logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىلىرى -1

da2beb2e-bad0-477f-aaf8-a985fcca5a10

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى: «مەن ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلدىم، ئەمما تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە تورلار ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئېغىر يوقىتىش بولدى»

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2014-يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا پەرۋا قىلماي، ئىلھام توختى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى ئاتالمىش «جىنايى پاكىتلار» دەپ ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭغا «بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئىلھام ئەپەندى 2008-يىلدىن تاكى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى تەنقىدلەپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قايتىدىن رەتلەش ئاساسىدا تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىلىرىنىڭ 1-قىسمىنى يەنى «5-ئىيۇلدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى، ماددىي ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى» تېمىسىدىكى ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئەمەلدارلىرىدىن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى قاتارلىقلار ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئارتىپ، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەت ساھىبلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، ئىلھام ئەپەندى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، بېيجىڭدا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

شۇ كۈنكى سۆھبەتنىڭ تېمىسى ئىلھام ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن جەريانىدىكى ئەھۋالى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ، تاقىۋېتىلگەن ۋە ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدە بولدى.

سۆھبەت جەريانىدا، تۇتقۇندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت يەنە قايتا تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ «ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىدى» دېگەن بەتنام ئارتىلىپ تاقىلىشى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى، تور يازارلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى، يەنىلا ئۆيىدە نەزەربەند ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شارائىتىنىڭ يېتىشىچە تۇتقۇن قىلىنغان تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10292015142511.html

Share
1074 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.