logo

trugen jacn

ياپونىيەدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى

image

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دىنىي ئۆلىما، مىللىي مۇجاھىد، سىياسىي ئەرباب مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ نامى ياپونىيە تارىخىي ھۆججەتلىرىدە «خوتەن ئەمىرى» نامى بىلەن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ،ئافغانىستاندىكى سۈرگۈن ھاياتى جەريانىدا كابۇلدىكى ياپون ئەلچىخانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ياپون تەتقىقاتچىلىرى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ياپون ھۆكۈمىتىگە ئاڭلاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدە ياپونىيەدە كۆپلىگەن ماقالە ۋە تەتقىقات كىتابلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىر قىسىم يېڭى ماقاللىلەر تەييارلانغان ۋە شۇنداقلا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى پىلانلانغان.

كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، دىنىي ئۆلىما، مەشھۇر سىياسەتچى، تارىخچى ۋە ئەدىپ مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 50 يىل توشتى.

مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان بىر پەيتە، ياپونىيەدە تونۇلغان بەزى بىر سىياسىي تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ھاياتىغا، سىياسىي كۆز قاراشلىرىغا جۈملىدىن مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى پىداكارلىقىغا ئۆزگىچە باھالارنى بەرمەكتە.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتاغلىق سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى يېقىندا ئۆزىنىڭ «مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى تاماملىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق كۆرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور سېجى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىندا تاماملىغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ:«مېنىڭ پۈتكۈل ماقالەم ئاساسەن ئون قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا، مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئەينى چاغدىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوينىلىۋاتقان بۈيۈك سىياسىي ئويۇنلار ۋە 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە توختالدىم. ئىككىنچى قىسمىدا، ئۇنىڭ كەشمىر ۋە ئافغانىستاندىكى سۈرگۈندىكى ھاياتى توغرىسىدا ئىزدەندىم. ئۈچىنچى قىسمىدا، مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ياپونىيەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە، دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ، ياپون ھۆكۈمىتىگە يوللىغان دوكلاتلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردىم. تۆتىنچى قىسمىدا بولسا، ئۇنىڭ جياڭكەيشى ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى نەنجىڭدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى. بەشىنچى قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سىياسىي ئانالىزلار. ئالتىنچى قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئېلىخان تۆرە ھەققىدە بەزى بىر يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. يەتتىنچى قىسمىدا، ستالىن، روزۋېلىت،جياڭكەيشى ۋە يالتا كېلىشىمى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. سەككىزىنچى قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كومپارتىيەسى كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستانغا سۈرگۈن قىلىنىشىدىن تارتىپ تا ئىستانبۇلغىچە بولغان ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى توغرىسىدا. توققۇزىنچى قىسمىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدىم. ماقالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قىسمىدا بولسا، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، باستۇرۇلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتارلىق بىر قانچە تىمىلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم» دېدى.

سېئىجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتىگېيەسى» دىن ئىبارەت بۇ تاتلىق چۈشنىڭ، يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلارغا تىنچلىق ئېلىپ كەلگەندىلا، ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋە ئاشماسلىقى يىپەك يولىنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ماقالىسىدە توختالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور سېئىجى:«مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدە ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر قىسىم مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بىزمۇ بۇ قېتىم بۇ ھەقتە يىغىن چاقىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. بۇ يىغىنىمىزغا ئەلۋەتتە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرىسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ۋە پروفېسسورلىرى قاتنىشىدۇ» دېدى.

بىز يىغىننىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا، سېئىجى ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:«ھازىر بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر بېرەلمەيمەن. سەۋەبى 2009 – يىلى 10 – ئايدا مەن رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيە ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدا ئىككى ھەپتىلىك 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانلىرى بىزگە كۆپ ئاۋارچىلىقلارنى تېرىپ، مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۆپ ئەرز ۋە شىكايەتلەرنى قىلدى. شۇڭا ھازىرچە بۇنى مەخپىي تۇتقىنىمىز ياخشى»دېدى.

بىز ئاخىرىدا پروفېسسور سېئىجى ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە قانداق يېڭى ماقالىلەرنى يېزىش پىلانى بارلىقى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئۇ : «مېنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئۇ يەرنى كۆرۈپ كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يېزىش ئارزۇيۇم بار. بىراق خىتاي ئەلچىخانىسى مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمايدۇ» دېدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/bughra-07252015002730.html

Share
1927 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.