logo

trugen jacn

پائالىيەتچى خامىت كۆكتۈرۈك: خىتاي ئاستانە شەھەر يەكەننى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈشكە كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان

image

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت 14 ناھىيىنى بىكار قىلىپ، بەزىلىرىنى شەھەر قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش، بەزىلىرىنى كىچىكلىتىپ ۋىلايەت مەركىزىگە قوشۇۋېتىش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. يەكەندە تۇغۇلۇپ، بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي يۇرت يەكەننى نېمە ئۈچۈن 1955 – يىلى ناھىيە دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ ئىدارە قىلغانلىقى، ۋە بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن قايتىدىن شەھەر قىلىپ قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

18 – ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان بىر قىسىم ناھىيىلەر تىزىملىكىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق بىر قىسىم ناھىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرىنى شەھەر قىلىپ كېڭەيتىش، يەنە بەزىلىرىنى ۋىلايەت مەركىزىگە قوشۇۋېتىش پىلانى ئاشكارىلاندى.

تىزىملىكتە تىلغا ئېلىنغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى قەدىمىي تارىخىي يۇرتلاردىن يەكەن ۋە كۇچارنىڭ كېڭەيتىلىپ شەھەر قىلىپ قۇرۇش پىلانى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. تۈركىيەدە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندىنىڭ ئەسلى يۇرتى يەكەن بولۇپ، ئۇ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىدە 20 – ئاۋغۇست بېرىلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يەر جاي – ناملىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى ھەققىدىكى پروگراممىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئانا يۇرتى يەكەننى شەھەر قىلىپ قۇرۇش پىلانى ئىلگىرى يەكەندە ياشاپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەدىمىي يۇرت يەكەن 1514 – يىلى قۇرۇلۇپ 1678 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ، يەر ۋە سۇ بايلىقىنىڭ موللىقى، ئاھالىسىنىڭ كۆپ ۋە باياشاتلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، «32 مىڭ يەكەن 16 مىڭ قەشقەر» دېگەن تەمسىل تارقىلىپ، قەدىمىي پايتەخت يەكەننى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى قەشقەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان.

ئانا يۇرتى يەكەنگە ئوتلۇق مۇھەببىتى بولغىنى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ تارىخى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگىنىنى بىلدۈرگەن خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى، قەدىمىي يۇرت يەكەننىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەنگە قاراتقان سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

خامىت ئەپەندى بايانىدا، يەكەننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋىلايەت دەرىجىلىك چوڭ ۋە باي يۇرت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى، خىتاينىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدىن كېيىن، يەكەندە ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، مىللىي ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ تاكى 1955 – يىلغىچە يەكەنگە ۋالىي بولۇپ تۇرغانلىقىنى، 1955 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى بولغان، مانجۇ ئىستېلاسى ۋە كېيىنكى خىتاينىڭ مىنگو دەۋرىدە كۆپ قېتىم قارشىلىق قوزغىلاڭلىرى يۈز بەرگەن، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىلىدىكى ئىنقىلابچىلارغا يېقىندىن ماسلاشقان يەكەن ۋە كۇچارنى 1955 – يىلى 10 – ئايدا ناھىيە دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى سۇندۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خامىت ئەپەندى يەنە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان دائىرىلەرنىڭ يېڭى پىلانىدىكى يەكەن ناھىيىسىنى شەھەر قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە ئىسمىنى زەرەپشان دەپ ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە خەلقئارادا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدىغان يەكەن شەھىرىدە تېخى بۇلتۇرلا يەنى 2014 – يىلى7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئىلىشقۇ – خاڭدى يېزىلىرى قوزغىلىڭى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى زادى توختىمايدىغان تارىخىي يۇرت يەكەننى تېخىمۇ قاتتىق ئىدارە قىلىش، سۈيى ئەلۋەك، يېرى كەڭ يەكەنگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش، يەكەننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى بۇ يۇرت ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىق سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن يەكەننى شەھەر قىلىپ قۇرۇش ۋە شەھەرنىڭ ئىسمىنى پارىسچە «ئالتۇندەك مۇنبەت زېمىن» مەنىسىدىكى «زەرەپشان» غا ئۆزگەرتىشنى پىلان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/yeken-tarix-08212015232221.html

Share
1529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.