logo

trugen jacn

پاكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە بىر دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتتى

 

pakistan-cin

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىستان دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتىنى پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن. ئەمما پاكىستاننىڭ دىنىي ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ياكى چەكلەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن.

دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى سەيشەنبە كۈنى يولغا چىققان بولۇپ، ئۈمەك پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسلامى تەتقىقات ئىشلار باش دىرېكتورى نۇرۇل ئىسلام شاھ، پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ جامە- پادىشاھ فايسال مەسچىتىنىڭ باش خاتىپى زىيا ئۇر راخماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوپۇزلۇق شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان.

«ئەخپرەسس ترىبۇنە» ناملىق پاكىستان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا 4 كۈن تۇرۇپ، خىتاينىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن- چەكلىمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالى» نى ئېنىقلايدىكەن.

خىتاينىڭ چەتئەل دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما بۇ د ئۇ ق ۋە پاكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرمىدى.

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۆمەر خان ئەپەندى، پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قانداق خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقى «بىزگە مەلۇم» دېدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ھەرگىز خىتاينىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ خۇلاسە چىقارمايدىكەن.

ئۆمەر خان : «پاكىستاننىڭ ھۆكۈمىتى بېكارچى ھۆكۈمەت. بىر ياردىمى يوق بىزگە، بولمايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ، خىتاي نېمە دېسە شۇنى قىلىدۇ. بىز پاكىستان ياخشى ئىش قىلىدۇ، بىز ئۇيغۇرلارغا ياخشى ئىش قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلمايمىز. بىز ئىشەنمەيمىز ماۋۇ دىن مىنىستىرىغا، ئۇ يالغان گەپ قىلىدۇ. خىتاي نېمە دېسە، پاكىستان مىنىستىرى شۇنى قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاغزىدا بىر گەپ قىلالمايدۇ. بىز بىلىمىز خىتاي نېمە گەپ قىلسا، ماۋۇ موللاملار شۇنى قىلىدۇ. ماۋۇ پاكىستان، دىن بولسۇن، سىياسەت بولسۇن، خىتاي نېمە دېسە بىز )پاكىستان( شۇنى قىلىمىز، گەپ شۇ.» دېدى.

ئۆمەر خان يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي چەكلىمىلەرنى شىكايەت قىلىپ، پاكىستاندىكى ئىسلامى جامائەتلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما ھېچكىم گېپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەرخان: «خىتاي ھازىر پاكىستانغا بىز يېقىن دوست، دەپ، پۇل بېرىۋاتىدۇ، ياردەم قىلىۋاتىدۇ. پاكىستان ۋە مىنىستىرلىقىغا پۇل لازىم ھازىر، پۇل بەرسىلا خوش بولىدۇ. بىز جىق يول ماڭدۇق. بۇ ماۋۇ ئەمەس، بىز پاكىستاندىكى چوڭ-چوڭ موللىلارغا بېرىپ گەپ قىلدۇق. موئىللا چود رومان دېگەن مىنىستىرغا بېرىپ، بىزنىڭ ۋەتەندە مۇنداق زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، دېسەم، ياق، گەپ قىلالمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى بۇلار بىزگە» دەپ تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىلتىماسلارغا جاۋاب بەرمىگەن.

د ئۇ ق، خىتاينىڭ پاكىستاننى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىشى «ياخشى ھادىسە» دەپ كۆرسىتىپ، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى «ئەپسۇسلىنارلىق بىر رېئاللىق» دېدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «پاكىستان گەرچە مۇسۇلمان بىر مەملىكەت. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ مۇسۇلمان ھەم قوشنا. بىزنىڭ تارىختا ناھايىتى كۆپ ئېلىپ-بېرىشىمىز بولغان. ئەسلىدە پاكىستان خەلقى ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغان، ياخشى بىر قوشنا بولۇشى كېرەك ئىدى.

ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا، پاكىستاننىڭ خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىدىغان، تامامەن خىتاينىڭ ش ت دىكى باستۇرۇشىغا نىسبەتەن قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى بۇ بىر رېئاللىق. ب د ت يىغىنلىرىدا ۋە باشقا خەلقئارا پائالىيەتلەردە بۇنىڭغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.»

دولقۇن ئەيسا، بۇ ئەھۋالدا «پاكىستان تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قانچىلىك تەرەپسىز ئىكەنلىكىگە زور سوئال ئىشارىتى قويۇلدى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي باستۇرۇشىنى ئاقلاش ئۈچۈن پاكىستاننى قوللانغان.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ئېغىزىدىن دۇنياغا ۋاي، بۇ يەردە دىنىي ئەركىنلىك باركەن، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي بېسىم قىلمايۋېتىپتۇ، دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زۇلۇمىنى ئاقلىماقچى.
چۈنكى، (دۇنيا) خىتاينىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدۇ. پاكىستان مۇنداق دەپتۇ، دەپ باشقا بىر دۆلەتنىڭ خۇددى تەرەپسىز ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بۇنى ئېلان قىلسا، دۇنيادا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. چۈنكى، يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ بولۇپمۇ رامزان ۋاقىتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان دىنىي بېسىمى ناھايىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ئاشكارا ھادىسە. بۇنداق شارائىتنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئۆزىنى بۇ بېسىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پاكىستاندەك بىر دۆلەتنى قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق دەپ قارايمەن.»

لېكىن پاكىستان ئاخباراتى ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قايسى رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئەمما بىر پاكىستان ئەمەلدارى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خەلق ئاممىسى ۋە مەسچىتلەردىكى دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مېنى قىلىپ، رېستوران، ئاشخانىلارنىڭ كۈندۈزى تىجارەتنى توختىتىشىنى چەكلىگەن.

بۇ يىل رامىزاننىڭ ھارپىسىدا، بورتالا ئوبلاستىدىكى بىر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنى «رامىزاندا روزا تۇتۇشقا، كېچىسى ساھورغا قوپۇشقا ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-ramizan-06292016141339.html

Share
1473 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.