logo

trugen jacn

پائالىيەتچىلەر: غازاتچىلارنىڭ جىھادقا چاقىرىش نىشانىنى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقانلىقى مۇبالىغە

60f431e3-9125-4626-9d6b-5f3ce9da5796

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گۇاڭجۇدىكى خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ئۆتكەن يىلى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى رادىكال دىنىي گۇرۇھنىڭ تەسىرى ۋە ياردىمىدە غازات قىلىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كەتتى، دەپ قارايدىكەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا غازاتچىلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش نىشانى بولۇپ قالدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، «جەنۇبىي جۇڭگو پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا غازاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى گۇمانلىق پىكىر. ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بۇ پىكىرنى دەلىللەيدىغان، ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مۇبالىغىمۇ قىلىدۇ، خىتاي، راستمۇ سۆزلەيدۇ، يالغانمۇ سۆزلەيدۇ. بۇ يەردە ھېچكىم بىلمەيدۇ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى. چۈنكى، تەرەپسىز ئورگانلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ، خەۋەر قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. خوڭكوڭدىكى گېزىتلەر بولسۇن، ھەممىسى خىتاينىڭ بەرگەن مەلۇماتىنى ئاساس قىلىدۇ. خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەر گۇمانلىق. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قايسى راست، قايسى يالغانلىقىغا ھېچكىم سوئال قويمايدۇ. دېمەك، بۇ نۇقتىدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ھېچقايسىسى تارازىغا توختىمايدۇ. دەل پاكىت ۋە تەپسىلاتلىرىنى بەرمىگەن خەۋەرنى قانداق ئىشەنچلىك، دەپ قارىغىلى بولىدۇ. ئەگەردە مەسىلەن، خىتاي شۇنداق دۆلەت بولۇپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسا، غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئاشۇ يەرگە بېرىپ، خەۋەر قىلىشىغا يول قويغان بولسا، ئىللا-بىللا ماقۇل دەيتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇنداق ئەمەس. ھەممىسى شۇ خىتاي بەرگەن مەلۇماتلار. ئەلۋەتتە، ئاۋۋال ئۇنىڭغا سوئال بەلگىسى قويۇش كېرەك.»

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 27‏-مارت سانىدىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل غازاتچىلىرىغا قوشۇلغانلىقىغا دائىر بۇ خەۋەرنى خىتاينىڭ بىرقانچە ئۇچۇر مەنبەسى تەمىنلىگەن. بىراق خەۋەردە، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى خەۋەر مەنبەسىنىڭ سالاھىيىتى، چەتئەل غازاتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىق تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2014-يىلى ئۆزىنى ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس، دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەن خۇانەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان. مەزكۇر گېزىتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى مەنبەلەر، بۇ كىشىنى خەلقئارا رادىكال دىنىي گۇرۇھنىڭ ئەزاسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى مەنبەلەر «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»گە بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ كىشىنىڭ بىرقانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ھەم مالايشىياغا يولغا سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ يەنە، «مالايشىيا ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بېكىتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بېكىتى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەمۇ، بۇنىسى نامەلۇم؟» دېگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، گۇاڭجۇدىكى خۇانەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سورىدۇق، بىراق بۇ مەكتەپنىڭ نۆۋەتچى ئامانلىق خادىمى ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، بۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئامانلىقنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرەر ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە يەنە، بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خۇانەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ئەھۋال تەنھا ھادىسە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شۇ مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن بايانىدا، «ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش تورى بېيجىڭ، شىئەن ۋە شۇنداقلا گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە تارالدى» دېگەن.

بىراق، ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى مەقسەتلىك مۇبالىغىلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا مۇنداق دېدى: «شۇ قېرىنداشلىرىمىز، شۇ ئىنسانلىرىمىز نورمال ياشىيالايتتى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىغان بولسا، قانۇنىي جەھەتتىن، ئىجتىمائىي، جەمئىيەت، ئىقتىسادى جەھەتلەردىن ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشكەن بولسا، شۇ ياشلار بەلكىم ئۇنداق قىلماس بولغىيتتى. ئەجەبا خىتاي بۇ ۋەقەلەرنى مۇبالىغە قىلىپ، بېسىمدىن قۇتۇلۇپ، چەتئەلگە چىقىپ نورمال ياشاش، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چىققان بۇ مۇساپىرلارنى سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىگە ماڭغان مۇجاھىدلار، جىھادچىلار، دەپ تەرىپلىدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوئاللار قويۇلىدۇ. چۈنكى، خىتاي ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئارا ئالدىدا تىل قىسىلماي، بۇلار جىھادچىلار، بۇلار تېررورچىلار، دېگەن تەشۋىقاتىغا مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات.

چۈنكى، بۇ بىر قېتىملا بولمىدى، ئۆتكەن يىلىمۇ بىر قېتىم مۇشۇ ‹ئىسلام دۆلىتى تېلېفون قىلدى، قىز ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بىزگە خوتۇن بولسۇن› دېگەن گەپلەرنى قىلدى. بۇ ئاخباراتچىلىققىمۇ، ئەقىلغىمۇ سىغمايدۇ. بۇ خىتاي تور ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىندى، بىر يىلنىڭ ئالدىدا، ئىسلام دۆلىتى يېڭى پەيدا بولغان ۋاقىتلاردا. مەقسەت ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش، داۋالىرىنى بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ خەلقئارا ئىسلام جىھادلىرىغا باغلاپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاۋازىنى بېسىقتۇرماقچى. مەقسەت مۇشۇ، باشقا نەرسە ئەمەس.»

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە يەنە، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغاپ، گۇاڭجۇدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا چەتئەللىكلەرگە يېقىنلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/jihat-oqughuchi-03302015152826.html

Share
1709 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.