logo

trugen jacn

ھەزرىتى ئۆمەر ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەگە تىرىكچىلىك ئۈچۈن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداشقا تىرىشماقتا، ئېشىنغان پۇللىرىنى ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىغا ئەۋەتمەكتە. بۇلاردىن بىرى، ئەنقەرەدىكى ئۈرۈمچى ئاشخانىسىدا ئاشپەزلىك قىلىۋاتقان ھەزرىتى ئۆمەر ئەپەندىدۇر. ئۇ، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقشام ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن تېخىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئەنقەرەدىكى دوستى ئابدۇۋېلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كېيىنكى يىللاردا جان بېقىش، ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىپ كېلىۋاتاتتى. بىر-ئىككى ئايدىن بېرى يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋېتىپتۇ. دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىسقا مەلۇمات بەردى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئەنقەرە ئۈرۈمچى ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن ھەزرىتى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز مەزكۇر خەۋەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئايرودرومى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ساقچى، بىز ئۇنداق بىر ئادەمنى تۇتمىدۇق دەپ تېلېفوننى يۈزىمىزگە ئېتىۋەتتى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن ئاقشام ئون بىرگىچە ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمىغان بىر ئاشپەز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان خىتايلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. ئەمما، يۇرتىغا قايتقان خىتايلار تەكشۈرۈلمەي، ئۇيغۇرلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن، ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى بۇنىڭ بىر ئىرقىي كەمسىتىش، خالىغانچە كىشىلەرنى قىيناش، ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېسىم ئىشلىتىپ،« بالاڭ قايتىپ كەلمىسە سولاپ قويىمىز » دەپ تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىن قايتقانلارنى سولاپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھەر كۈن ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى، خىتاينىڭ چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنى چوقۇم بىر ئىشقا ئارىلاشتى دەپ ھۆكۈم قىلىۋېلىپ ئاندىن تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشىنىڭمۇ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەرزىتى ئۆمەر ئەپەندى قەشقەر ئاتۇشتىن كەلگەن، ئىككى پەرزەنتى بار، 35 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hezriti-omer-03232017163029.html

Share
2500 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.