logo

trugen jacn

توققۇزاقنىڭ مۇش يېزا ۋە توققۇزاق بازىرىدىمۇ 60 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى دەلىللەندى

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا 86 مەسچىتتىن 57 سىنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بۇ ناھىيەنىڭ باشقا يېزا، بازىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدى، نەتىجىدە «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەندى.

تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇش يېزىسىدىكى 65 مەسچىتتىن 40 نەچچىسى چېقىلغان، توققۇزاق بازىرىدىكى 37 مەسچىتتىن 20 سى چېقىلغان. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق زور بىر ھەرىكەتنىڭ ئاخبارات دۇنياسىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/meschit-cheqish-12122016165511.html

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.