logo

trugen jacn

ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى 

 

dsc05608

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

 
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىنىڭ نۇرلۇق بىر بۆلۈمىدۇر.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئۆيىدىكى ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئوبرازىدۇر.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى ساھابە كىراملار ھاياتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەر بولۇشتىن بەش يىل بۇرۇن كەبىنى  قايتىدىن ياسىغان يىلى دۇنياغا كەلگەن.
ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئانىسى بولسا، ئەقىل ـ پاراسەت، ئۆتكۈر پىكىر، گۈزەل ئەخلاق، پەزىلەت ۋە شەرەپتە تەڭدىشى يوق ئايال بولۇشى بىلەن بىرگە ناھايىتى باي بولۇپ، جاھىلىيەت دەۋرىدە «تاھىرە» يەنى پاك، ئىپپەتلىك دەپ ئاتالغان ئىدى.
ئۇ ئىنسانلار رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەن، كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى يالغانچى دېگەندە، ئۇ راستچىل دەپ بىلگەن، كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ پۈتۈن مال ـ مۈلكىنى ئۇنىڭ يولىدا پىدا قىلغان ئايالدۇر.
ئۇ نۇر يۈزى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە يېتۈك پىداكارلىقى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئۇلۇغ زاتتۇر.
مانا مۇشۇ ئۇلۇغ ئايال ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى فاتىمە زەھرانىڭ ئانىسىدۇر.
دادىسى بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى، پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ خۋاجىسى، مۇتتەقىلەرنىڭ يولباشچىسى جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
ھەزرىتى فاتىمە زەھرا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كەنجى بالىسىدۇر. ئاتا ـ ئانىلار كەنجى بالىسىنى ھەممىدىن بەك سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك مېھرىبان بولىدۇ.
مانا ھەزرىتى فاتىمە ئاشۇ سۆيگۈ ـ مۇھەببەت ۋە مېھرىبان قۇچاقتا ئۆسۇپ يېتىلگەن قىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەيھانگۈلى ئىدى. ئۇ خۇشال بولسا رەسۇلۇللاھ خۇشال بولاتتى، ئۇ خاپا بولسا رەسۇلۇللاھ خاپا بولاتتى.
لېكىن ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە مۇھەببىتى، سۆيۈملۈك قىزىنى تەربىيىلەپ، ھەر خىل ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، چىداملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە توسالغۇ بولغان ئەمەس.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزرىتى فاتىمە زەھرا ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى يالغۇز قىلاتتى، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايتتى. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يارىلىرىنى ھەزرىتى فاتىمە تاڭغان ئىدى.
ھەزرىتى فاتىمە زەھرا بالاغەتكە يېتىپ، تۇرمۇشقا چىققۇدەك بولغاندا، كۆزلەر ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلۇشقا باشلىدى. تەرەپ ـ تەرەپتىن كىشىلەر ئەلچى بولۇپ كەلدى. ئەلچى بولغانلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارمۇ بار ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدى. گويا ئۇ رەيھانگۈلى ئۈچۈن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەلەپ قىلىشىنى كۈتەتتى.
دەرۋەقە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى فاتىمە زەھرانى تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەلىۋىگە شۇنداق تىز ماقۇل بولدى، ئەلى خۇشاللىقىدىن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىپ سەجدىگە باش قويدى. ئۇ سەجدىدىن باش كۆتۈرۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئىككىڭلارنى مۇبارەك قىلسۇن، ئىككىڭلارنى بەختلىك قىلسۇن ۋە سىلەردىن نۇرغۇنلىغان ياخشى كىشىلەرنى چىقارسۇن» دېدى.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەزرىتى ئەلىگە نىكاھلىنىش مۇراسىمىغا ھەرزىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى تەلھە، ھەزرىتى زۇبەير ۋە ئەنسار ساھابىلاردىنمۇ بىر نەچچە كىشى ھازىر بولدى. مېھمانلار يەرلىرىدە ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق نىكاھ ئوقۇدى: «نېمەتلىرى بىلەن مەدھىيىلەنگۈچى ۋە قۇدرىتى بىلەن ئىبادەت قىلىنغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھغا ھەمدۇ ـ سانالار بولسۇنكى، قۇدا ـ باجىلىقنى قوشۇمچە نەسەب، بولۇشقا تېگىشلىك ئىش، ئادالەتلىك ھۆكۈم ۋە ئەڭ ياخشى جۇغلىغۇچى قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىقنى باغلىدى. ئىنسانلارغا بۇ ئىشنى ۋاجىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: “ ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا- باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر.“ [سۈرە فۇرقان: 54ـ ئايەت]
مەن سىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، فاتىمەنى ئەلىغا نىكاھلاپ بەردىم، فاتىمەنىڭ مەھرى 400 مىسقال كۆمۈش بولدى. ئەگەر بۇلار ئەمەل قىلىنىۋاتقان سۈننەت ۋە پەرز بويىچە بۇنىڭغا رازى بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى بىرلەشتۈرسۇن، ئۇلارنى مۇبارەك قىلسۇن ۋە ئۇلارنىڭ نەسلىنى پاك قىلسۇن. بۇ سۆزۈمنى دېيىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا ئىستىغفار ئېيتىمەن.» رەسۇلۇللاھ نىكاھنى تۈگەتتى. ھەزرىتى فاتىمە زەھرا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كېتىلدى.          ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يېڭى توي قىلىپ كىرگەن ئۆيىدە بار سەرەمجانلار: ئارغامچىدا توقۇلغان بىر كارۋات، ئىچى قوۋزاق بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ياستۇق، بىر تۇلۇم، بىر قاچا، بىر ئەلگەك، بىر لۆڭگە، بىر پىيالە، بىر يارغۇنچاق. ئىككى دانە كوزىدىن ئىبارەت ئىدى.

 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى فاتىمەنىڭ يىراق تۇرۇشىغا چىدىيالماي، ئۇنى يېقىنىغا كۆچۈرۈپ كەلمەكچى بولدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوشنىلىرىدىن ھارىسە ئىبنى نومان كېلىپ: ”يا رەسۇلەللاھ! سىزنىڭ فاتىمەنى يېقىنىڭىزغا ئەكەلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. مېنىڭ ئۆيلىرىم بەنى نەججار ئۆيلىرىنىڭ ئىچىدە سىلىگە يېقىنراق، مەن ئۆزۈمنى ۋە مال مۈلكۈمنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاتىۋەتكەنمەن. يارەسۇلەللاھ! مېلىمنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ قولۇمدا قالغىنىدىن بەكرەك خوش بولىمەن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «راست ئېيتتىڭ، ئاللاھ ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن» دېگەندىن كېيىن، ھەزرىتى فاتىمەنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرىگە كۆچۈرۈپ كەلدى.
ھەزرىتى فاتىمە زەھرا رەسۇلۇللاھقا قوشنا بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ھەر كۈنى ئۇلارغا سالام بېرەتتى. سەپەردىن قايتىپ كەلسە، مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ، ئاندىن چىقىپ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كىرەتتى.
مۇھەممەد ئىبنى قەيس مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن سەپەرگە چىقتى. ھەزرىتى فاتىمە ئۇلار كەلگۈچە ئۆزىگە بىر جۈپ بىلەيزۈك، بىر مونچاق، بىر جۈپ زىرە ياساتقان ۋە ئىشىكىگە پەردە ئاسقان ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتىپ كېلىپ ئادىتى بويىچە ھەزرىتى فاتىمە زەھرانىڭ كىردىيۇ ـ ناھايىتى غەزەپلىك ھالدا قايتىپ چىقتى. ساھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. رەسۇلۇللاھ مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبە سۆزلىدى، خۇتبىدە پەيغەمبەر قىزىنىڭ دۇنياغا بېرىلمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. مانا بۇ چاغدا ھەزرىتى فاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن غەزەپلەنگەنلىكىنى چۈشەندى ۋە دەرھال قولىدىكى بىلەيزۈك، بوينىدىكى مونچاق، قۇلىقىدىكى زىرە، ئىشىكتىكى پەردىنى چىقىرىپ ھەممىنى بىر ئادەمگە بېرىپ: ”بۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ بارغىن، قىزىڭىز سىزگە سالام ئېيتتى ۋە بۇ نەسىلەرنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسۇن دېدى“ دېگىن، دەپ تاپىلىدى. ئۇ كىشى كېلىپ ئەھۋالنى يەتكۈزۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ناھايىتى ياخشى قىپتۇ، دادىسى ئۇنىڭغا پىدا بولسۇن، دۇنيا مۇھەممەد ۋە ئائىلىسىگە لايىق ئەمەس. ئەگەر دۇنيانىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پاشىنىڭ بىر قانىتىچىلىك قەدىرى بولسا ئىدى، كاپىرغا بىر يۇتۇم سۇ بەرمەيتتى» دېدى.
فاتىمە زەھرا ياتلىق بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىلدى. ھەسەن، ھۈسەين دۇنياغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىلىرىنى ناھايىتىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەسەن تۇغۇلغاندا ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭغا ھەرب دەپ، ئىسىم قويغان. رەسۇلۇللاھ كېلىپ قېنى ماڭا بالامنى كۆرسىتىڭلار، ئېتىنى نېمە قويدۇڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇلار «ھەرب» قويدۇق، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن» دېدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىلىرىنى ئەركىلىتەتتى، ئۇلار بىلەن ئوينىشاتتى، ئۇلارنى ئوينىتاتتى. بەزىدە نامازدا ئۇلاردىن بىرى بوينىغا مىنىۋالسا، ئۇلارنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن سەجدىنى ئۇزۇن قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىپ، نەۋرىلىرىنى ئۆزى باقاتتى. ئاتا ـ ئانىسى قاراپ ئولتۇراتتى. ئەنە شۇنداق كېچىلەرنىڭ بىرىدە ھەسەن سۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇلۇمدىن سۇ قۇيۇشىغا، ھۈسەين سۇغا قولىنى ئۇزاتتى. رەسۇلۇللاھ سۇنى ھۈسەينگە بەرمەي ھەسەنگە بەردى. بۇنى كۆرگەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەسەننى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەنسىز، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «ياق، لېكىن سۇنى ھەسەن بۇرۇن تەلەپ قىلغان» دېدى.

ھەزرىتى فاتىمە زەھرا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرسە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ، ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ئەگەر رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى فاتىمەنىڭ يېنىغا كىرسە، فاتىمە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىپ، قولىغا سۆيۈپ ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزاتتى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدا كېسەل ياتقاندا، ھەزرىتى فاتىمە زەھرا يوقلاپ كىردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمە دېۋىدى، ھەزرىتى فاتىمە يىغلاپ كەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنى تارتىپ قۇلىقىغا يەنە بىر نەرسە دېۋىدى، فاتىمە كۈلۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى.
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، فاتىمەدىن رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن يىغلاپ، نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىنى سورىدىم. فاتىمە جاۋاب بېرىپ: رەسۇلۇللاھ باشتا قۇلۇقۇمغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى شۇنىڭغا يىغلىدىم. ئاندىن ئائىلىسى ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەڭ بۇرۇن قوشۇلىدىغان كىشىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋىدى، كۈلدۈم“ دېدى.“
ھەزرىتى فاتىمە زەھرا رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى. بەزى رىۋايەتتە 6 ئاي كېيىن، يەنە بەزى رىۋايەتتە ئۈچ ئاي كېيىن ۋاپات بولدى دېيىلىدۇ.
ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھىجرىيىنىڭ 11 يىلى رامىزان ئېيىدا، دادىسىغا قوشۇلىدىغانلىقىغا خۇشال بولۇپ، روھىنى ئاللاھغا تاپشۇردى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئەسما بىنتى ئۇمەيس مۇنداق دەيدۇ: ”فاتىمە نەپەس ئۈزۈش ئالدىدا ناھايىتى ياخشى يۇيۇنۇپ، پاكلاندى. ئاندىن ماڭا يېڭى كىيىمىمنى ئەكىلىپ بېرىڭ دېدى. مەن كىيىمىنى ئەكىلىپ بەردىم. ئۇ كىيىمنى كەيگەندىن كېيىن: ”مەن غۇسلى قىلىپ يۇيۇندۇم، ھېچكىم مېنى يۇيىمەن دەپ بەدىنىمنى ئاچمىسۇن. مۇشۇ كىيىمىم مېنىڭ كېپىنىمدۇر“ دېدى.
ئاندىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى. ئۇ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەبەسسۇم قىلغان ئەمەس ئىدى، پەقەت جان ئۈزۈش ئالدىدا تەبەسسۇم قىلدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەيھان گۈلى، جەننەت ئاياللىرىنىڭ خوجىسى ھەزرىتى فاتىمە زەھرا رەزىيەللاھۇ ئەنھا :ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە رامىزاندا كۆچكەن ئىدى، جەننەتكىمۇ رامىزاندا كۆچتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ئامىين.
 

ئەسكەرتىش: مۇسۇلمان كۇتۇلداش ۋە ياكى مەمەدانلىق بىلەن ئىسلامغا خىزمەت قىلمايدۇ. ئىسلامغا ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىش ئازابلىق ھەم شەرەپلىك بولىدۇ. بۇ ئازابلىق راھەتنى« ئىسلامىيەتنى ئۆزىنىڭ پۇل تېپىشى ۋە ياكى يۈز ئابرۇي تېپىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلار ، ئوقۇغانلار ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايدۇ». ئىنشائاللاھ جەننەت ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ قولىدىن كېلىشچە خىزمەت قىلغانلارغا تەئەللۇقتۇر.

Share
1415 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.