logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ تۈركچە كىتاۋى نەشىردىن چىقتى

phpThumb_generated_thumbnail

ئىلھام تۇختىنىڭ مىنىڭ “ يولۇم ۋە غايەم” ناملىق كىتاۋى ئىستانبۇلدىكى “شىرا نەشىرياتى” تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ تۈركىيە مىقىياسىدا بارلىق كىتاپخانىلاردا سەتىلىشقا باشلىدى
كىتاپنىڭ ئالدى ۋە ئارقا مۇقاۋىسىغا ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. ئالدى مۇقاۋىسىدا “تۈرمىدىكى داھى ئىلھام توختى” دەپ چوڭ ھەرپلەر بىلەن يىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا  “ يولۇم ۋە غايەم” دىگەن تىما يىزىلغان. ،” يولۇم ۋە غايەم” دىگەن تىما ئىلھام توختىنىڭ بىر ماقاىسىنىڭ تىمىسىدۇر.بۇ تىما كىتاپقىمۇ تىما قىلىندى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى قۇرغا “ئۇيغۇر تۈركلىرى” دەپ چوڭ ھەرىپلەر بىلەن يىزىلغان ۋە ئاستىغا كىچىك ھەرىپلەر بىلەن “ ۋە خىتاي مەسلىسى” دەپ يىزىلغان
ئارقا مۇقاۋىسىدا ئىلھام توختىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ۋە كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلغان

UYGUR (4)
يولۇم ۋە غايەم ئىسىملىق كىتاپ 304 بەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،ئىلھام توختىنىڭ 11 پارچە ماقالىسى،نۇتقى ۋە 3 پارچە چەتئەل تىلۋىزور،راديولىرى بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن
كىتاپنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىگە ئىلھام توختى، ئاىلە،دوستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئاىت بەزى رەسىملەر قويۇلغان
كىتاپتىكى ئاساسلىق ماقالىلار ۋە سۆھبەتلەر،  ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تىلىدىدا يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسلوبى بىلەن يزىلغان بولۇپ،تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلوپ ئۆلچىمىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۇچ ۋە ماھارەت سەرپ قىلىندى.تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىشتىھاسىنى نەزەردە تۇتۇپ، كىتاپتىكى “شنجاڭ” دىگەن سۆز، مەزمۇن باغلىنىشىغا قاراپ،ئۇيغۇر رايونى” ياكى “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” دەپ ئەلىندى

تۇرمىدىكى داھى ئىلھام توختىنىڭ “يولۇم ۋە غايەم” ماۋزۇسى ئاستىدىكى كىتاۋى،دۇنيادىكى تۈرك ئوقۇرمەنلەر ئاراسىدا جىددى ۋە كەڭ كۈلەمدە ئىنكاس قوزغىشى ۋە ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۇرمىسىدىن قۇيۇۋىتىلىشى ئۈچۈن قوزغاتقۇچى سىگنال بولۇپ قىلىشى مۇمكىن
ئىلھام توختىنىڭ كىتىۋىنى تەرجىمە قىلغان،نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ماددىيى , مەنىۋىي تۆھپە قوشقانلارغا كۆڭۈلدىن رەخمەت ئەيتىمىز

Share
1811 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.