logo

trugen jacn

يۈجەل تاناي: مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسىمەن

c1d09044-4531-45be-b1c2-c3a5e5b49317

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەگە تور كىرگەن 1993-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئەپەندى، كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر ھەپتىدە بىر پارچە ماقالە يېزىۋاتماقتا. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر تەتقىقاتچى ژۇرنالىست بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى ھەر قايسى گېزىت، ژۇرناللار، تور گېزىتلىرىدە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن دىققەت بىلەن ئوقۇلماقتا.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۈجەل تاناي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە تور كەلگەندىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالە سانى ناھايىتى كۆپ. تور تۈركىيەگە كىرگەندىن بېرى بۇ ھەقتە ماقالە يېزىۋاتىمەن. يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن بېرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ، يىللاردا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلدىم. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىمنى ساناپ باقمىدىم، ئەمما پەرىزىمچە يۈز پارچە ئەتراپىدا ماقالە يازدىم.»

يۈجەل تاناي ئەپەندى ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانى ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كۆپرەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئىنسان ھەقلىرى، يەنە بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا ۋە سىياسىي تۇتقۇنلار، مەسىلەن ئىلھام توختى ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا يېزىۋاتىمەن.»

يۈجەل تاناي ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان يۈز پارچە ئەتراپىدا ماقالىسى بارلىقىنى، بۇ ماقالىلەرنى بىر كىتابتا ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۈجەل تاناي ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئاكتىپ قوللانغۇچىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇماقتا. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈرك تىلىدىكى uyghurnet.org ناملىق تور بېتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاپاكار ۋە پىداكار دوستى ژۇرنالىست يازغۇچى يۈجەل تاناي ئەپەندىنى ئويلىغىنىمدا» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر يازغۇچى مەمەتئىمىن ھەزرەت يازغان مەزكۇر ماقالىدە ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىم، ئەزىز خەلقىمنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ماقالە يېزىۋاتىمەن. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتىمەن. ھۆرمەتلىك يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنى 3 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئوقۇۋاتىمەن. ئۇ، ھەپتىدە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتىدۇ. ئۇ، تۈركىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ ئوبزورچىسى ئەمەس، كۆپرەك تۈركىيەدىكى تور گېزىتلىرىدە يازىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئوقۇغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. تۈركلەرگە ھارماي ‏- تالماي شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيەنى ئاڭلاتماقتا.»

بىز يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنى، ماقالىلەرگە كېلىۋاتقان ئىنكاسلار ۋە يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ كېلىۋاتقان ۋە تور گېزىتىدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۆزىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۈجەل تاناي ئەپەندى 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رىزە ۋىلايەتىنىڭ پازارجىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئىنگلىزچە، نېمىسچە ۋە ئۆزبېكچە بىلىدىكەن. ئۇنىڭ، مۇستەقىل ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۆنجە ۋەتەن گېزىتى»، «يېڭى چاغرى گېزىتى» ۋە «ئۈلكۈجۈ تاۋىر»، «ئۇيغۇرنېت»، «رادىكال» قاتارلىق تور گېزىتلىرىدە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنماقتا. ئۇ، ئاكتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىسى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiyede-uyghur-02202017151003.html

Share
1103 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.