا كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۇ «خائىنلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بىراق ئۇ، توردا بۇ ھۇجۇملارغا رەددىيە بېرىپ، «راستىنى ئېيتسام، ۋەتەنپەرۋەر بولۇۋالغان بىر توپ پەسكەشلەر ماڭا خائىندەك مۇئامىلە قىلدى، ئەمما مەن ئۇنى ھاقارەت ھېسابلىمىدىم» دېگەن.

2014‏- يىلى 1‏-مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ۋوگزالى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 32 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلىگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ پۇ جىچياڭغا قانداق جازا بېرىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئەمما، شاڭخەيلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ شۆجۇڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن بايانىدا، مەھكىمە پۇ جىچياڭغا جىنايەت ئارتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئۇنداق ئېغىر قاماق جازاسى بەرمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، سوتنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ بولسا 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش ئېھتىمالى بار، دېگەن.

بىراق پروفېسسور شيا مىڭ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «سىز ئەدلىيە ساھەسىدىكى چېكىنىشنى مىللەتلەر مەسىلىسىدە كۆرۈپلا قالمايسىز. ئۇ ھەر جەھەتلەردە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، سوت ساقچىسىنى كونترول قىلىش، سوت ساقچىلىرىنى كونترول قىلىپلا قالماي، ئادۋوكاتلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادۋوكاتلار دۆلەت خىزمەتچىسى ئەمەس. ئۇلار دۆلەت ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس. ئادۋوكات پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ئادۋوكاتلارنى كونترول قىلمىساق بولمايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. پۇ جىچياڭنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ كۆپ خىل سەۋەبى بار، ئەمما ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى.»

پۇ جىچياڭنىڭ سوتلىنىشى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماكس باۋكۇس پەيشەنبە كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دۈشمەن، دەپ قارىماسلىقىنى، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى باۋكۇس باياناتىدا يەنە، خىتايدا ئۇنىڭ كېلەچىكىگە دائىر پەرقلىق قاراشلىرىنى تىنچ ئوتتۇرىغا قويغان ئادۋوكاتلار ۋە باشقىلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ئامېرىكىنى داۋاملىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-qanuni-12102015135054.html

Share
1451 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.