logo

trugen jacn

مەھەللە كومىتېتى ئامانلىق خادىمى : قاتتىق نازارەت مىخانىزمىنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلار

 

bf8a17c0-bffc-4e3f-b3e7-69140df1691f

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە، ئاندىن ئاستا – ئاستا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەنتلەرگىچە مەھەللە كومىتېتلىرىنى، كوچا ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، 24 سائەتلىك چارلاش ۋە كۆزىتىش، ئامانلىق باشقۇرۇش ۋە يوقلىمىلىق تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئىنكاسلاردىن بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە رايونلىرىنى رېشاتكىلىق قورشاۋغا ئېلىپ، مەھەللە كومىتېتلىرىغا كىرىش – چىقىشتا بىردەك كىملىك رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغانلىقى، تارماقلارنىڭ مۇقىملىق تەدبىرىدىكى بۇ خىل يېڭى نازارەت مىخانىزمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

– 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەھەللە كومىتېتلىرىغا بۆلۈپ باشقۇرۇش، مەھەللىلەرنى ئېگىز رېشاتكىلىق قورشاۋلارغا ئېلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ كىرگەن – چىققاننى تەكشۈرۈش، مەھەللە، كوچىلاردا قوراللىق ساقچى قىسىملار 24 سائەتلىك چارلاش قاتارلىق يولغا قويۇلغان يېڭى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جايلار شەھەر، كوچا باشقارمىسى، يېزا – بازار، مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)دا ئوخشاش يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى يەنى مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە بۇ خىل نازارەت مىخانىزمىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

بىز داۋاملىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن غۇلجا شەھىرىنىڭ مەھەللە كومېتېت باشقۇرۇش مىخانىزمىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىلى دەريا يولى كوچا باشقارمىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم غۇلجىدىمۇ بارلىق جايلارنىڭ مەھەللە كومىتېتلىرىغا ئايرىپ باشقۇرۇلىۋاتقانلىقى، مەھەللىلەرگە كىرىش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئوخشاشلا كىرگەن – چىققانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە يەنە: «بۇ ئەزەلدىن شۇنداق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ نېمىسى خاتا، بىخەتەرلىكنى ئويلاپ ئېلىۋاتقان تەدبىرلەر بۇ» دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خوتەن چارباغ ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى مەھەللە، كومىتېتلارنى باشقۇرۇش چارىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رېشاتكىلىق مەھەللە، كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئۈرۈمچىدىكى غەربى ساي مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇقىملىق خادىمى، مەزكۇر مەھەللىدە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، مەسئۇل ئادەمنى ئېنىق بەلگىلەپ، مەجبۇرىيەت ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، مەھەللە، كومىتېتلاردا بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ شەھەر مىقياسىدىكى بارلىق مەھەللە، كومېتېتلىرىدا ئوخشاش ئىزچىللاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەر بىر مەھەللىدە ئىككى مەخسۇس ئامانلىق خادىمى بار، 24 سائەتلىك چارلاپ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان، ھەتتا ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ يوقلىما قىلىپ سان ئېلىنىدۇ ۋە كىرگەن – چىققانلار ئۈستىدىن كىملىك تەكشۈرىدۇ، يازما ھۆججەت ۋە كۆزىتىش ئاپاراتىدىكى ئۇچۇرلار ۋە كىرىپ – چىقىش ئېقىمى ستاتېستىكىسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈندىلىك بىخەتەرلىك مۇقىملىق ئەھۋالى باھالاپ ھۆججەتلەشتۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل نازارەت قىلىش مېخانىزمى بىلەن مۇقىملىق كاپالەت تەدبىرى ئوبدان ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. كۈندە بىر يوقلىما قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، سانىنى ئېلىش، ئاشكارىلاش تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن مەھەللىگە كىرىپ – چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق تەكشۈرۈپ ئۆلگۈرگىلى بولىدۇ ياكى گۇمانلىق كىشىلەر دەپ قارىغانلارنىلا تەكشۈرەمسىلەر دەپ سورىغاندا ئۇ جاۋابەن «ئەلۋەتتە گۇمان قىلغانلارنى بەكرەك تەكشۈرىمىز، يۈرۈش – تۇرۇشى غەيرى بولغانلار، ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرىمىز» دېدى.

ياڭ فامىلىلىك بۇ ئامانلىق خادىمى ئەسلى خىتايدىن يېقىندا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ يۇرتىدا يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇنداق مەھەللە، كومىتېتلىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى بۇنداق باشقۇرۇشقا خىتايلار بىلەن بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەب بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتمىسا، باشقۇرۇشنى كۈچەيتمىسە – 5 ئىيۇلدىكىدەك ۋەقەلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 28 – مارت ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك يىغىن ئېچىپ، يىغىندا جاڭ چۈنشيەن «قىستۇرما جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش – ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆز – ئارا چۈشىنىش، ئۆز – ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز – ئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز – ئارا زوقلىنىش، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، ئۆز – ئارا ياردەم بېرىشكە، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆز – ئارا قوغداشقا يېتەكلىدى. ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز – ئارا ياردەم بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى» دەپ دوكلات بەرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ياڭ فامىلىلىك بۇ ئامانلىق خادىمى يەنە كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي جىق، تەرەققىي قىلغان شەھەر مەركەزلىرىدە ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇقىملىق يىغىنلىرى ۋە دوكلاتلىرىدا داۋاملىق «تارىخ، رېئاللىق ۋە ئىچكى – تاشقى كۆپ خىل مۇرەككەپ ئامىللار تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، بۇنداق ۋەزىيەت ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ داۋاملىق مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي ساقلايدۇ» دەپ تەكتلەپ كەلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە شۇنداقلا رادىيومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىپ، بارغانچە قاتتىق تەقىپكە ئېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پەرقلىق سىياسەت ۋە بېسىمى رايوندىكى مىللىي ئىختىلاپ ۋە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، “ خىتاي كۆچمەنلەر پەقەت نوقۇل ھالدىكى كۆچمەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مونوپۇل قىلىش ۋاستىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركستاندا كەلگۈسى تېخىمۇ زور مىللىي ئىختىلاپلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ھەل قىلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/amanliq-xadim-08042016230747.html

Share
949 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.