logo

trugen jacn

يەرلىك پۇقرالار «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ 2 يىللىق خاتىرىسىدە ئىلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى

9eb6d2b6-1b1a-4353-bacc-35225021714e

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال دەل بۈگۈن يەنى 28‏-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا قانلىق توقۇنۇش پارتلاپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تىك ئۇچار، ئادەمسىز ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرغان.

ۋەقەگە كونكرېت قانداق ئامىل سەۋەب بولغانلىقى تولۇق ئاشكارىلانمىدى. ئەمما ۋەقەنىڭ دەل رامزاننىڭ 1‏-كۈنى يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى، دەپ جاكارلىغان. د ئۇ ق بولسا خىتاينىڭ ئېغىر قوراللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىلىشقۇ، خاڭدى خەلقىنىڭ قانۇنلۇق نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 98 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 59 نەپىرى ئىسيانچى، 37 نەپىرىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما د ئۇ ق نىڭ قارىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 دەك پۇقرا ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، ئېلىشقۇنىڭ بەزى كەنتلىرىدە ئادەم قالمىغان.

ئۇنداقتا، ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى ئىلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ بىز يەرلىك ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ سوئاللارنى سورىدۇق.

خاڭدى‏، ئېلىشقۇ يېزىلىرى يەكەن ناھىيەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ يېزا، بازارلار بولۇپ، «28‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇنقى ئىلىشقۇ ۋە خاڭدىدا ئىشسىزلىق، مۇھىت، سۇ يېتىشمەسلىك، ھاشار، قاتتىق سىياسىي كونتروللۇق ۋە دىنىي بېسىم، پۇقرالار داۋالىنالماسلىق، كەسكىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىق ئامىللار خەلقىنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر ئەھۋال ئىدى.

ئەمىسە، خاڭدى ۋە ئېلىشقۇنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئىلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدىكى ساقچى ۋە پۇقرالارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئىگىلىدۇق.

پۇقرالار 28‏-ئىيۇل «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» ۋە سىياسىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى بەك خالىمىدى. پەقەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ «نورمال» كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئالدى بىلەن خاڭدى يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، خاڭدىنىڭ بۈگۈنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى سورىساق، ساقچى پونكىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، سوئالىمىزغا ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ساقچى خادىمى: «سوجاڭغا تېلېفون قىلىڭلار. سوجاڭنىڭ ئىسمى ئابلىمىت تۇرغۇن، ئا سوجاڭ» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز، خاڭدى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى «ئا سوجاڭ» غا تېلېفون قىلساق، ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ساقچى باشلىقى: «مەن شۇ ئا سوجاڭ، ئوبدان تۇردىڭىز. ماڭا تېلېفون قىلماي سىز، بىزنىڭ ئاۋۇ ئىدارىگە تېلېفون قىلىڭ جۇمۇ! خاپا بولماي، ئاشۇ بىزنىڭكى ناھىيەلىك ئىدارىگە تېلېفون قىلىپ، باشلىقلار بار، شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ. يەرلىكنىڭ ئەھۋالى(نى دەپ بېرەلمەيمەن. سىز ئىدارىگە تېلېفون قىلىڭ، خاپا بولماڭ. ياق، مەندىن ئۇ گەپنى سورىماڭ سىز، تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.» دېدى.

بىز يەنە، يەرلىك پۇقرالارغا تېلېفون قىلىپ، ئىلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ پۇقرالارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى سورىدۇق. بىر سودا خادىمى «ھەممە نەرسە نورمال كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

سودا خادىمى:نورمال، نورمال. بازارمۇ، تىجارەتمۇ نورمال كېتىۋاتىدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنە كىملىكنى تىزىملاپ ماي جالاۋاتىمىز. ماي قاچىلاش ماشىنىسىغا كىملىكنى تىزىملايدىغان ئاپپارات ئورناتقان ھازىر، قانداق ئادەم بولسا كىملىكنى سىيرىپ ماي ئالىدۇ. ساقچى بولسىمۇ ئوخشاش، كىملىكنى سىيرىمىسا ماي چىقمايدۇ. ئۇيغۇر، خەنزۇ ھەممىسىگە ئوخشاش.

مۇخبىر: سودىڭىزچۇ؟ بۇرۇنقىغا قارىغاندا قانداقراق؟ يەنى ماۋۇ 28‏-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن بىرئاز بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەن بولسا، بۇ سودىغا تەسىر قىلدىمۇ دەيمىنا؟

سودا خادىمى: ياق، ياق! ئوخشاش، ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى.

مۇخبىر: پۈتۈن ئېلىشقۇنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى قانداق؟ يەنى بۈگۈنكى ۋەزىيىتى؟

سودا خادىمى: ھازىر ماۋۇ ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر بىر كەنتكە چۈشۈپ، خېلى ياخشى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن 2 يىل بۇرۇن كەلگەنلەر بار، يېڭىدىن كېلىۋاتقانلار بار خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ. شۇلار كەلگەندىن تارتىپ پۇقرالار سەل خاتىرجەم بولۇپ قالدى.

مۇخبىر: مۇشۇ 2 يىل جەريانىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

سودا خادىمى: مەن بۇ يەرگە چىققانغا ئاران 5-6 ئاي بولدى. مەن بۇرۇنقىسىنى تازا بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن 5 ئايدىن بېرى نورمال كېتىۋاتىدۇ ۋەزىيەت، خەلقمۇ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى. بۈگۈن كوچىدا ھەربىي-ئەسكەرلەرنى كۆرمىدىم. سىرتتىن كەلگەنلەرنى بىلمىدىم. ئەمما مەن كەلگەندە ساقچى پونكىتىغا بېرىپ تىزىملىتىۋالغان. چۈنكى ساقچىخانىغا بېرىپ، قەغەز ئېلىش كېرەك. بولمىسا، ھەممىسى يەكەننىڭ تەۋەلىكىدە، لېكىن مۇقىملىق سەۋەبلىك تىزىملىمىسا، بولمايدىكەن.

بىز يەنە، بىر ئىلىشقۇ بازىرىدا دۇكان ئاچىدىغان بىر دۇكاندار بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ، «ۋەىيەت نورمال» دېگەن بولسىمۇ، بىراق چارلاشنىڭ بىر ئاز كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇكاندار: بازار بىلەن ئارىلىقىمىز بىر-بىر يېرىم كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر مەن بازار ئىچىدە دۇكان ئېچىۋاتىمەن. سودا يامان ئەمەس، نورمال بولۇۋاتىدۇ. ياق، ياق، بۈگۈن سودا دەخلىگە ئۇچرىمىدى. تىنچ ھالەتتە، نورمال زادى. تېخى بۈگۈن 2-3 كۈنگە قارىغاندا بىر ئاز ياخشى سودا.

مۇخبىر: بۈگۈن چارلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟

دۇكاندار: سىرتقا چىقىپ باقمىدىم بۈگۈن، چارلاش بارمۇ-يوقمۇ ئۇقمايدىكەنمەن ئۇنى. مەن بۇرۇن سودا قىلىپ باقمىغان. ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا دۇكان ئېچىپ، سودا قىلىۋاتىمەن. ھازىر 8 ئاي بولدى. 8 ئايدىن بېرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، سودا. دەسلەپ تىجارەت باشلىغاندا دۇكاندا مال كەم، كۈندە بار-يوق 500-600 كوي سودا بولاتتى، كۈندە. بارا-بارا دۇكاندا مال تولۇقلىنىپ، ھازىر 2000 كوي سودا بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈن 2500 كويدىن ئاشتىمىكى سودام.»

مۇخبىر: سورىماقچى بولغىنىم، سىز بىلىسىز 2-3 يىل ئاۋۋال «28‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەردى، سىلەرنىڭ ئېلىشقۇدا. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا خەلقنىڭ ھال ئەھۋالى قانداق بولدى، شۇنى سورىماقچى؟

دۇكاندار: ياق، چېكىنمىدى. ھۆكۈمەتمۇ غەمخورلۇق قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەقنى. كىرىم ئاشقاندىن كېيىن شۇنداقمۇ، 2 يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن يامان ئەمەس، دەپ ئويلايمەنغۇ ئىشقىلىپ. 2-3 يىلنىڭ ئالدىدا مەن تۇرمۇش قۇرۇۋاتقاندا خەقنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگىرىپ، سىرتتا ئىشلەيدىغانلارمۇ غوللىدى.

مۇخبىر: خەلق يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتامدۇ، ياكى يەكەننىڭ ئۆزىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟

دۇكاندار: سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارمۇ بار. ئۆز ئىچىدىكى ھەر خىل كىيىم-كېچەك كارخانىلار قۇرۇلدى، ئىچكىرىدىن، شاڭخەيدىن، ئۇيەر-بۇيەردىن كەلگەن لوبەنلەر ئاچقان كارخانىلار شۇ يەردە ئىشلەپ، ئايدا 2-3 كويدىن، ئىشلىمىگەنلىرىنىڭ بىرەر مىڭ كويدىن چۈشۈۋاتىدۇ، ئايلىقىغا. دېھقانلىمۇ خوش، ئەتىگەندە ئۆيدىن تاماق يەپ بېرىپ، كەچتە ئۆيگە يېنىپ كېلىدۇ، دېگەندەك ئۇلارغىمۇ ھار كەلمەيدىغان خوش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ يامان ئەمەس كىرىمى. ھەر بىر ئۆيدىن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتىمۇ، دەيمەن.

مۇخبىر: دېھقانچىلىقنى كىم قىلىۋاتىدۇ؟

دۇكاندار: دېھقانچىلىقنى، ئادەم كۆپ، يەر ئاز دېسىلە بۇ يۇرتتا. شۇڭلاشقا دېھقانچىلىقمۇ ئېشىپ قالمايدۇ. بىر ئۆيدىن بىر ئادەم ئىشلىسە، ئىككى ئادەم دېھقانچىلىق قىلىدۇ، ئەمەسما.

مۇخبىر: بۈگۈن ساقچىلار كوچا چارلاۋاتامدۇ؟

دۇكاندار: بۈگۈن نورمالغۇ، دەيمەن ئىشقىلىپ، نورمال. لېكىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا بۈگۈن سەل ئەمدى ماۋۇ يېزىدا ئامانلىق قوغداش دەيمىز، ئامانلىق قوغدايدىغان بالىلار ئۇياق-بۇياقنى چارلاپ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن نورمال. بۈگۈن بازاردا ئادەم جىق تېخى، بۈگۈن پەيشەنبە بولغاچقا ئادەم جىققۇ، دەيمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yeken-weqesi-07282016133808.html

Share
1091 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.