logo

trugen jacn

ياپونىيە ئۇنىۋىرسىتىتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى

image (2)

خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى توكيو بۇنكيوئۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور، دوكتور ئوكانو ئەپەندى. 2015-يىلى ماي، توكيو

قۇتلۇق قادىرى

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى باشقا تىللارغا ئوخشاش ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە مۇھىم تىللاردىن بىرى ھېسابلىنىپ، رەسمىي دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئۆتۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى كەسپىي بويىچە ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە مەخسۇس كۇرسلارنى تەسىس قىلىپ، كەڭ ئۇيغۇر تىلى ھەۋەسكارلىرىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ۋە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان.

1983-يىلى قۇرۇلغان ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فاكۇلتېتلىرى كۆپ خىل كەسىپلەردىن تەشكىللەنگەن،ئوقۇغۇچىلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان، پۈتكۈل مەملىكەت تەۋەسىدە ئوقۇتۇش مەركەزلىرى تەسىس قىلىنغان ياپونىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى مەخسۇس كەسىپ قىلىپ تەستىقلىنىپ، رەسمىي ئۆتۈلۈشكە باشلاپ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ كەلگەن ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى توكيو بۇنكيوئۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئوكانو تاتسۇئو ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-ئىسمىم ئوكانو تاتسۇئو بولىدۇ. خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى بۇنكيوئۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولىمەن. ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس ۋە دوكتور ماكوتو كاۋائىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى مۇبارەكلەيمەن شۇنداقلا ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلار توپلىمى ئارقىلىق ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ياپونىيەگە قىلىنغان بىر سوۋغا دەپ بىلىمەن. مۇقەددەس مۇئەللىم مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇر تىلى كەسپىدىن ھەر مەۋسۇمدا دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا، ھەر قېتىملىق كۇرسنى تاماملايدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇقەددەس مۇئەللىمنى يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىنلا دەرس بېرىپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، تارىخىي، سەنئىتى ھەققىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرسە دېگەن ئۈمىدتىمەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ياپون تىلىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ياپون تىلى كۇرسىمىزغا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قىزغىن سالىمىمنى يوللايمەن.

بىز پروفېسسور دوكتور ئوكانو تاتسۇئو ئەپەندىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك دوكتور مۇقەددەس خانىم، خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
مۇقەددەس: رەھمەت. خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەن ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ قوشۇمچە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدىم. بۇ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى بىرىنچى ئاساسى سەۋەب، ياپونىيەدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئۆتۈپ باقمىغان بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بولدى. يەنە بىرى، ياپونلاردىكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش،ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش ھەۋىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا مۇشۇ دەرسلىك تەسىس قىلىندى.

مۇخبىر: ھازىر سىز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى كەسپىدىكى دەرسلىكتە ياپون بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا بولغان قىزىقىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
مۇقەددەس: مەن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى باشلىغىنىمدا، مېنىڭ سىنىپىمغا 14 بالا كىرگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 18 ياش، ئەڭ چوڭى 60 ياشلاردا بار ئىدى. ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئۆتۈۋاتىمەن. بۇ يىلقى بالىلاردىن ئىككىسى 18 ياشتا، ئەڭ چوڭلىرى 81 ياشلىق ئاياللار، چوڭلارمۇ كىرىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن. قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇلار دەسلەپتە بىزنىڭ ئەرەب ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى 32 ھەرپنىڭ 124 خىل يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشتە بىر ئاز قىينىلىدۇ. مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون تىلىدىكى ئاھاڭنىڭ ئوخشاشلىقى، سۆزلەرنىڭ يېقىنلىقى ئۇلارغا كۈچ قۇۋۋەت ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ «ياخشىمۇسىز؟» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىسىڭىز، خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدا كېتىۋاتقاندەك، بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ھېس قىلىپ خوش بولۇپ كېتىسىز.

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتۈش جەريانىدا ياپون بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىدە ھەممىدىن بەك تەس ھېس قىلىدىغان تەرەپلىرى قايسى تەرەپلەر دەپ ھېس قىلدىڭىز؟
مۇقەددەس: ئۇلارنىڭ ئەڭ تەس ھېس قىلىدىغىنى ئىككى. بىرىنچىسى، ئۇلار ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ئوڭدىن سولغا يېزىش دېگەن ئۇقۇمنى ئۆزلىرىگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بەك قىيىن ھېس قىلىدۇ. بۇ بىرىنچى باسقۇچ، ھەم بىرىنچى ئۆتكەل. ئىككىنچى ئۆتكەل، ياپون ئوقۇغۇچىلىرى بىزنىڭ ھەرپلىرىمىزدىكى باش ھەرپ، ئوتتۇرا ھەرپ، ئاخىرقى ھەرپ ئۇقۇمىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇنى بىلىش، شۇ ھەرپلەرنى تونۇش ھەم ئۇنى يېزىشتا قىينىلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، ئاھاڭ جەھەتتىن «ق» ھەرپىنى بىر ئاز مۇرەككەپرەك ھېس قىلىدىكەن. مۇشۇ باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى بەلكىم دۇنيادا ئەڭ ئاسان بىر باسقۇچقا كىرىدۇ دەپ ھېس قىلدىم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/yaponiyede-uyghur-tili-05122015142612.html

 

 

Share
2337 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.