logo

trugen jacn

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا. 17-ئاۋغۇست كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئىشان تارۇر ماقالىسىنى «بېيجىڭ دائىم مۇخبىرلارنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن چېگرالىنىدىغان شىنجاڭ ھەققىدە خەۋەر ئىشلىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ كەلدى. ئۇ يەرگە بېرىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان چەتئەل مۇخبىرلىرى بولسا ئۆزىگە داۋاملىق ھالدا يەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئەگىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى ياكى بولمىسا ئۆزى ئالاقە قىلغان كىشىلەرنى بالاغا تىقىپ قويۇشنىڭ روھىي بېسىمى ئاستىدا قىينىلىپ كەلدى،» دەپ باشلىغان.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل بېسىم سىياسىتىنىڭ ئالاھىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى قاتارلىق بارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە «قەشقەرگە ئوخشاش قەدىمىي شەھەرلەر ئەسلىدە كىشىگە مەدەنىيەت جەھەتتىن شەرقتىكى بېيجىڭنى ئەمەس، بەلكى غەربتىكى كابۇل ياكى باغداتنى ئەسلىتەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالدى. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بولغان قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر ئىمارەتلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئۆرۈپ ۋەيران قىلدى. خىتاي تىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئانا تىللىرىنى چەكلىدى،» دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچلىك پاكىتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، ئەمما خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «ئاپارتىيېد، يەنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈسىنى ئالغان ساقچى دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىشان تارۇر ماقالىسى ئۈچۈن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىز بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ جىددىي تەقەززاسىدىن سۆز ئېچىۋاتىمىز،» دەپ يازىدۇ. ئۇ ماقالىسىنى داۋام قىلىپ «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ ئېغىرلىقى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭكىدىن ئېغىرراق بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا ئوخشاش دىققەتكە سازاۋەر بولالمايۋاتىدۇ. ھەتتا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن ۋە كەشمىر مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلۈپ كېتىدىغان خەلقىمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە جىمىپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا داڭلىق تارىخچى جەيمىس مىلۋاردنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ كۆپ خىل مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىگە خېلى ئىجابىي قارىغان ئىدى. بىراق ئۇلار ھازىر ‹خىتاي› دېگەن ئۇقۇمنى پەقەت خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپلا قايتا شەرھلىمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. . . پەرقلىق مىللەت بولۇشنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر خەتەر دەپ قارىلىۋاتقان بىر شارائىتتا چېن چۈەنگوغا ئوخشاش يەرلىك ئەمەلدارلار بۇنىڭدىن قاتتىق جاسارەتلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىراقلا زەربە بېرىش نىشانى قىلماقتا.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى خىتاينى ئۆز سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر جىددىي ئەھۋال. بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەتلەر تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قولىدىكى ‹ماگنېتسكىي قانۇنى› نى ئىشقا سېلىپ زۇلۇمغا يانتاياق بولۇۋاتقانلارنى جازالىشى كېرەك. ئاندىن قالسا بۇ يىل 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئەھۋالىغا ئۇنىۋېرسال پەسىل خاراكتېرلىك قاراپ چىقىش يىغىنى بولىدۇ. مانا شۇ يىغىندا بۇ مەسىلە كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ خىتاي ئۈستىدە بېسىم ھاسىل قىلىنىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر قىلالايدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش بولسا ئۆز دۆلەتلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى دەرھال قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنى كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇۋېتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/washington-pochitisida-uyghur-mesilisi-08172018205615.html

Share
1776 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.