logo

trugen jacn

بۇ ساراي سۇخەنچىلىرى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ لەنەتگەردىلىرىدۇر

5804fc5667f3a74

ئەخمەت مۇھەممەت

بۇ ماقالە 2014.يىلى 6. ئاينىڭ 26.كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار تەكرار ئوقۇپ باقسۇن ئۈچۈن قايتا ئېلان قىلىندى

 

ئۈرۈمچىدە تۈنۈگۈن (25.ئىيۇن) “200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى،شاىر،زىيالىنىڭ ”ئۇيغۇرلارغا ئۇچۇق خېتى“ ناملىق خەۋەرنى “شىنخۇۋا تورى”دىن ئوقۇدۇم.ئۇچۇق خەتنىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.ئۇيغۇرچىسىنى ئىزدىگەن بولساممۇ ھىچقايسى توردىن تاپالمىدىم.خىتايچىدا بولسا شىنخۇۋا ،رىنمىن، دايلىي نىيۇس،چىنا نىيۇس،تەيۋەن-داگۇڭشۇن ،شاڭگاڭ-فىڭخۇاڭ قاتارلىق بېجىڭنىڭ كونتىروللىقىدىكى بارلىق تورلاردا،ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ تور،گىزىتلىرىدە ئىلان قىلىنىپتۇ.خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا تارىختىن بىرى بۇنچىلىك ئەھمىيەت بىرىپ باقمىغان ئىدى.
بۇ ئۇچۇق خەتتە،ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە ۋەتەننىڭ (جۇڭگونىڭ) بىر پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ”ئۇيغۇر تىرورىست“ لارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى،ئىنسانى ئىززەت-نەپسى ئۈچۈن ئۆز جىنىنى پىدا قىلغان شەھىتلەرنى “بىر ئۈچۈم قۇرت- قوڭغۇز“ دەپ ھاقارەت قىلغان.ئۇلارنى “ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى خانى ۋەيران قىلغۇچىلار” دەپ كۆرسەتكەن.مۇجاھىتلارنى “نادان،ئاخماق” دەپ ھاقارەت قىلغان. ئۆزلىرىنى ئاتاقلىق،يازغۇچى،شاىر”دەپ تەرىپلىگەن بۇ كىشىلەر، ئابدۇقادىر دامۇللام،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتۇفۇللا مۇتەللىپ،نىمشېھىت ئارمىيە داموللاملارنى جۇڭگۇنىڭ بىرلىكىنى قوغدۇغۇچى قەھرىمانلار سۈپىتىدە ئۆلگە كۆرسەتكەن. ھالبۇكى،بۇ مۇبارەك زاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خىتا ي جاللاتلىرىنىڭ،ياكى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. جۇڭخۇۋانىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئەمەس،ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى،ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئازاتلىقى،مىللىي مەدىنىيىتىمىزنى جۇڭخۇۋا مەدىنىيىتىنىڭ ئاسلىمىلەسسىيەسىدىن قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.ئۇلارنىڭ غايىسىنى بۇ “ئاتاقلىق يازغۇچى،شاىر”لارمۇ كۆڭلىدە بىلىدۇ،ئەلبەتتە.

خىتاي كومىنىست پارتىيە مەدياسى بۇ “ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى”نىڭ “ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇچۇق خەت”ئىنى چەتئەل تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلماقتا.خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكى ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەس.چۈنكى،بۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغان،ئامما يۈرىكى خىتايچە سوقىدىغان، بوينى مائاش سىرتمىغى بىلەن مەھكەم باغلانغان ساراي ئەدىپلىرىنى مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا بىر-ئىككى قېتىم قاۋاشقا ئەسقىتىدۇ،دەپ بىقىپ كەلگەن.

خىتاي خۇجايىنلىرىنىڭ ئالدىدا بىلى پۈكۈلۈپ،تىلى كالۋالىشىپ سۈكۈت ئىچىدە تازىم قىلىپ تۇرىدىغان بۇ سۇخەنچى ئەدىپلەر،ئۇيغۇر خەلقىگە يازغان ”بىز ئەندى سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز“دەپ باشلانغان خەتىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا گىدىيىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلىشنى ”قەھرىمانلىق“ دەپ بىلسە كىرەك.قەھرىمانلار قۇيرۇغىڭنى كىسىپ ئاغزىڭغا چىشلىتىپ قويغاندا ئاندىن قەھرىمانلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىسەن تېخى.مىنىڭ ئەپسۇسلانغىنىم، ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا جالالىدىن بەھرام، مۇختەر بۇغرا…غا ئوخشاش خەلق ئىچىدە بىر قەدەر ھورمىتى بولغان يازغۇچى، شاىرلارنىڭ قول يازما ئىمزاسىنى كورگەنلىگىم بولدى.

ئۇچۇق خەتكە ئىمزا قويۇش ئىشنى تەشكىللىگۈچىلەر، يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەن مۇناپىقلار سۈپىتىدە يىرىنى ئالىدۇ.بۇ “ئاتاقلىق يازغۇچى،شاىر”لارغا قارىغاندا،ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى كوچا ئىتلىرىنىڭ غۇرۇرى ئارتۇق.ھىچبولمىسا كوچا ئىتلىرىمىز مەھەللىگە يات بىرسى كىلىپ قالسا قاۋايدۇ.ئامما بۇ “ئاتاقلىق”لار مەھەللىگە يامان نىيەت بىلەن كەلگەن يات ئوغرىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ ئىگىسىگە قاۋايدۇ.تېخى ھىچ ئۇيالماستىن “ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش”تىن سۆزلەپ خەلىققە نەسىھەت قىلىپ كتىپتۇ.

ھەي، “ئاتاقلىق”لار! ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى سەن ئۈرۈمچىنىڭ ئىگىز بىنالىرىدىكى سىمىنىت ئۆيىڭدە بىر تامغا بىر پارچە گىلەم، بىر تامغا بىر دۇتتار ئەسىپ قويۇپ،ئالدىڭدا ساڭزا ، ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغاندا “ئاھ،مىللىي مەدىنىيىتىم” دەپ ئاغزىڭدىن شۈلگەي ئېقىتقانلىغىڭ ئۈچۈن ساقلىنىپ قلغىنى يوق.سەنلەر “ئۇچۇق خەت”ىڭدە “نادان،جاھىل” دەپ تەرىپلىگەن، يېزا-قىشلاقلاردايوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان، مەدىنىيەت دىگەن ئۇقۇمنى سەندەك شەرھىلەپ بىرەلمەيدىغان ئۇيغۇر خەلقى، سەنلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىنى ساقلاپ بىرىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ يىمىرىلمەس قورغانى بولۇپ خۇددى تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدەك گىگانىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىستىھكامنى 150 يىلدىن بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئالالماي قاتتىق دەرغەزەپ بولىۋاتىدۇ.دەل مۇشۇ پەيتتە مەدىنىيەتنى قوغداش بىر ياقتا تۇرسۇن،ئابدۇقادىر داموللام،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتۇفۇللا مۇتەللىپ،نىمشېھىت ئارمىيە داموللاملارنى،ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدىن ئىبارەت يالقۇننى ئۈچۈرۈش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ۋاستىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلىرىڭنى تارىخ كەچۈرمەيدۇ،ئۇيغۇر مىللىتى كەچۈرمەيدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ساتقىنلارنىڭ كىتاپلىرىنى سېتىۋالماسلىقى كىرەك.سېتىۋالسا شەھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.بۇ مۇناپىقلارنىڭ ئاللاغا، ئىسلام دىنىغا،مىللىي ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئۆرپە-ئادەتلىرىمىزگە ئىھتىياجى يوق.شۇڭا ئۇلار ئۆلسە جىنازا نامىزىغا بارماسلىق،جىنازا نامىزىنى چۈشۈرمەسلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان پىرىنسىپ مەسىلىسىدۇر.

ئۆزلىرىنى “ئاتاغلىق يازغۇچى،شاىر”دىگۈچى بۇ ۋەتەنساتقۇچ،مىللەتپۇرۇچلار،خىتاي خۇجايىنلىرىغا بىر پارچە ئۇچۇق ياكى يىپىق خەت يىزىپ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەردىنى، ئۇيغۇر خەلقى تارتىۋاتقان ئازاپ – ئۇقۇبەتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنۇپ باقتىمۇ؟ئۇلاردا شۇنداق جاسارەت بارمۇ؟خىتاي ئەسكەرلىرى،ساقچىلىرى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرىۋاتقان،ۋەتەن ئۈچۈن جان ئۈزگەنلەرنىڭ جەسىدىنىڭ ۋەتەن توپراقلىرىنىڭ قايەرگە كۈمۈۋىتىلگەنلىكى بىلىنمىگەن.تۇرمىلاردا ۋەتەن،مىللەت،دىن ئۈچۈن ئىنسان بالىسى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان تەن جازاسىغا ئۈچىراۋاتقان،سىرتتا قالغانلىرىمۇ تاغلاردا،چۆللەردە سۇسىز،ئاچ يۇشۇرنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىۋاتقان قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى،ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر زىيالىسى دەپ ئاتىۋالغان خۇمسىلارنىڭ پاسكىنا ئېغىزلىرىغا ئەلىپ ھاقارەت قىلىشقا نىمە ھەققى بار؟ دىمەك،ئۇلار؛ بىز ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك تىل-ئاھانەت تەككۈزسەكمۇ،ئۇلار  يەنىلا بىزنى قەدىرلەيدۇ،دەپ ئويلايدۇ.

ئۇچۇق خەتتە ؛ئۇيغۇر پىدايىلىرىنى “قەتئى كەچۈرمەيمىز”دىيىلگەن.ئەي،ئۆزلىرىنى “ئاتاقلىق” دەۋالغان بۇرادەرلەر! سىلەر،سىلەر بىلەن ئەمەس،خىتاي ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان،تانكا،پىلىمۇت،ئاپتۇماتقا قارشى پىچاق،كالتەك بىلەن ئۆزلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان،قەھرىمانلىقتا دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى كەچۈرمەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۇلارنى كەچۈرۈپ-كەچۈرمەسلىگىڭلار مۇھىم ئەمەس.ئۇلارنىڭ سىلەرنى كەچۈرۈپ-كەچۈرمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇماتىڭلار بارمۇ؟ بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر يەردە بوغۇزلىنىپ،جەسىدىڭلارنىڭ ئۈستىگە “ ۋەتەنگە قىلغان خىيانەتنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ” دەپ يىزىلغان كونۋىرىت تاشلاپ قويۇلغاندا،بالا-چاقاڭلارنىڭ قانداق تالاغا چىقىپ،خەخنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟

يىل. 2014. 6.ئاينىڭ 26.كۇنى

 

مەنبە
200多维吾尔文人发公开信:永不沉默是我们的责任

Share
2990 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

بۇ ساراي سۇخەنچىلىرى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ لەنەتگەردىلىرىدۇر” için 2 Yorum

  1. admin دېدى:

    imza qoyghanlarning bir qismining ismi; Muxter Bughra,Tursun Abdulla Begyar,Memet Polat,Bughda Abdulla,Perhat ablikim,Qeyyum ablimijit,Polat ablimit,Tilek İbirayim,Dolqun hushur,Abdulla Nijat,Jalalidin Behram,A.Hesen,Ablimit sidiq…

  2. admin دېدى:

    پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ‹‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز›› ناملىق ئوچۇق خەتنى ئالقىشلىدى
    خې جىن