logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: مۇسۇبەتتە بىر مىنۇت سۈكۈت

 


ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

مۇسۇبەتتە بىر مىنۇت سۈكۈت

بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار يۆلەككە مۇھتاج، چۈنكى زالىم بىزنى يىقىتىۋەتتى. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تىلەككە مۇھتاج، چۈنكى ئادالەت بىزدىن يىراقلاپ كەتتى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر تەسەللىگە مۇھتاج، چۈنكى ۋىجدانلىق ھەر بىر ئۇيغۇر ھازىدار. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار مۇھەببەتكە مۇھتاج، چۈنكى دۈشمەنگە بولغان نەپرەت كۆزلىرىرىمىزگە بىر بىرىمىزنىمۇ نەپرەتلىك كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى ئۇيغۇر قەدىرلەشكە مۇھتاج، چۈنكى ھەر بىر ئۇيغۇر خەشەكتىن خار. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قانچىلىك خاتالاشسۇن ئاشكارە تۆۋە قىلسىلا چۈشىنىشكە مۇھتاج چۈنكى ھەر بىرىمىزنىڭ بېشىدا بىر دەرت، قەلبىدە بىر ئەلەم، يەلكىسىدە بىر تاغار غەم.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر قوللاشقا مۇھتاج، چۈنكى ھەر قانچە پۇتلىشىپ، تىللىشىپ، چىشلىشىپ يۈرۈپ مەغلۇبىيەتنىڭ پاتقالىرىدا بىر بىرىمىزنىڭ كۆزىگە لاي چاچساقمۇ بىر بىرىمىزنى ئۇتالمايمىز. بىز ئاللىقاچان ئۇتتۇرۇپ بولغان، بىز ھەممىمىز ئىددىيەگە، تاماغا، نەپسانىيەتكە ھۆرلۈكىنى ئۇتتۇرۇپ قويغان قىمارۋاز يېتىمەكلەر. ئەمما ئۆيىمىز، ھويلىمىز بىر، چاقالمايمىز، ئۇيغۇرلۇق ئاللاھ سالغان يولدۇركى، يانالمايمىز، قېرىنداشلىق ئاللاھ چىگكەن باغدۇركى ئۈزەلمەيمىز

ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا تارىختىن بېرى ھىچ قاچان بۇنداق مۇسۇبەت كەلگەن ئەمەس، بۇنداق ماتەمدارلىق بۇ مىللەتتە ھىچ بىر زامان بۇ قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشمىغان. ئۇيغۇردا ھەر قانداق ھازىدارلىق قىرىق كۈندىن ئاشمايدۇ، ئەمما بۇ ھازىدارلىقنىڭ، بۇ يىغا زارەنىڭ، بۇ پەرياتنىڭ تۈگيىدىغان كۈنى باردەك ئەمەس
ئۇيغۇرلار ھەر قانچە قان چېچىشىپ كەتسىمۇ مۇسۇبەت كەلگەندە رەقىبىنىڭ ئۆلۈمىگە داخىل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەر قانچە ئۆچلىشىپ كەتسىمۇ بىر بىرىنىڭ تاۋۇتىنى تالىشىپ كۆتۈرىدۇ. ھەر كۈن غەپلەتتە بولسىمۇ مۇسۇبەت كۈنىدە غەپلەتتە قالمايدۇ. چۈنكى بىزدە ئۆلۈم نەپرەتنى ئۆلتۈرىدۇ، غەزەپنى كۆمىدۇ، نىزانى دەپىن قىلىدۇ
مۇسۇبەت كەلدى، قېرىدناشلىرىم، مۇسۇبەت، ئۇيغۇرنىڭ تىرىكلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرالمىدۇق، ھەرىكەت قىلالمىدۇق، ئەمدى ئۆلۈم كەلگەندە بولسىمۇ بىر مىنۇت سۈكۈت، بىر مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرەيلى! ۋەتەندە، ئەزىز توپرىقىمىزدا، ئاتا بوۋىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان مۇبارەك زېمىنىمىزدا ئىمانىمىز دەسسىلىۋاتىدۇ، غۇرۇرىمىز چەيلىنىۋاتىدۇ، نومۇسىمىز ئاياق ئاستىدا، ئەمما چەتئەللەردىكى بىزچۇ؟ بىر بىرمىزنىڭ پېيىدا، نومۇسسىزلىق سېيىدا، مەككارلىقنىڭ چېيىدا تاماششا قىلىۋاتىمىز. بىر مىنۇت سۈكۈت قىلايلى. قەلىبلەردىكى شۆھرەتپەرەسلىك كېپەنلەنگىچە، ئاداۋەت كۆمۈلگىچە، كۆزلەردىكى ھەسەت دەپىن قىلىنغىچە بىر مىنۇت قىرائەتكە قۇلاق سالايلى، چۈنكى قەلىبلەر ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئەمىن تاپىدۇ

Share
1833 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.