logo

trugen jacn

بىز ئۈچۈن «يۇمشاق نامايىش» ۋە ئۇيغۇر داۋاسى

 

تارىمئوغلى

يىل 2018- 3-ئاينىڭ 24-كۈنى

 

 

مېنىڭ بىر دوستۇم تۈنۈگۈن «مانى كۆرۈپ بېقىڭ»، دەپ، ماڭا تۆۋەندىكى تور ئادرېسىنى ئەۋەتىپتۇ

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

 

قارىسام ئۇ توردا «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» تەييارلاپ ئېلان قىلغان 5 پارچە مۇراجىئەتنامە بار ئىكەن. گەرچە مەن ئۇ مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمزا قويۇپ كەلگەن بولساممۇ، بەش مۇراجىئەتنامىنىڭ ئىمزا قويۇلۇش ئەھۋالىنى بىرلا يەردە تەڭ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭا مەن ئىمزا سانىغا قىزىقىپ قاراپ باقتىم، ھەمدە ئاخىرقى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلارنىڭ ئازلىقىغا ناھايىتى ھەيران قالدىم. ئۇ مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ قىسقا تېمىسى ۋە ئىمزا سانى مۇنداق ئىكەن:

 

بىرىنچى: چەت ئەلدىكى ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى: 11319

 

ئىككىنچى: بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ سولاپ قويۇلۇشى: 6934

 

ئۈچۈنچى: مىڭلىغان ئۇيغۇر «تەسىر مەھبۇسلىرى»: 1658

تۆرتىنچى:  چېن چۈەنگونىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى: 1327

بەشىنچى: بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنىڭ توپلىنىشى: 582

 

بۇ سانلارنى كۆرگەندىن كېيىن مەن كۆپ ئويلىنىپ، ئىشلارنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بېقىشقا تىرىشتىم. ئەمما ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك بىرەر جاۋاب تاپالمىدىم.

 

ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان، كومپيۇتېر ياكى زېرەك يانفون ئىشلىتەلەيدىغان (ياكى «كومپيۇتېردا ساۋاتلىق») ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى تۆۋەندىكىدەك پەرەز قىلىش مۇمكىن:

 

ئامېرىكا: 4000

ياپونىيە: 3000

كانادا: 2500

ياۋروپا: 10000

باشقا ئاسىيا ئەللىرى: 2000

تۈركىيە: 15000

ئوتتۇرا ئاسىيا: 15000

جەمئىي: 51500

 

مۇشۇنداق ھېسابلىساق 5-مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلار چەت ئەلدىكى كومپيۇتېردا ساۋاتلىق ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئاران 1.1 پىرسەنتىگە توغرا كەلگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھېلىقى مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويغانلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئەمەس چەت ئەللىكلەر بولۇپ، ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى بىر پىرسەنتتىنمۇ ئاز.

 

بىزگە نېمە بولدى؟ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى؟ Change.org دىكى بىر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن بىر ئادەمگە 2 – 5 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك نەگە كەتتى؟ ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھ نەگە كەتتى؟ ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، ھازىر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان زۇلمەت، ھازىر ئۇلار قان يۇتۇپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرىي بولۇۋاتقان ئىنسان غۇرۇرى دەپسەندىچىلىكى، ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى چەت ئەلدىكى كومپيۇتېردا ساۋاتلىق ئۇيغۇرلاردىن 10 پىرسەنت كىشىنىڭ 2 – 5 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، بىر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشىغا يەتمىگەن بولسا، بىز بۇ مىللەتنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

 

چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار «مەن چەت ئەلگە دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن چىقتىم»، دەيدۇ. 2018-يىلى 15-مارتتا ھەقىقەتەنمۇ چەت ئەلدىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ۋىجدانلىق ۋە مىللەتسۆيەر ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى ئون نەچچە شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ دەردىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە دۇنياغا ئاڭلاتتى. ئۇ نامايىشلارغا مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سالام» (http://www.uyghurnet.org/ug/) دېگەن ماقالىسىدە ناھايىتى ئەتراپلىق باھا بەرگەن بولۇپ، مەن ئۇلارغا بۇ يەردە قايتا باھا بېرىپ ئولتۇرمايمەن.

 

مېنىڭچە 15-مارتتا كوچىلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى «قاتتىق نامايىش»، دەپ ئاتاپ، مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەييارلاپ، تورلاردا ئىمزا توپلاش ئۈچۈن تارقاتقان مۇراجىئەتنامىلەرنى بولسا «يۇمشاق نامايىش»، دەپ ئاتىساق تامامەن بولىدۇ. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىككى خىل پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى كوچىلاردا فىزىكىلىق ئىش-ھەرىكەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنە بىرى بولسا مەۋھۇم دۇنيادا، ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قاتتىق نامايىشقا تەشكىللىگۈچىلەرمۇ ۋە قاتناشقۇچىلارمۇ بىر قىسىم ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، ھەمدە بىر قىسىم ئەجىرلەرنى سىڭدۈرىدۇ. يۇمشاق نامايىشتا مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش «تەشكىللىگۈچىلەر» بىر قىسىم ئەجىرلەرنى سىڭدۈرىدىغان بولۇپ، «قاتناشقۇچىلار» بولسا 2 – 5 مىنۇتلۇق ۋاقتىدىن باشقا بەدەل تۆلىمەيدۇ.

 

يۇقىرىدىكى تور بېتىدىن بايقىلىشىچە، مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇمشاق نامايىش ئۈچۈن خېلى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋېتىپتۇ. مەسىلەن، ئۇلار ھازىرغىچە تارقاتقان 5 پارچە مۇراجىئەتنامىنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچىدىن سىرت يەنە باشقا 7 – 8 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ. ئۇلار يەنە ئاشۇ مۇراجىئەتنامىلەردىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم ئىنگلىزچە دوكلاتلارنىمۇ تەييارلىغان بولۇپ، بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇ دوكلاتلارنى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا يوللاۋېتىپتۇ. مەشئەل گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ئىنگلىزچە دوكلاتلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

 

(1)ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇنىۋېرسال دوكلات:

http://blog.freedomsherald.org/?p=1202

 

(2) ئائىلىسىدىكىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن 30 دەك ئۇيغۇرنىڭ دېلولىرى:

https://freedomsherald.wordpress.com/2018/01/19/political-persecution-of-the-uyghurs-brief-description-of-some-individual-cases/

 

(3) 2014-يىلىدىكى يەكەن ۋەقەسى:

http://blog.freedomsherald.org/?p=1152

 

(4) بىر ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئىسپاتى:

https://freedomsherald.wordpress.com/2017/11/11/an-eye-witness-testimony-on-ethnic-cleansing-in-uyghur-homeland/

 

(5) «ئاپام بىلەن قىزىمنى ئېتىۋەت، ئوقنىڭ پۇلىنى مەن بېرىمەن»:

https://freedomsherald.wordpress.com/2017/11/11/an-eye-witness-testimony-on-ethnic-cleansing-in-uyghur-homeland/

 

(6) خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىسى گۇ ۋېنگۇينىڭ ئۇيغۇر پاجىئەلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:

https://freedomsherald.wordpress.com/2017/11/22/chinese-exiled-billionaire-guo-wengui-exposes-chinas-abuse-of-the-uyghurs/

 

بىز يۇقىرىقىلاردىن مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇراجىئەتنامە يېزىپ ئىمزا توپلاش ۋە ئىنگلىزچە دوكلاتلارنى تەييارلاپ تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر خىل «يۇمشاق نامايىش» بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

 

ئۇنداقتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يۇمشاق نامايىشقا نېمە ئۈچۈن قاتناشمايدۇ؟ ئۇنىڭ بىر سەۋەبى يۇمشاق نامايىشنىڭ قىممىتىنى تولۇق چۈشەنمەسلىك، يەنە بىر سەۋەبى بولسا ئىمزالاش ئۇسۇلىنى بىلمەسلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز شۇنداقلارنىڭ بىرى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار سىزگە بۇنداق يۇمشاق نامايىشنىڭ قىممىتىنى خېلى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ Change.org تىكى مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇش ئۇسۇلىمۇ تۆۋەندىكى قىسقا ۋىدېئودا چۈشەندۈرۈلۈپتۇ:

http://www.freedomsherald.org/ET/cmp/Imza-qoyush.mp4

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى يەنە تۆۋەندىكى ئىككى تور بېتىگە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپتۇ:

http://freedomsherald.org/ET/unb/

http://freedomsherald.org/ET/cmp/

 

مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋېتىپ، يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن كىچىك ۋە ئاجىز مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان چوڭ ۋە كۈچلۈك مىللەتنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ مۇنداق بىر قانچە مىساللارنى ئەسلىدىم:

 

 

بىرىنچى:  فىنلاندىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى

 

فىنلاندىيە ھازىر ئاران 5 مىليون نوپۇسى بار بولغان بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، ئۇ نەچچە ئەسىر چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بىر كىچىك زېمىن بولۇپ كەلگەن. ئەمما، لېنىن يېتەكچىلىك قىلغان 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لېنىننى قوغداۋاتقان قىزىل ئارمىيە رۇسىيەنىڭ ئاق ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لېنىن فىنلاندىيەدىكى رۇس ئەسكەرلىرىنى موسكۋاغا يۆتكەپ كېلىشكە مەجبۇرىي بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىنلاندىيە خەلقى ئۈچۈن بىر ھەربىي بوشلۇق پەيدا بولىدۇ. ھەمدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر تەرەپتىن پۇرسەت كۈتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلگەن فىنلاندىيەلىكلەر قوزغىلىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان رۇسلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ [1-3].

 

 

ئىككىنچى: «ناخشا ئىنقىلابى» ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان بىر كىچىك مىللەت

 

«ناخشا ئىنقىلابى» ئېستونىيە (Estonia)، لاتۋىيە (Latvia) ۋە لىتۋانىيە (Lithuania) دىن ئىبارەت 3 دۆلەت 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئېلىپ بارغان، سوۋېت مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان ئىنقىلاب. ئېستونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سەنئەتكار ھەينىز ۋالك (Heinz Valk) «ناخشا ئىنقىلابى» دەپ بىر ناخشا ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ ناخشا ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى 1988-يىلى 10 – 11-ئىيۇن كۈنلىرى، نەچچە ئون مىڭ كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئاشۇ ناخشىنى ئېيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. مانى كۆرۈپ بېقىڭ:

https://www.youtube.com/watch?v=hpNWfY0sN6E

 

ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋانىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن، 1989-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى «بالتىق يولى» (Baltic Way) دېگەن نامدا بىر چوڭ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نامايىشتا يۇقىرىدىكى 3 دۆلەتنىڭ خەلقى بىر قۇر بولۇپ قول تۇتۇشۇپ تىزىلىپ، بىر 600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «ئادەم زەنجىرى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ زەنجىر ئېستونىيەنىڭ تاللىن شەھىرىدىن باشلىنىپ، لاتۋىيەنىڭ رىگا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، لىتۋانىيەنىڭ ۋىلنيۇس (Vilnius) شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. شۇ چاغدىكى بىر قىسىم مەنزىرىلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:

https://www.youtube.com/watch?v=212E9CDVFJ0

 

سوۋېتلىقلار بېسىۋالغان 100 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، ئېستونىيەلىكلەر نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەمما، ئېستونىيە خەلقى بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدنى ئۈزۈپ قويماي، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تاكى مۇستەقىل بولغۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئېستونىيەلىكلەرنىڭ ئاران بىر مىليون نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ۋە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ [4].

 

 

ئۈچۈنچى: ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە رايونىدا 2017-يىلى يۈز بەرگەن ئۆيلىرىدە قازان چېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى

 

بۇ كۈرەشتە ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى ئۆيلىرىنىڭ سىرتىدا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا يول قويمىغاندا، پۈتۈن ئاھالە ئۆيلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىپ، قازان-تەلەڭگىلىرىنى چۆمۈش-قوشۇقلار بىلەن ئۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئاۋاز پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى ۋىدېئونىڭ 19 مىنۇتلۇق يېرىدىن باشلاپ كۆرۈپ بېقىڭ:

https://www.youtube.com/watch?v=OrfMz1YaSM8

 

پۈتۈن خەلقنىڭ نامايىشقا قاتنىشىش ئەھۋالىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:

https://www.youtube.com/watch?v=9kXl332I9ZQ

 

سوۋېت ئىتتىپاقى ئون نەچچە دۆلەتكە پارچىلاندى. يۇگوسلاۋىيە 7 دۆلەتكە پارچىلاندى. چېخوسلوۋاكىيە 2 دۆلەتكە پارچىلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغىنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ 3 كىچىك دۆلەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى. ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ 3 كىچىك دۆلەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر چوڭ بومبىنىڭ پىلىكىگە ئوت تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى.

 

ئەگەر بىز يۇقىرىقىدەك غەلىبە قازانغان كىچىك ۋە ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بىر چوڭ ۋە كۈچلۈك مىللەتكە قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولساق، ئۇنداق كۈرەشلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز:

 

بىرىنچى:  مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئاشۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ ئەزالىرى يۈزدەيۈز پىرسەنت تولۇق قاتنىشىدۇ. يەنى، ئۇ ھەرىكەتكە مىللەتنىڭ ھەممە كىشىلىرى قاتنىشىدۇ. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يەنە بىر تەرەپكە يۈزدەيۈز پىرسەنت قارشى تۇرغۇچىلاردىن بولىدۇ. مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ قارشى تەرەپكە قارشى تۇرۇش دەرىجىسىمۇ يۈزدەيۈز پىرسەنت بولىدۇ. دۇنيادا بۇنداق كۈچكە تەڭ كېلەلەيدىغان باشقا بىرەر كۈچ يوق.

 

ئىككىنچى: ئۆزى بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمايدۇ، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ، قېنى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياشاش ماكانلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ نەرسىلەر ئىككى مىللەتنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ چەك-چېگرىسىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. كىملەر ئۆزىنىڭ ئادىمى، كىملەر ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئىنتايىن ئېنىق چۈشىنىلگەن بولىدۇ.

 

ئۈچۈنچى: مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر ئاساسى، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بارلىق خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.

 

تۆرتىنچى: مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر قۇربان بېرىشتىن قورقمايدۇ. ئەگەر سىز بىر ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئادەم بىلەن مۇشتلىشىپ قالىدىكەنسىز، سىز چوقۇم يېڭىلىسىز. يەنى، مۇشتلىشىشنىڭ مەقسىتى سىز قارشى تەرەپنى يىقىتىپ، ئۆزىڭىز ساق قېلىش. ئەگەر سىز مۇشتلىشىۋاتقان ئادەم ئۆزىنىڭ ساق قېلىش-قالماسلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغان، سىزنى يىقىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان بىر كىشى بولىدىكەن، سىز ئۇنى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيسىز.  چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزالىرى قاتتىق ۋە يۇمشاق نامايىشلارغا يۈزدە-يۈز پىرسەنت قاتنىشىدىغان بولغاندا، خەلقئارا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەقىقىي تۈردە دىققەت قىلىدىغان بولىشى مۇمكىن.

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى چىقارغان مۇراجىئەتنامىلەرگە ھازىرغىچە ئىمزا قويۇش ئەھۋالى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدىكى 4 خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بۇنىڭغا ناھايىتى ئېچىندىم، ھەمدە بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. چۈنكى، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارغا ئوخشاش، مەنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى ناھايىتى قاتتىق سۆيىمەن — «چوڭقۇر مۇھەببەت بولمايدىكەن، چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىنىشمۇ بولمايدۇ (مارتېن لۇسېر كىڭ)». مەن ئويلايمەن، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە يۇقىرىقىدەك 4 خىل مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس ھالدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ناچار تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئاشۇ 4 خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىمىز ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

 

«رەزىللىكنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش رەزىللىكنى سادىر قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولۇش بىلەن ئوخشاش. رەزىللىككە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قوبۇل قىلىش، رەزىللىكنى سادىر قىلغۇچىلار بىلەن ھەمكارلاشقانغا ئوخشاش (مارتېن لۇسېر كىڭ)». قاتتىق زۇلۇم ئىچىدە قالغان، ئاستا-ئاستا ئۆرە تۇرۇش ماغدۇرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان، شىددەت بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقۇتۇلۇش تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان خەلقىمىز ھازىر بارچە ئۈمىدنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۈتۈۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز-ئۆزىدىن «مەن ۋەتەندىكىلەرگە ھازىرغىچە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىدىم؟ يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دەپ سوراپ باقمىسا بولمايدۇ.

 

ھەقىقەتەنمۇ ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى تىلىدىن ۋاز كېچىشكە، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسىنى تۈرمە لاگېرلارغا سولاپ، كۆپلىگەن گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قىسقا زامان ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىڭىزنى دۇنياغا بىلدۈرۈشنى ئىستىسىڭىز، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم پرىنسىپ ۋە مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى خەلقىمىز ئالدىدا نامايان قىلىشنى خالىسىڭىز، مەشئەل گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلايدىغان مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇڭ. مەن سىزنىڭ ئاشۇنداق ياخشى ئەمەلىڭىز ئۈچۈن سىزگە مۇشۇ يەردە ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

 

ئىمزا قويۇش تور ئادرېسى:

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

 

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى:

http://www.freedomsherald.org/ET/cmp/Imza-qoyush.mp4

 

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

[1] 王澄博士談南疆獨立和民族分裂(上)

https://www.youtube.com/watch?v=aJck07J35sw&t=4s

 

[2] Finnish Civil War

https://en.wikipedia.org/wiki/Finnish_Civil_War

 

[3] ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد بار—فىنلاندىيە مۇستەقىللىقىدىن ئويلىغانلىرىم

http://wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=847

 

[4] «ناخشا ئىنقىلابى» ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان بىر كىچىك مىللەت

http://www.uyghurnet.org/ug/%D9%86%D8%A7%D8%AE%D8%B4%D8%A7-%D8%A6%D9%89%D9%86%D9%82%D9%89%D9%84%D8%A7%D8%A8%D9%89-%D8%A6%D8%A7%D8%B1%D9%82%D9%89%D9%84%D9%89%D9%82-%D9%85%DB%87%D8%B3%D8%AA%DB%95%D9%82%D9%89%D9%84-%D8%A8%D9%88/

 

[5] تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

http://www.hoylam.net/tibetliklerning_milliy_musteqilliq_herikitidin_uyghurlargha_nezer/

 

[6] مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ

http://www.hoylam.net/milliy_musteqilliq_heriketliri_choqum_ghelibe_qilidu/

 

 

Share
2820 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.