logo

trugen jacn

يەكەن ساقچى ئىدارىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن 127 ئۇيغۇرنى تۇتۇش تىزىملىكىنى چىقارغان

8254d907-5e75-4be7-abfb-7b95b234eeb3

2015-u0605-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن يىلى 7 – ئاينىڭ ئاخىرى يەكەندە زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن يەكەن خەلقى ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە قانداق سورۇقچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟

خىتاي يازارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەكەننى زىيارەت قىلىپ يازغان يازمىلىرى بۇ قىيىن تېمىنىڭ قىسمەن ئىچ يۈزىنى چۈشىنىشتە بەزى يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئالدىنقى كۈنىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەكەن ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان بىر قارا تىزىملىك كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

«يەكەن ناھىيەسىدە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق – تېررورلۇققا چېتىلىپ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلار تىزىملىكى» دەپ نام قويۇلغان بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي دوكتورى لى شۆ تەرىپىدىن يەكەننىڭ كاچوڭ يېزىسىدىن رەسىمگە تارتىپ ئېلىنغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قويۇلغان «2015 – يىلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» ناملىق يازمىسىدا مەزكۇر قارا تىزىملىكنى بىرىنچى قېتىم ئاشكارا قىلغان.

مەزكۇر قارا تىزىملىككە 127 ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى، ئىسىم – فامىلىسى ۋە كىملىك نومۇرى چاپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 13 نەپىرى ئايال. بۇ قارا تىزىملىك يەكەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرگە چاپلانغان ھەمدە كەنت سېكرېتارلىرىنىڭ ئادەم تەشكىللەپ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئاختۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي يازارى لى شۆ ئۆز يازمىسىدا ئۆتكەن يىلى ۋەقە يۈز بەرگەن يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاندى يېزىلىرى تەۋەسىدىكى بازارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پۈتۈن بازاردا پەقەت بىرلا خەنزۇنى كۆردۈم. ئۇ كىيىم – كېچەك ساتىدىغان سىچۈەنلىك كىشى ئىكەن. بۇ كىشى مەن شۇ كۈنى يەكەن شەھەر ئىچىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان يېزا تەۋەسىدە كۆرگەن بىردىن بىر خەنزۇ. ئۇ ماڭا ئۆتكەن يىلى 7 – ئايدا يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ يەردە تىجارەت قىلىدىغان ھەممە خەنزۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا كۈزدە پاختا تېرىشكە كېلىدىغانلارنىڭمۇ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.»

ئۇ يازمىسىدا يەنە مۇنۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «يەكەن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن خەلق ئارىسىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يەكەندىكى بەزى خەنزۇلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن خەنزۇلار 100 دىن ئاشىدىكەن، ئەمما ئارمىيە تەرەپتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە ھەسسە كۆپكەن، ئىككى يېزىنىڭ ئاھالىلىرى، ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك دېمەي ھەممىسى قىرىپ تاشلىنىپتۇ… ھەتتا ئايروپىلان ۋە زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى توغرىلىق خەنزۇ ئاھالىلىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ زور پەرقلەر مەۋجۇت. خەلق ئارىسىدا بۇ خىلدىكى تۈرلۈك قىياسلار ۋە گەپ – سۆزلەرنىڭ تارقىلىشى، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ھۆكۈمەتنىڭ يەكەن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ھازىرغىچە رەسمىي ئېلان قىلمىغانلىقىدىن بولغان.»

2014 – يىلى 10 – ۋە 11 – ئايلاردا يەكەندە تىجارەت ئىشى بىلەن تۇرغان، كۆپ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر شاھىتنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىمۇ يۇقىرىقى بايانلارنى تەستىقلايدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yeken-saqchi-idarisi-06052015235226.html

Share
1337 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.