logo

trugen jacn

مەمەت ئىمىن: كىمنىڭ خاتالىقى؟


مەمەت ئىمىن

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئامىركىنىڭ كولورادو شىتاتىدا ناھايتى چوڭ بىر ئوت ئاپىتى بولۇپ كۆپلىگەن ئورمان كۆيۈپ كۈل بولغان ئىدى. كىيىن ئۇنىڭغا بىر ياش بالىنىڭ ئوت قويغانلىقى مەلۇم بولدى. ساقچىلار ئۇ بالىدىن ئوت قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ بالا باشقىلارنىڭ دىقىنى تارتىش دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
بىرسى قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نام چىقارغىلى بولىدۇ دەپ سورىسا، يەنە بىرسى باشقىلارنىڭ دىقىتىنى دەرھال چىكىدىغان ھەرقانداق غەلىتە ئىش قىلساڭ، ئەڭ تىز نامىڭنى چىقىرالايسەن دەپ جاۋاپ بىرىپتىكەن.
فولورىدانىڭ كىچىك بىر شەھەرىدىكى بىر پوپ قۇران كۆيدۈرىمەن دەپ دەۋراڭ سىلىپ دۇنياغا تونۇلغان ئىدى. ئەگەر ئۇ پوپنىڭ مەخسىتى پەقەتلا قۇران كۆيدۈرۈش بولسا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىرەر يۈز قۇراننى كۆيدۈرىۋەتسىمۇ، ئۇنى ھىچكىم بىلمىگەن بولاتتى ۋە كىيىنكى قانلىق پاجىلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئەمىلىيەتتە جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ، ئۇ كىشىنىڭ مەخسىتى قۇران كۆيدۈرۈش ئەمەس، بەلكى ”يامان ئىش قىلىش“ ئارقىلىق ئاسان نام چىقىرىش ئىدى.
ھەممىمىز بىلگەندەك ھەر بىر دۆۋلەتتە بىردىن بىرنەچچە ئون ھاۋا يولى شىركەتلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھاۋا يولى شىركىتى 5000 دىن ئاشۇدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن مەن قانچە ھاۋا يولى شىركىتىنى بىلىمەن دەپ سوراپ باقساق، جاۋاپ 10، 20، بەلكىم ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 ھاۋا يولى شىركىتىنى بىلىشىمىز مۈمكىن. دىمەك مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇتلەق كوپ ساندىكى ھاۋا يولى شىركىتىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بەزى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى نەچچە ئون يىللار بىرەر ۋەقە چىقارماي قاتناپ كەلگەن، ئەمما ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن بىلىنمىگەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىتىملىق ۋەقە تۈپەيلىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا بىلىنىشى مۈمكىن.
بىر يازغۇچى ”How to change your life in 30 days “ يەنى ”قانداق قىلىپ ھاياتىڭىزنى 30 كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتەلەيسىز“ دىگەن كىتاپ يازغان ئىكەن. ئۇ كىتاپ نەشىردىن چىقىش جەريانىدا، بىر ھەرىپنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ”life“ (ھايات) دىگەن سۆز  ”wife“ (خوتۇن) غا ئۆزگۈرەپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ كىتاپ بىر ھەپتە ئىچىدە 2 مىلىيۇن پارچە سىتىلىپتۇ. كىيىن يازغۇچى خاتالىقنى بايقاپ، ”wife“ دىگەن سۆزنى ”life“ قىلىپ تۈزەتكەندىن كىيىن بىر ئاي ئىچىدە ئاران 3 پارچە سىتىلىپتۇ.
ئۇدىن باشقا غەيۋەت شىكايەت، پىتنى پاسساتقا ۋە يالغان سۆزلەرگە، گەرچە ھەممە ئادەم نالەت ئوقىسىمۇ، بىراق ئۇ ھەرقانداق ياخشى داستانلاردىن تىز تارقايدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن يامان ئىشلار، ياخشى ئىشلاردىن تىز تارقايدۇ؟ غەيۋەت شىكايەت ۋە پىتنە پاسساتلار، ياخشى سۆزلەردىن تىز تارقايدۇ؟ يالغان سۆزلەر، راس سۆزلەردىن تىز تارقايدۇ؟
سەۋەپ يامان ئىشلاردا، غەيۋەت شىكايەتتە، پىتنە پاسساتتا ئەمەس، بەلكىم شۇنى تارقاتقۇچىلاردا. ھىچقانداق مال، ئەگەر يىتەرلىك بازار ۋە خىرىدار تاپالمىسا، ھەرگۈز زورلاپ سىتىلماس. ئەگەر غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسسات ئوتۇرغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قىززىقىدىغان ۋە ئۇنى تارقىتىدىغانلار بولمىسا، يالغۇز غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسساتلار مەلۇم دائىردە چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇ غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسساتلارنى ئوتۇرغا چىقارغان ۋە شۇ ئارقىلىق نام چىقارماقچى بولغان ئادەملەر ھەرگۈز بازار تاپالمايدۇ؛ مەخسىتىگە يىتەلمەيدۇ، ئۆزىدىن ئۆزى ئىشى پۇشۇپ، ئۇ ئىشلاردىن قولىنى تارتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز گەرچە ئۇلارغا نالەت ئوقىغان بولساقمۇ، لىكىن ئۆزىمىز خالىغان ياكى خالىمىغان، سەزگەن ياكى سەزمىگەن يوسۇندا، ئۇلارغا ياردەمدە بولدۇق؛ ئۇلارنىڭ بازار تىپىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بەردۇق؛ ئۇلارغا يول ئىچىپ بەردۇق؛ ئۇلارنىڭ نامىنى چىقىرىشىغا ياردەم قىلدۇق.  شۇ سەۋەپتىن بەزى ئىنسانلار بازار تاپتى؛ بىزدىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىشتەك ئاسان يولنى تاللىغان.

 ئەگەر بىز بىر بىرىمىزنى ئەمەس، بىر بىرمىز بىلەن سۆزلەشسەك، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر تۈگەپ كىتىدۇ.
ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق بىر خىل غەلىتە ئادەت ياكى بىنورمال پىسخىكا باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگە بولغان ھاياتىدىن ۋە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلرىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ھوزۇرسىزلىقى، پالاكەتكە ئۇچۇرشى، ۋەيران بولۇشى ۋە پاجىيەلىرىدىن راھەتلىنىدىغان، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى قانائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلاردىكى بۇ خىل بىنورمال پىسخىكا، بۇ خىل يامان ئادەت، دەل شۇ يامان ئىشلار، يالغانلار، غەيۋەت شىكايەت ۋە پىتنە پاسساتلارنىڭ تىز تارقىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

ئىنسانلار، پەقەت غەيۋەت ئۆزى توغۇرسىدا بولغاندا ئاندىن غەيۋەتنى ياخشى كۆرمەيدۇ

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/03/blog-post.html

Share
2752 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.