logo

trugen jacn

يا شۆچاۋ خانىم ئىلھام توختى تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە توختالدى

İlham Tohti

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتى ئىشلىگەن، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى رايبۇرن سارىيىدا قويۇلغان ئىدى. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگۈچى «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى يا شۆچاۋ خانىم، رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى، جەريانن، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلارنى ئاڭلاتتى. يا شۆچاۋ خانىم يەنە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن تەلەپ قىلغان بۇ ئاۋازنىڭ توختاپ قىلىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنلا بىر يوقىتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى شوئار قىلغان غەرب دۇنياسى ئۈچۈنمۇ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يا شۆچاۋ خانىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا داۋاملىق بېشىم ئىشلىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

«خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى يا شۆچاۋ خانىم 30-نويابىر ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا قويۇلغان، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە توختالدى.

مۇخبىر: يا شۆچاۋ خانىم تور بېكىتىڭلار ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قويۇلدى. سىز، بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانى ۋە فىلىمنى ئىشلىشىڭىزگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.

يا شۆ چاۋ: رەھمەت. سىز بىلىشىڭىز مۇمكىن، «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتى ئىنگلىز تىلىدىكى تور بېكىتى بولۇپ، ئاساسلىقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇدۇللۇق قويۇشنى مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. 2014-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خەۋەر، ماقالىلەرنى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلغان بىر تۈركۈم ماقالە، ئەسەرلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ جەرياندا مەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى ھەقىقىي تونۇغان بولدۇم. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە باراۋەرلىكىنى قەلىمى ۋە نۇتقىغا تايىنىپ ئاشكارا تەلەپ قىلغان بۇ ئۇيغۇر يىگىتىگە قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى. 2014-يىلى كۈزدە خىتاي سوتى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگىنىدە كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان بۇ ئاۋازنىڭ ئۆچۈشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا يوقىتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان ئىلھام توختىنىڭ ئارىمىزدىن غايىب بولۇشى خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش دەپ بىلدىم. نەتىجىدە ئىلھام ئەپەندى توغرىلىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. فىلىمنى ئىشلىشىمگە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ياخشى دوستى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت تەتقىقاتچىسى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى، فىرانسىيەدىكى خىتاي زىيالىيسى خۇ جىمىڭ ئەپەندى ۋە دوستۇم شۇ يىتوڭ قاتارلىقلار كۆپ ياردەمدە بولدى.»

مۇخبىر: مەزكۇر فىلىمدا ئىلھام ئەپەندىگە دائىر قانداق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

يا شۆچاۋ: مەزكۇر فىلىمدا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە ئائىلىسى نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋاللار ئىپادىلەندى. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ دادىسى ئۈچۈن بەرگەن ئىسپات سۆزلىرى،ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بۇلتۇر ئىلھام ئەپەندىگە «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمىدا ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىلھام توختىنى زىيارەت قىلغان خاتىرىلىرى، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلار تەرىپىدىن تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلەنگەن سىنئالغۇ فىلىملىرى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشتە ماتېرىيال مەنبەسى قىلىندى. مەن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن بەرگەن دوكلاتىمدا، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆكرەك كېرىپ چىققان بىردىن ‏-بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتالايدىغان بۇ ئاۋازنىڭ ئۆچۈشى بىلەن خەلقئارانىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بىرلا مەنبەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىرىق قىلدىم.

مۇخبىر: بىلىشىمچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم بۇندىن ئىلگىرى يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋە باشقا جايلاردىمۇ قويۇلۇپ زور ئىنكاس قوزغاپتۇ. سىز شۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى»غا بۇ فىلىمنى تەييارلىغان ئىكەنسىز. فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلغان چاغدا قانداق ھېسسىياتتا بولغان ئىدىڭىز؟

يا شۆچاۋ خانىم: شۇنداق ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېغىشلانغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم. مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم 24-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 11-گىچە ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى رايبۇرن سارىيىدا قويۇلدى. ئەمما بۇ فىلىم بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىشلىنىپ تاماملانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ يىل 22-ئۆكتەبىر كۈنى بىلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى يىغىنى» غا تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يىغىنغا قاتناشتىم ۋە ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم، ياۋروپا بىرلىكىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان چوڭ يىغىن زالىدا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. فىلىم ئېكراندا قويۇلۇشقا باشلىغىنىدا كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم. شۇنچە جىق ئادەمنىڭ فىلىمنى شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر بېرىلىپ كۆرۈشىدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم. يىغىندىن كېيىن شۇ قېتىمقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ماڭا يىغىن ئەھلىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتقىنىدا بەكمۇ تەسىرلەندىم. مەن شۇكۈنى يىغىن ئەھلىگە قىلغان سۆزۈمدە، مەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىردىن-بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغان ئىلھام ئەپەندى ھەققىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۇ يەردە قويۇلغىنىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم دېگەن سۆزلەرنى قىلغىنىمدا كۆزلىرىم لىققىدە ياشقا تولدى.

مۇخبىر: ئىز چەتئەللەردىكى بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت ماقالىلەرنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىۋاتىسىز ۋە بۇ ئەمگەكلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خالىسانە قىلىۋاتىسىز. بۇنداق بىر پىداكارلىق قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە بولارمۇ؟

يا شۆچاۋ خانىم: ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمى ئاستىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتالىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان بىردىن-بىر زىيالىي ئىدى. ئەمما ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي چېگراسى ئىچىدە تۇرۇپ دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ چىقىشى خىتاينىڭ ھازىرقى شارائىتىدا تولىمۇ قىيىن. دۇنيا ھازىر پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە خەۋەرلىرىگە تايىنىپلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت ئەھۋاللارنى ئاڭلاۋاتىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلغان بىر ئاۋاز ئۆچتى. شۇڭا بىز ئەركىن دۇنيادىكى تەشكىلاتلار ۋە زىيالىيلار ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، ھەقىقەتنى سۆزلىگىنى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

مۇخبىر: بىلىشىمچە، «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتى يەنە ئىلھام ئەپەندىنى «ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىش خىزمىتىدىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
يا شۆچاۋ: بىز ئىلھام توختى ئەپەندىنى خەلقئارالىق «ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرقانچە دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەسىرى بار پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ئەمما بۇ خىزمەت كۆپ ئەمكەك ۋە ماتېرىيال تەلەپ قىلىدۇ. ئىلھام ئەپەندىنىڭ «ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىلىشىدە ياۋروپا بىرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا تور بېتىمىزدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىلگىرىكى زىيارەت خاتىرىلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىش ئىشىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بەلكىم كېلەر يىلىغىچە ئىلھام توختىنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ، ئىنگلىز تىلى ۋە خىتاي تىلىدا كىتاب قىلىپ نەشر قىلىش پىلانىمىزمۇ بار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز پەقەتلا بىر باشلىنىش خالاس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12012015161416.html

Share
1218 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.