logo

trugen jacn

چەتئەل ئاخباراتى، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان يېڭى نوپۇس تۈزۈمى خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىش، دېدى

 

خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 6 ئاي ئاۋۋال نۇقتىلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىپ چىقارغان يېڭى نوپۇس تۈزۈمى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېڭى نوپۇس تۈزۈمى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق جەنۇبتىكى رايونلاردا يېڭى خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنى پەيدا قىلىشنى كۆزلەپ چىقىرىلغانىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 6 ئاي ئاۋۋال بەلگىلىمە چىقىرىپ، ھەر قانداق كىشى ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىپ ئۈرۈمچى ۋە قارىمايدىن باشقا رايونلارغا بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشسا، دەرھال نوپۇس بېرىشنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مائارىپ ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جەيمىس لەيبولد نوپۇس تۈزۈمى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنداق ئېيتىلمىسىمۇ، بىراق نوپۇس ئىسلاھاتى خەنزۇ كۆچمەنلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە قارىتىلغان» دېگەن.

لېكىن جەيمىس لەيبولد، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا بەزى توسقۇنلۇقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشە ۋە ناچار سودا شارائىتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئامىللاركەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-kochmen-05082015170727.html

Share
1369 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.